تاجىكىستان كېۋەز تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى كېڭەيتتى

0 2011-11-04 11:55:13   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
       بۇ يىل تاجىكىستاندا كېۋەز كەڭ كۆلەمدە تېرىلدى. تاجىكىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيا پاختا باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشى، بولۇپمۇ 2010 - يىلى پاختا باھاسىنىڭ 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشى پاختىكارلارنىڭ كېۋەز تېرىش ئاكتىپچانلىقىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. 2011 - يىلى تاجىكىستان ھۆكۈمىتى 210 مىڭ گېكتار يەرگە كېۋەز تېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ سان 2010 - يىلىدىكىدىن 50 مىڭ گېكتار كۆپ.
      ئالاقىدار ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2010 - يىلى تاجىكىستاندا جەمئىي 31.05 توننا چىگىتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %3.2 ئارتقان، پۈتۈن بىر يىلدا ئېكسپورت قىلىنغان ساپ پاختا 95 مىڭ200 توننىغا يېتىدىكەن، قىممىتى 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇ شۇ يىللىق ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %17 ىنى ئىگىلەيدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر