ئۆزبېكىستان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسىنى ئاچماقچى

0 2011-11-04 11:52:50   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
           ئۆزبېكىستان 2011 - يىلى 9 - ئايدىن باشلاپ پايتەخت تاشكەنت بىلەن ئۆزبېكىستاندىكى 2 - چوڭ شەھەر سەمەرقەنت ئارىلىقىدا مۇساپىسى mk360 لىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسىنى ئاچماقچى بولدى. بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
      بۇ يىل 7 - ئايدا ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك تۆمۈريول شىركىتى بىلەن ئىسپانىيەنىڭ ‹setnetaP oglaT› شىركىتى بىرلىكتە ئىمزالىغان سېتىۋېلىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئۆزبېكىستان ئومۇمىي سوممىسى 38 مىليون ياۋرولۇق 2 يۈرۈش (4 پاراۋۇز ۋە 18 ۋاگوننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ‹250 - oglaT› تىپلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز كىرگۈزدى.
      يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز سېتىۋالىدىغان مەبلەغنى ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك تۆمۈريول شىركىتى بىلەن ئۆزبېكىستان گۈللىنىش تەرەققىيات فوندى بىرلىشىپ چىقاردى، ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك تۆمۈريول شىركىتى يەنە 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ ئاجرىتىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى. كېيىن بۇ تۆمۈريول يەنە بۇخارا ۋە خىۋا قاتارلىق شەھەرلەرگىمۇ تۇتاشتۇرۇلىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر