
شۇ يەر ۋاقتى 11-دېكابىر، موسىكۋا شەھەر مەركىزىدە پۇتبول مەستانىلىرى قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇپ، 65 ئادەم قولغا ئېلىندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ساقچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 ئادەم يارلىنىپ دوختۇرخانىغا ئىلىپ بېرىلدى. رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋەقەنى سول قانات ياشلار قۇترىتىپ قوزغاتقان، دېدى.
تەخمىنەن 5 مىڭغا يېقىن ئوخشاش بولمىغان تەشكىلات، ئامما ۋە پۇتبول مەستانىلىرى، مىللىي مەسلەك تەشكىلاتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى موسكۋا شەھەر مەركىزىدىكى مەيداندا قانۇنسىز يىغىلىش قىلغان. ئاخىرىدا ساقچىلار بىلەن توقۇنىشىپ قېلىپ قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن.





