تۇخۇم شاكىلىدىن ئەپچىل پايدىلىنىش
تۇخۇم شاكىلىدا مول كالتسىي بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى تەشتەكتىكى گۈللەرگە ئوغۇت قىلىدۇ ياكى ئۇنىڭغا ھەر خىل رەڭلەرنى بېرىش ئارقىلىق چىرايلىق ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياسايدۇ، بىراق تۇخۇم شاكىلىنى ئىستېمال قىلىشنىڭ پايدىسىنى بىلمەيدۇ.
1. تۇخۇمدا مول ئاقسىل ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بولىدۇ، تويۇنغان ماي كىسلاتاسى يوق دېيەرلىك بولىدۇ، شۇڭا تۇخۇم ئىزچىل ھالدا ئورۇقلىتىش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش ساھەسىدە ‹ئېسىل بۇيۇم›، دېيىلىپ كەلمەكتە. بىراق تۇخۇمنى يېگەندە ھەرگىزمۇ شاكىلىنى تاشلىۋەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭدىكى مول كالتسىيدىن پايدىلىنىپ تۇخۇمدىكى كالتسىي كەملىكنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
2. بالىلاردىكى سۆڭەك يۇمشاقلىشىش كېسىلىنى داۋالاشقا بولىدۇ. تۇخۇم شاكىلىدا %90 تىن يۇقىرى كالتسىي كاربونات ۋە ئاز مىقداردا ناترىي كاربونات، ھىدرو فوسفات قاتارلىق ماددىلار بار بولغاچقا، ئۇنى يۇمشاق سوقۇپ ئىستېمال قىلسا، بالىلاردىكى سۆڭەك يۇمشاقلىشىش كېسىلىگە شىپا بولىدۇ.
3. ئاشقازان ئاغرىقىنى داۋالاشقا بولىدۇ. تۇخۇم شاكىلىنى پاكىزە يۇيۇپ ئۇششاق پارچىلاپ تۆمۈر قازاندا سۇس ئوتتا سارغايغىچە قورۇپ (كۆيدۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ)، ئاندىن يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە بىر تۇخۇم شاكىلىنى 3- 2 قېتىمغا بۆلۈپ تاماقتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن قايناق سۇ بىلەن ئىستېمال قىلسا، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى، ئاشقازان ئاغرىقى ۋە ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كېتىشكە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئاغرىقىنى توختىتىدۇ، كىسلاتالىقىنى يوقىتىدۇ.
تۇخۇم پەردىسىدىن ئەپچىل پايدىلىنىش
تۇخۇم پەردىسىدە مول كوللاگېن ئاقسىلى بولىدۇ، ئۇنى يۈز، بويۇن ۋە ئېڭەكلەرگە چاپلاش ئارقىلىق تەر تۆشۈكچىلىرىدىكى بۇلغانمىلارنى ۋە ئۆلگەن تېرىلەرنى تازىلاشقا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كېسەل داۋالاشقىمۇ بولىدۇ.
1. ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بولۇپ قالغانلار، يارا ئېغىزىغا تۇخۇم پەردىسىنى چاپلىسا تېزلا ساقىيىپ كېتىدۇ.
2. تۇخۇم پەردىسىنىڭ كۆيۈك يارىسىنى داۋالاش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، ئاغرىقنىمۇ تېز توختىتىدۇ. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن بىر دانە يېڭى خام تۇخۇمنى چېقىپ ئېقى بىلەن سېرىقىنى بىر قاچىغا تۆكىۋالىمىز، ئاندىن تۇخۇم پەردىسىنى شاكىلىدىن ئايرىۋالىمىز تۇخۇم شاكىلى بىلەن تۇخۇم پەردىسىنىڭ ئارىسىغا شىپىرىس بىلەن سۇ كىرگۈزگەندە تۇخۇم پەردىسى ئاسانلا بۇزۇلماي پۈتۈن چىقىدۇ، پەردە قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ. پەردىنى يارا ئۈستىگە چاپلاپ 20 مىنۇتتىن كېيىن ئېلىۋېتىپ، تېرىنى 10 مىنۇت نەپەسلەندۈرىمىز، ئاندىن يارا ئۈستىگە باشقا پەردە چاپلاپ 10 مىنۇتتىن كېيىن ئېلىۋەتسەك بولىدۇ. ئەگەر يارا ئېغىرراق بولسا پەردە چاپلاشنىڭ قېتىم سانى ۋە ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتسا بولىدۇ.
تۇخۇم ئېقىدىن ئەپچىل پايدىلىنىش
تۇخۇم ئېقىدا ناھايىتى مول ئاقسىل، مىتىئونىن ۋە ۋىتامىنلار، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار بولۇپ، ھاياتلىقنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا تۇخۇم ئېقىدىن يۈزلۈك ياسىۋالسا قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تەر تۆشۈكچىلىرىنى كىچىكلىتىدۇ، تېرىنى ئاقارتىپ گۈزەللەشتۈرىدۇ.
1. ئادەملەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە يىڭناسقۇ ۋە كۆز قاپىقى ئىچىگە قاپارتقۇلار چىقىپ قالىدۇ، ئۇخلاشتىن ئاۋۋال تۇخۇم ئېقىنى كۆزگە بىرنەچچە تامچە تېمىتىپ قويسا، ئەتىسىلا كۆز ياخشى بولۇپ قالىدۇ.
2. تۇخۇم ئېقىنى يۈزدىكى دانىخورەككە ئازراق سۈرۈپ قويسا ئەتىسىلا خېلى ياخشى بولۇپ قالىدۇ، 3- 2 كۈندىلا ساقىيىپ داغ قالمايدۇ.
3. تۇخۇم ئېقى ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرىدۇ. شۇڭا تۇخۇم ئېقىنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆپكىنى نەمدەپ نەپەس يوللىرىنى ياخشىلايدۇ.
4. تۇخۇم ئېقىدىن پايدىلىنىپ تۇغۇتتىن كېيىنكى ھامىلدارلىق قورۇقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن تۇخۇم ئېقىنى قورساققا ياكى يوتىنىڭ ئىچ يېنى ۋە يۇقارقى بىلەكنىڭ ئىچ يېنىغا سۈرۈپ10 مىنۇتتىن كېيىن ھۆل لۆڭگە بىلەن سۈرتىۋېتىمىز، ئاندىن قورساقنى ئۇۋىلاپ بېرىمىز. ئەگەر تۇخۇم ئېقىغا ئازراق زەيتۇن يېغى قوشۇلسا، زەيتۇن يېغىدىكى ۋىتامىن E تېرە كوللاگېن تالالىرىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ، ۋىتامىن C، ۋىتامىن A قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. ھەر ھەپتىدە2- 1 قېتىم سۈرۈشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرسا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
تۇخۇم سېرىقىدىن ئەپچىل پايدىلىنىش
تۇخۇم سېرىقىدا تۆمۈر، گۈڭگۈرت، فوسفور قاتارلىق مىنېرال ماددىلار ۋە ۋىتامىنلار ناھايىتى مول بولىدۇ. تۇخۇم سېرىقىنى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى، جاۋغايلارنىڭ قۇرۇپ يېرىلىشىنىڭ، تىل ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. تۇخۇم سېرىقى گۈزەللەشتۈرۈش جەھەتلەردىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.
1. تۇخۇم سېرىقىنىڭ تېرىگە نىسبەتەن ناھايىتى كۈچلۈك نەملىك ساقلاش رولى بولىدۇ. شۇڭا تېرىسى قۇرغاقلار يۈزىگە تۇخۇم سېرىقىنى سۈرۈپ بېرىشى كېرەك.
2. تۇخۇم سېرىقىدا تۇخۇم يېغى، لېتسىتىن، ۋىتامىن A، ۋىتامىن E لار ناھايىتى مول بولۇپ، بۇزۇلغان چاچلارنى ناھايىتى ياخشى نەمدەش، چاچ يىلتىزىنى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە ناھايىتى ياخشى ئاسراش رولىغا ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن تۇخۇم سېرىقى، ئاچچىقسۇ (ئاچچىقسۇ چاچنى يۇمشىتىدۇ) ۋە ئادەتتىكى چاچ ئاسراش مەلھىمىنى تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز، ئاندىن چاچنى پاكىزە يۇيۇپ، تەييارلىۋالغان چاچ ئاسراش مەلھىمىنى چاچقا تەكشى چېپىۋېلىپ لۆڭگە ۋە مونچا بۆكى بىلەن چاچنى ئورايمىز، ئاز بولغاندىمۇ 3 مىنۇتتىن كېيىن چاچنى يۇيىۋەتسە بولىدۇ. ئاندىن چاچتىكى غەيرىي پۇراقلارنى يوقىتىش ئۈچۈن چاچ ئاسراش مەلھىمى بىلەن يەنە بىر قېتىم يۇيىۋەتسىلا بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ