ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئىجتىمائىي خەۋەرلەر >>
ئىدىقـۇت بــاغـرىـدىـكـى ھىكـــايـــە
يوللىغان ۋاقىت:2010-06-17 23:00:31  يازغۇچى:نەزەر  كىلىش مەنبەسى:يىزا مەكتەپ پىدائىيلىرى  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

ئىدىقۇت باغرىدىكى ھىكايە

 

باشقا يەرنىڭ كىشىلىرى «تۇرپان» دېگەن نامنى ئاڭلىغان ھامان كۆز ئالدىغا ئىدىقۇت تېغى،كارىز، بۇيلۇق، يارغۇل قەدىمىي شەھىرى،ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى قاتارلىق جايلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ، يا بولمىسا «غەربكە ساياھەت» فىلىمىدىكى تۇرپانغا مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلەيدۇ.

بۈگۈن ساياھەتچىلەر ھەممە جاينى قاپلىغان بۇ دىيارغا يەنە بىر تۈركۈم ئادەمنىڭ ئايىغى يەتتى. ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئاجايىپ-غارايىپ جايلارنى ساياھەت قىلىش ئىستىكى ئۇرغۇپ تۇرسىمۇ لېكىن قەلبىدىكى بۇرچ تۇيغۇسى ئۇلارنى بۇنداق گۈزەل جايلاردا توختىغىلى قويمايتتى. ئۇلار دەرۋىش ئەمەس ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ چەت يېزا-كەنت مەكتەپلىرىنى ئايلىنىپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ، تاماق يەپ يۈرۈشىنىڭ مەقسىدى ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان باھار پەسلىگە يېڭى قىممەت ئاتا قىلىش ئىدى.

-2010يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، يېزا مەكتەپ پىدائىيلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى يالقۇن ئوسمان، ياقۇپ كېرەم، ۋاڭ بىن، سەھەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى چېن فېڭ، قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئەزھەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، داڭلىق تەرجىمان دىلشات سۇلتان، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن پروفېسسورى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى، ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئىككىنچى يۈرۈش قانىلى «چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر» سەھىپىسىنىڭ خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا ئادەم «ئوت يۇرتى» دەپ نامى بار بۇ زېمىنغا قەدەم قويدى. ماشىنا ئىچى تونۇردەك قىزىپ كەتكەن بولۇپ، دېرىزىنى ئاچسىڭىزلا بىر خىل ئىسسىق ئېقىم ماشىنىغا ئېقىپ كىرەتتى. يالقۇنتاغ باشلانغۇچ مەكتىپىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، سىنىپقا كىرسەكمۇ، ئۈجمە سايىسىغا بارساقمۇ ئىسسىق دەستىدىن ئادەم ھورداققا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالاتتى. ھاۋادا بىر خىل ئادەمنى تۇنجۇقتۇرۇپ تۇرىدىغان ئىسسىقلىق ھۆكۈم سۈرەتتى. ئۈستى-بېشىمىزدىن قۇيۇلۇپ تۇرغان تەرنى سۈرتۈپ ئۈلگۈرەلمەيتتۇق. ئىئانىمىزنى قوبۇل قىلغان تەرەپنىڭ قىزغىنلىقى تۇرپاننىڭ ئىسسىقىدىنمۇ ئارتۇق بولۇپ ئادەمنى تەسىرات دېڭىزىغا غەرق قىلاتتى.

مەكتەپ قورۇسىدا كۆزىگە تۇنجى بولۇپ چېلىقىدىغىنى ھەرخىل ئۈرۈك،ئۈجمە دەرەخلىرى ئىدى. بۇ كۆرۈنۈش بىزدەك ئۇزاق مەزگىل شەھەردە ياشاپ كۆنۈپ قالغانلارغا باشقىچە تەسىرات بېرەتتى. پىشقان مېۋىلەرگە قاراپ ئېغىزىڭىزغا سېرىق سۇ يىغىلاتتى. كاللىڭىزغا 150تىن ئوشۇق ئادىمى بار  بۇ مەكتەپ قورۇسىدا بالىلار بۇ مېۋىلەرگە نېمىشقا چېقىلمىغاندۇ دېگەن خىيال پەيدا بولاتتى. ئەسلىدە مەكتەپ يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئوقۇغۇچىلارغا مېۋىلەرنى ئۈزمەسلىك، بىز كەلگۈچە ساقلاپ قېلىش ھەققىدە تەربىيە قىلغان ئىكەن. بىز مەكتەپنىڭ بۇ تەدبىرىدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمىدۇق.

ئىئانە پائالىيىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، مەن باشلىق بەزى پىدائىيلار ئىختىيارسىز ھالدا مەكتەپ قورۇسىنى ئايلاندۇق. بىز  بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان ئوقۇغۇچىلار ئانچە پىششىق بولمىغان خەنزۇ تىلىدا بىزگە سالام قىلاتتى. ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغان بىر ئىش، بىر ئوغۇل دەرەخكە چىقىپ بىزگە مېۋە ئۈزۈپ بەردى. بىز شادلىنىپ مېۋە يەۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ چىرايىغا بىرخىل رازىمەنلىك تۇيغۇسى يامرىدى. 

ئىئانە قىلىش مۇراسىمى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ چاغدا  بۇ يەرنىڭ تېمپىراتۇرىسى38  گرادۇسقا چىققان ئىدى. ناۋادا پىدائىيلىق پائالىيىتى سەۋەپ بولمىغان بولسا، نۇرغۇن ئادەم بۇنداق ئىسسىقتا بۇ يەرگە كېلىپ جۇغلاشمىغان بولاتتى. قاتتىق ئىسسىق دەستىدىن سەھنىدىكى چوڭلاردىن تارتىپ پەستە تۇرغان كىچىك دوستلارغىچە قىينىلىپ كېتىۋاتاتتى.شۇڭا پىدائىيلارنىڭ باشلىقى يالقۇن ئوسمان ئىئانە بېرىش مۇراسىمىنى ئىمكان قەدەر قىسقارتىشقا تىرىشتى. كومپيۇتېر ئىئانە قىلىش، كىتاب ئىئانە قىلىش، ئىمزا قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر قىسقارتىلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىزگە تەييارلىغان بىر قىسىم نومۇرلىرىمۇ قىسقارتىلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت بېيجىڭلىق كارخانىچى جوۋشۈەن خانىمنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئۇ پىچان ناھىيە تۇيۇق يېزا يالقۇنتاغ باشلانغۇچ مەكتەپكە ئون كومپيۇتېر ۋە كومپيۇتېر ئۈستىلى ئىئانە قىلغان ئىدى. ئۇندىن باشقا، نەق مەيداندا مەشھۇر تەرجىمان، ئەدىب دىلشات سۇلتان مەكتەپكە1500  يۈەن قىممىتىدىكى بالىلار كىتابى تەقدىم قىلدى؛ پىدائىي ئابدۇشۈكۈر ئابلا 200 يۈەن قىممىتىدە كىتاب ئىئانە قىلدى. ئارىلىقتا بىز مەكتەپنىڭ كومپيۇتېر دەرسخانىسىنى زىيارەت قىلدۇق، ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇق. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق. شەھەرلىكلەرگە يېزا بىلەن شەھەرنىڭ مائارىپ بايلىقى ئوتتۇرىسىدىكى غايەت زور پەرقنى ھېس قىلدۇرۇش، يىراق سەھرالاردىكى بالىلارنىڭ مۇشۇنداق ناچار شارائىتتا بىلىم ئېلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى شەھەرلىكلەرگە بىلدۈرۈش، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ بېرىۋاتقان قۇربانلىقلىرىنى جامائەتكە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2-يۈرۈش قانىلى «چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر» سەھىپىسىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىنى قۇربان قىلىپ، بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە باشتىن-ئاياغ ئىشتراك قىلدى ۋە ئىئانە پائالىيىتىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن سۈرەتكە ئالدى.  يالقۇنتاغ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ  مائارىپ، كەلگۈسى ھەققىدىكى يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇلار بۇ قېتىمقى نەق مەيدان پروگراممىسى ئارقىلىق يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ  پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى، بۇندىن كېيىن يېقىندىن ھەمكارلىشىش ھەققىدىكى ياخشى تىلەكلىرىنى بايان قىلدى.

كەچتە ناھايىتى چوڭ ئۈجمىلىك ھويلىدا ئارام ئالدۇق. بۇ ھويلىنى بىر مۇزېيغا ئوخشىتىشقا بولاتتى. قەدىمكى تۈگمەن، يىپ ئىگىرىدىغان چاق، جىن چىراغ، يار-يار ھارۋىنىڭ چاقى ئادەمنى چوڭقۇر خىياللارغا سالاتتى. گىرەلىشىپ كەتكەن ئەر-خوتۇن ئۈجمىنىڭ تارىخى ئىككى يۈز يىلدىن ئاشىدىغاندەك قىلاتتى، شاخلىرى غايەت زور كۈنلۈك كەبى بىزنى يامغۇر يېشىدىن قوغدايدىغاندەك سايە تاشلاپ تۇراتتى.

كېچە ئەتراپتىن قۇرت–قوڭغۇزلارنىڭ، قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازى كېلەتتى. پاشىلار غىڭشىپ ئاۋاز چىقىراتتى. شۇنداقتىمۇ، ئادەم بۇ يەردە شۇنچىلىك راھەتلىك ئۇيقۇغا غەرق بولاتتى.

ئەتىگەندە بىز ئۆزگىچە ئۈجمە قېقىش مۇراسىمىغا داخىل بولدۇق. بۇ ئۈجمە بەك چوڭ بولغاچ، ئادەتتىكى ئۇسۇلدا ئۈجمىسىنى ئالغىلى بولمايتتى. تۆت ئايال يوغان بىر شالدىرشاپنى تۆت بۇرجىكىدىن تۇتۇپ ئۈجمىنىڭ ئاستىدا تەييار تۇردى. بىر ئەر ئۈجمە دەرىخىگە چىقىپ ئۈجمىنى ئېغىتتى. ئۈجمە شالدىرشاپقا يامغۇردەك تۆكۈلدى.

خوشلىشار چاغدا مەكتەپ مۇدىرى ئۇنىمىغىنىمىزغا قويماي بىزگە يەرلىك مېۋىلەردىن يوللۇق تۇتتى. بىز قىممىتىنى پۇل بىلەن ئۆلچەش تەس بولغان بۇ سوۋغىلارنى كۆتۈرۈپ، ھاياجان دەرياسىغا غەرق بولدۇق.

قايتىش يولىدا كېتىۋاتاتتۇق. ئىسسىقنىڭ تەپتى ھېلىھەم ئاجىزلىشىدىغاندەك قىلمايتتى. بىز «شوپۇرىمىز» يالقۇن ئوسماننىڭ چارچاپ مۈگدەپ قالماسلىقى ئۈچۈن، نۆۋەت بىلەن ئۇنى كۈلدۈرۈشكە، روھلاندۇرۇشقا تىرىشتۇق.

ئىسسىق ھاۋاغا ماسلىشالمىدىممۇ ياكى بەك چارچاپ كەتتىممۇ، ئۆيگە كېلىپلا كەچلىك تاماقنى ھاپىلا شاپىلا يېدىم-دە، ساپادىلا ئۇيقۇغا غەرق بولدۇم. ئويغانسام ئايالىم كۆيۈنگەن ھالدا:«بۇنداق خاتىرجەم، راھەتلىك ئۇخلىغىنىڭىزنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتىكەن» دېدى.

 

 

ئاپتورى: ۋاڭ بىن

سۈرەتكە تارتقۇچى: چېن فېڭ

ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى تەرجىمىسى

ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2010/0617/article_8978.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
ئىدىقـۇت بــاغـرىـدىـكـى ھىكـــايـــە
ئىدىقـۇت بــاغـرىـدىـكـى ھىكـــايـــە
دۇنيادىكى 10 چوڭ سىر
دۇنيادىكى 10 چوڭ سىر
گىتلېر ئۆلىمىنىڭ سىرى
گىتلېر ئۆلىمىنىڭ سىرى
غەزەپلەنگەن ئايال ئىرىنى 42 شاپلاق ئۇردى
غەزەپلەنگەن ئايال ئىرىنى 42 شاپلاق ئۇردى
ئادەم بەدىنىنىڭ سىرى
ئادەم بەدىنىنىڭ سىرى
قوش باشلىق بوۋاق
قوش باشلىق بوۋاق
پىللار قىرىندىشىنى ئۇزاتتى
پىللار قىرىندىشىنى ئۇزاتتى
بوغما يىلاننىڭ ئوۋ ئوۋلىشى
بوغما يىلاننىڭ ئوۋ ئوۋلىشى
 
 
ناخشا موزىكىلار ئارامگاھى
تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ