قازاقىستان كاسپى دېڭىزىدا جىددىي ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش بازىسىنى قۇرماقچى
قازاقىستان مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تۇرمىگانبېتوۋ يېقىندا ئاستانە شەھىرىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: قازاقىستان ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان كاسپى دېڭىز تەۋەلىكىدە جىددىي ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش بازىسىنى قۇرۇپ، نېفىت ئېقىپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى. مەزكۇر بازا قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈچىنچى دەرىجىلىك نېفىت ئېقىپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ.
مۇئاۋىن مىنىستىر تۇرمىگانبېتوۋ يەنە مۇنداق دېدى: ھازىر كاسپى دېڭىز رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان جىددىي ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش بازىلىرى پەقەت ئىككىنچى دەرىجىلىك نېفىت ئېقىپ كېتىش ئەھۋالىنىڭلا ئالدىنى ئالالايدۇ.
ناۋادا قازاقىستاندىمۇ مېكسىكىدا يۈز بەرگەن ئۈچىنچى دەرىجىلىك نېفىت ئېقىپ كېتىشتەك ئەھۋاللار توساتتىن يۈز بەرسە، قازاقىستان تەرەپ ئامالسىز قالىدۇ. كاسپى دېڭىزىغا ئورۇنلاشقان ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ نېفىتلىك - كاشكان نېفىتلىكىنىڭ قېزىلىش مىقدارى بەش مىليارد توننىغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ قېزىلىش بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭلاشقا، دۆلەت تېزدىن مەبلەغ ئاجرىتىپ، كاسپى دېڭىز رايونىدا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش بازىسىنى قۇرۇشى كېرەك.
باس - باس تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر سەھىپىسدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇنى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ روخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
ئەگەر بۇ ژرونالنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز 13899994307 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ مۇشتىرى بۇلۇڭ!