(بېشى ئالدىنقى ساندا)
2. تەبىئىي مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل، تاغۇ - دەريالىرىنىڭ ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئىپتىدائىيلىقى زور جەلپكارلىققا ئىگە
ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقلار ۋە بىپايان يايلاقلار بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھەيۋەتلىك تاغ چوققىلىرى ۋە سۇلىرى سۈزۈك كۆل - دەريالىرى بار. پامىر ئېگىزلىكىدە كۆمۈشرەڭ ئاق لىباس كىيگەن قارلىق چوققىلار قەد كۆتەرگەن، مۇزلۇقلار كەڭ تارقالغان، بۇلار شىمالىي جۇڭگو مەنزىرىسىنى ئەسلىتىدۇ؛ فەرغانە ئويمانلىقىدا گۈزەل تاغ - دەريالار بار، دەريا ئېقىنلىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ پۈتۈن ئويمانلىققا تارقالغان، بۇ مەنزىرە قويۇق جەنۇبىي جۇڭگو تۈسىگە ئىگە؛ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت »قۇملۇق دۆلىتى«، »ئوتلاق دۆلىتى«، »تاغلىق دۆلىتى«، »ئاق ئالتۇن دۆلىتى«، »بۇلۇت دۆلىتى« ۋە »ئالتۇن رەڭ بۆشۈك دۆلىتى« قاتارلىق ناملار بىلەن تەرىپلىنىپ كەلمەكتە؛ ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىدا كۆپلىگەن دەريالار بار، ئۇلار سىر دەرياسى، ئىرتىش دەرياسى، ئىلى دەرياسى، ئۇرال دەرياسى، ئامۇ دەرياسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت؛ ئىسسىق كۆل، بالقاش كۆلى، بالاۋوي كۆلى، زايسان كۆلى، ساسىقكۆل، ماركاكول كۆلى، ئارال دېڭىزى ۋە كاسپى دېڭىزى قاتارلىق داڭلىق دېڭىز - كۆللەر بار؛ پامىر ئېگىزلىكى، »ئوتتۇرا ئاسىيا باغچىسى« − فەرغانە ئويمانلىقى، تاشكەنت بوستانلىقى، قازاق يايلىقى، قاراقۇم قۇملۇقى، قىزىلقۇم قۇملۇقى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىمۇ دۇنياغا داڭلىق. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن باشلاپلا ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشقا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يەردىكى دەريا ئېقىنلىرى، دەريا - كۆللەر، يايلاق، قۇملۇق، بوستانلىق قاتارلىقلار سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ۋە بۇلغىشىغا ئىنتايىن ئاز ئۇچرىغان، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى خېلى ياخشى، تەبىئىي مەنزىرىسى ئىپتىدائىي گۈزەللىكىنى ساقلاپ قالغان.
»ئۈچ كۆل، بىر جىلغا، ئۈچ چوققا، بىر مەيدان« بولسا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە تەبىئىي مەنزىرىلىك ساياھەت مەنبەسىدۇر. <<ئۈچ كۆل>> ئىسسىق كۆل (قىرغىزستاندا)، بالقاش كۆلى (قازاقستاندا) ۋە بالاۋوي كۆلى (قازاقستاندا) نى كۆرسىتىدۇ؛ <<بىر جىلغا>> ۋارزوب تاغ جىلغىسى(تاجىكىستاندا) نى كۆرسىتىدۇ؛ <<ئۈچ چوققا>> سومنى چوققىسى، كرنيېۋو چوققىسى ۋە لېنىن چوققىسى (ئۇلارنىڭ ھەممىسى تاجىكىستاندا) نى كۆرسىتىدۇ؛ <<بىر مەيدان>> مەيدىئو ئېگىز تاغ چاڭغا تېيىلىش مەيدانى (قازاقستاندا) نى كۆرسىتىدۇ.
ئىسسىق كۆل: ئىسسىق كۆل ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمى )قىرغىزستان بۆلىكى( غا جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داڭلىق مەنزىرە ساياھەت نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ، ئەزەلدىن »ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نۇرلۇق مەرۋايىتى« دېگەن نامى بار. بۇ كۆل ئۆزئارا پاراللېل بولغان ئىككى يۆنىلىشتىكى تەڭرىتاغ تىزمىسى - كۇنگەي تېغى بىلەن تەرسكەي تېغىنىڭ ئورىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئەڭ سۈزۈك كۆل ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 600 1 مېتىر، ئەڭ تېرەن يېرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 700 مېتىر، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئېگىز تاغ چوڭقۇر سۇ كۆلى دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما سۈيى يىل بويى مۇز تۇتمايدۇ، مەنزىرىسى ئۆزگىچە، شۇڭا <<ئىسسىق كۆل>> دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە بۇ جاي دۆلەت رەھبەرلىرى داۋالانغاچ دەم ئالىدىغان مەنزىرە نۇقتىسى بولۇپ، كۆل ئەتراپىغا كۆپلىگەن ساناتورىيىلەر سېلىنغان، ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ يەرگە كېلىپ دەم ئالىدىغان ساياھەتچىلەر نەچچە مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ.
بالقاش كۆلى: بالقاش كۆلى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمى (قازاقستان بۆلىكى) غا جايلاشقان بولۇپ، ئىلى دەرياسى سۈيىنىڭ يىغىلىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن، كۆلىمى 17 - 22 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ كۆلنىڭ غەربىي يېرىم بۆلىكىدىكى سۇ تۇزلۇق سۇ، شەرقىي يېرىم بۆلىكىدىكى سۇ تاتلىق سۇ، بۇ ئىككى بۆلەك ئوتتۇرىدىكى تار سۇ يولى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلىدۇ. بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە، كىشىگە ھوزۇر بەخش ئېتىدۇ، كۆل رايونى ئەتراپىغا ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى ساناتورىيە ۋە دەم ئېلىپ ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنغان. قىسقىسى، بالقاش كۆلى ئەتراپىدىكى جايلار ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داۋالىنىش ۋە دەم ئېلىش ئورنى ھېسابلىنىدۇ.
بالاۋوي كۆلى: بالاۋوي كۆلى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، قازاق يايلىقى بىلەن سىبىرىيە يايلىقىنىڭ كېسىشكەن ئورنىغا توغرا كېلىدۇ، كۆل ئەتراپى قەۋەت - قەۋەت تاغلار بىلەن ئورالغان ھەمدە ياپيېشىل قارىغايلار بىلەن قاپلانغان؛ كۆل يۈزىدىكى تۇمان دولقۇنىنىڭ چېكى يوق، يەلكەن سايىلىرى چېكىتتەك كۆرۈنىدۇ؛ كۆل بويى ياپيېشىل چىملىق بىلەن قاپلانغان بولۇپ، قىزىل گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن، ئۇ يەر - بۇ يەردە ئۆيلەرنى چېلىقتۇرغىلى بولىدۇ، بۇ جاينى »يېرىمى تاغ مەنزىرىسى، يېرىمى كۆل مەنزىرىسى«، دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يەرنىڭ ئەزەلدىنلا »ئاسىيادىكى كىچىك شۋېتسارىيە«، دېگەن گۈزەل نامى بار، ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە جەلپ قىلىدۇ.
ۋارزوب تاغ جىلغىسى: ۋارزوب تاغ جىلغىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ساياھەت قىلغاچ دەم ئېلىش بىلەن كېسەل داۋالاش بىر گەۋدە قىلىنغان داڭلىق مەنزىرىلىك جايدۇر. بۇ تاغ جىلغىسىدا دۇنياغا مەشھۇر يەر ئىسسىقلىق مەنبەسى بار بولۇپ، تەركىبىدە رادون قاتارلىق ئېلېمېنتلار بولغان يەر ئاستى پارى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يەر ئاستىدىن يەر يۈزىگە ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدۇ. ھەر يىلى ياز پەسلىدە ۋارزوب تاغ جىلغىسى پۈتۈنلەي سايىلىشىپ كېتىدۇ، دەريا سۈيى ئۆركەشلەپ ئېقىپ تۇرىدۇ، سالقىن ھاۋاسى كىشىگە ئاجايىپ ھوزۇر بېغىشلايدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە بۇ جاي تۈركۈم - تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى ۋە دۆلەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئىلغار خىزمەتچىلەرنى كۈتۈۋالاتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 1991 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندا بۇ ساناتورىيىنىڭ دەم ئالغاچ داۋالىنىش كېنىشكىسى 1995 - يىلىغىچە تارقىتىلىپ بولۇنغانىدى. ھازىر، بۇ تاغ جىلغىسىنى بويلاپ سېلىنغان ھەر خىل يازلىق لاگېر، دەم ئالغاچ ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئورنى ۋە ساناتورىيىلەرنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
ئۈچ چوققا: ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان »دۇنيانىڭ ئۆگزىسى«، دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان پامىر ئېگىزلىكىدىكى تەڭرىتاغ تاغ تىزمىلىرى ئىچىدە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 000 7 مېتىردىن ئاشىدىغان ئېگىز چوققىلار خېلى كۆپ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغان ئۈچ چوققا ئايرىم - ئايرىم ھالدا سومنى چوققىسى (ئەسلى نامى <<كوممۇنىزم>> چوققىسى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 495 7 مېتىر، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر زېمىنىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ) ، كرنيېۋو چوققىسى (ئەسلى نامى <<غالىبىيەت>> چوققىسى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 934 7 مېتىر) ۋە لېنىن چوققىسى (134 7 مېتىر) دىن ئىبارەت. ھەر يىلى كۆپلىگەن ئىنتايىن مۇھىم خەلقئارالىق تاغقا چىقىش پائالىيەتلىرى مۇشۇ ئۈچ چوققىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ جاينى ساياھەتچىلەر ۋە ئېگىز تاغ ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرىنىڭ شادلىق باغچىسى، دېيىشكە بولىدۇ.
مەيدىئو ئېگىز تېغى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى: قازاقستاننىڭ ئالمۇتا شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان مەيدىئو ئېگىز تاغ چاڭغا تېيىلىش مەيدانى ئاسىيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئېگىز تاغ چاڭغا تېيىلىش مەيدانى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە ئېگىز چوققىلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇ چوققىلار ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان، ھاۋاسى ساپ، قۇياش نۇرى يېتەرلىك، مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئون مىڭ ئادەم پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىغان ئېگىز تاغ تەنتەربىيە مەركىزى ۋە ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان »چىمبۇلاق« ئېگىز تاغ چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ بۇ يەردە قۇرۇلۇشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زور تۈركۈمدىكى چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلدى. روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 2005 - يىلى قازاقستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، قازاقستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ بىلەن بىرلىكتە ئالدىراش ئەھۋالدىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ، مەيدىئو ئېگىز تاغ چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا چاڭغا تېيىلىشنىڭ لەززىتىنى سۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.
3. كۆپ مىللەتلىك رايون بولۇپ، قويۇق مىللىي تۈسكە ئىگە
ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئاھالىلار كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، قازاقستاندىلا 130 دىن ئارتۇق مىللەت بار، تاجىكىستاندا 105 مىللەت بار. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نوپۇسى بىرقەدەر كۆپ بولغان مىللەتلەر قازاق، رۇس، ئۇكرائىن، ئۆزبېك، نېمىس مىللىتى، تۈركمەن، تاتار، ئەزەربەيجان مىللىتى، ئۇيغۇر، چاۋشيەن مىللىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسى، ئۆزگىچە ئۆرپ - ئادىتى، رەڭگارەڭ مەدەنىيەت - سەنئىتى ۋە ئوخشاشمايدىغان تىل - يېزىقى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كىشىنى تېخىمۇ مەھلىيا قىلىدىغان سېھرىي كۈچ ئاتا قىلدى. ئۆزىگە خاس تەبىئىي مەنزىرىسى بىلەن رەڭگارەڭ مىللىي ئۇسلۇبتىكى مەدەنىيەت ئۆزئارا بىرىكىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھەتچىلىكىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى فەرغانە ئويمانلىقىدا 100 دىن ئارتۇق مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ ئوخشاش بىر ئېگىزلىكتە قوي بېقىۋاتقانلىقى ۋە ئوخشاش بىر ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى ئىچىۋاتقانلىقىدەك ئاجايىپ مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنداق مەنزىرىنى دۇنيادىكى باشقا جايلاردا قەتئىي ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى قويۇق مىللىي تۈسكە ئىگە بولۇپ، تۆۋەندە بىرنەچچە مىسالنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.
قىرغىزستاننىڭ ماناس كەنتى: »ماناس« بولسا قىرغىز مىللىتى خەلقلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئىجادىيىتى بولۇپ، ئەسىرلەردىن بۇيان ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ كەلگەن قەھرىمانلىق داستانى، بۇ داستاننىڭ ئۇزۇنلۇقى <<ئېليادا>> داستانىنىڭ 14 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ماناس كەنتى قىرغىزستان ھۆكۈمىتى<<ماناس>> داستانىنىڭ 000 1 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مەخسۇس سالغان قۇرۇلۇشلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر. چەت ئەللىك مېھمانلار قىرغىزستان پايتەختىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، ئالدى بىلەن بۇ كەنتنى تاللايدۇ. كەنت ئىچىدە چەت ئەل دۆلەت رەھبەرلىرى زىيارەتكە كەلگەندە كۆچەت تىكىپ خاتىرە قالدۇرۇشى ئۈچۈن مەخسۇس بىر جاي ئاجرىتىلغان. تا ھازىرغىچە ھىندىستاننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى رائول، قازاقستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى كېرىموۋ ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن قاتارلىقلار بۇ يەرگە كېلىپ كۆچەت تىكتى.
قازاقستاننىڭ قازاقچە ئۇسسۇلى: قازاق مىللىتىنىڭ ئۇسسۇل سەنئىتى قازاق مىللىتىنىڭ تۇرمۇش قىياپىتىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، قويۇق چارۋىچى مىللەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. 2006 - يىلى دەۋخەھتە ئۆتكۈزۈلگەن 15 - نۆۋەتلىك ئاسىيا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى ناخشا - ئۇسسۇل كۆرىكىدە قازاقستاننىڭ قازاقچە ئۇسسۇلى، ھىندىستاننىڭ كاتاكارى ئۇسسۇلى، تايلاندنىڭ ئەنئەنىۋى كوڭ ئۇسسۇلى، بالى ئارىلىنىڭ رېگون ئۇسسۇلى، جۇڭگونىڭ جىڭجۈي تىياتىرى ۋە ياپونىيىنىڭ ناخشا - ئۇسسۇلى قاتارلىقلار بىرلا ۋاقىتتا كۆرسىتىلدى. بۇنىڭدىن قازاقستاننىڭ قازاقچە ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ نەقەدەر يۇقىرى شۆھرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. قازاقچە ئۇسسۇل ئات ئۈستىدىكى تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان بولۇپ، قول ھەرىكىتىدە كۆپرەك مۇرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئاساس قىلىنىدۇ، پۇت ھەرىكىتىدە بولسا ئات قەدىمى ئېلىنىدۇ، كۈچلۈك ھەم كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغان، ئارغىماقنىڭ بىپايان يايلاقتا چېپىپ كېتىۋاتقان مەغرۇرانە قىياپىتىنى جانلىق ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سۈت سېغىش، يۇڭ قىرقىش، قوي ۋە تۆگە يۇڭىدىن كىگىز توقۇش، بورا ئۆرۈش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىمۇ قازاقچە ئۇسسۇل سەنئىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
تۈركمەنىستاننىڭ ئاخاركىن نەسىللىك ئات مەيدانى: ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر مىللەت خەلقى قەدىمدىن تارتىپلا بىپايان كەڭ يايلاقلاردا ياشاپ كەلگەن بولۇپ، ئاتقا نىسبەتەن چوڭقۇر مېھرى - مۇھەببىتى بار. تۈركمەنىستاننىڭ ئاخاركىن ئېتى 000 3 يىلدىن كۆپرەك ئىزدىنىش ئارقىلىق يېتىشتۈرۈپ چىقىلغان ئەڭ قەدىمىي ھەم ئەڭ قىممەتلىك ئات نەسىللىرىنىڭ بىر تۈرىدۇر. بۇ خىل نەسىلدىكى ئاتنىڭ تەن تۈزۈلۈشى تەكشى، قامەتلىك ھەم ھەيۋەتلىك، كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، چېپىش سۈرئىتى تېز، چىداملىق، قەدەملىرى يېنىك ھەم چەبدەس. گېرمانىيە، روسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ داڭلىق ئات نەسىللىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاخاركىن ئېتى بىلەن شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېتىشتۈرۈپ چىقىلغان. ئاخاركىن ئېتى يەنە <<دۇلدۇل>>، <<داۋەن ئېتى>> ۋە <<قانرەڭ بىباھا ئات>>، دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. بۇ خىل ئات تارىختىن بۇيان ئاساسلىقى ئوردىلاردا ئىشلىتىلىپ كەلگەن. ئالېكساندېر. ماچدون، چىڭگىزخان، خەن ۋۇدى قاتارلىق قەدىمكى زاماندىكى شاھلار ھەم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مارشالى ژۇكوۋ ئىلگىرى ئاخاركىن ئېتىنى دائىملىق مىنىدىغان ئېتى قىلغانىدى. خەن ۋۇدى بۇ ئاتنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم زور قوشۇنىنى داۋەن ئېلىگە يۈرۈش قىلدۇرغانىدى. تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخاباد شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئاخاركىن نەسىللىك ئات مەيدانى دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، مەزكۇر ئات مەيدانىدا 000 2 تۇياققا يېقىن ئاخاركىن ئېتى بار، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ <<قانرەڭ بىباھا ئات>> كۆندۈرۈش - بېقىش بازىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئات مەيدانىنىڭ چەۋاندازلىق ھەۋەسكارلىرى كۆڭلىدىكى ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇ كىشىلەرنىڭ تۈركمەنىستان دۆلىتىنىڭ »ئات مەدەنىيىتى« دىن ھوزۇر ئالىدىغان ۋە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بېقىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان ياخشى جايدۇر.
ئۆزبېكىستاننىڭ بازىرى: بازار مەدەنىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ سېھرىي كۈچكە ئىگە تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئۆزبېكىستان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولغانلىقتىن، بازار مەدەنىيىتىمۇ ئىنتايىن ئۆزگىچە. بازاردا كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان ھەر خىل تاۋارلارنىڭ ھەممىسى بار بولۇپ، ئۈزۈلمەستىن ئۆتۈشۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر توپىمۇ زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. نەچچە ئونلىغان مىللەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان تېرە رەڭگى، ئۇستىخان تۈزۈلۈشى، كۆزى ۋە يۈرۈش - تۇرۇشى كىشىلەرنىڭ كۆزىنى چاقنىتىدۇ. ئوخشاش بولمىغان نۇسخىدىكى كىيىم - كېچەك، باش كىيىم، پلاش، ئۆتۈك ۋە زىبۇ - زىننەتلەر ئۆزئارا قوشۇلۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قويۇق مىللىي تۈسكە ئىگە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، شۇڭا بازارنى ئۆزبېكىستاندىكى ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشىنىشتىكى ئەڭ ياخشى جاي، دېيىشكە بولىدۇ.
تۈركمەنىستاننىڭ دۆلەتلىك گىلەم مۇزېيى: ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ گىلەملىرى ئەزەلدىنلا دۇنياغا مەشھۇر بولۇپ، تۈركمەنلەر توقۇغان گىلەم ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئەڭ داڭلىق. تۈركمەنىستان گىلىمى ھەممىگە مەلۇم بولغان ئەلا سۈپەتلىك قاراكۆل ئىنچىكە قوي يۇڭىدىن توقۇلغان بولۇپ، كۆركەم نەقىش - رەڭلىرى ۋە كامالەتكە يەتكەن ھۈنەر - سەنئىتى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان. ئاشخاباد شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان تۈركمەنىستان دۆلەتلىك گىلەم مۇزېيى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ »گىلەم مەدىنىيىتى« نى تاماشا قىلىدىغان ھەم ئۇنىڭدىن بەھر ئالىدىغان ئەڭ ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇزېيدا ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردىكى ئوخشاشمىغان نەقىشلەردە توقۇلغان گىلەم، ئاسما زىلچا، جەينىماز، خۇرجۇن، كىگىز مەلەڭزە قاتارلىق 000 1 خىلدىن ئارتۇق بۇيۇم يەرمەنكە قىلىنماقتا. تۈركمەنىستاندا »گىلەم گىلەم توقۇغۇچىلارنىڭ چۈشى«، دېگەن قەدىمكى ماقال - تەمسىل بار، تۈركمەنىستان دۆلەتلىك گىلەم مۇزېيىدا يەرمەنكە قىلىنىۋاتقان گىلەملەرنىڭ ھەممىسى تۈركمەنلەرنىڭ دۇنيا ۋە تۇرمۇشقا نىسبەتەن ھەربىر ئىستىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
قىرغىز چارۋىچىلارنىڭ ئوتلاق كۆچۈشى: چارۋىچىلار چارۋىلارنى پەسىلگە قاراپ يايلىتىدىغان بولغاچقا، سۇ ۋە ئوت - چۆپنى قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرىدۇ، بۇ ئوتلاق كۆچۈش، دەپ ئاتىلىدۇ. قىرغىز چارۋىچىلار ھەر پەسىلدە بىر قېتىم ئوتلاق كۆچىدۇ. ھەر يىلى 5-6 - ئايلاردا تۆل ئالغاندىن كېيىن يازلىق ئوتلاققا كۆچىدۇ. ئۇلار يازلىق ئوتلاقلاردا ئات - ئۇلاغلارنى يايلىتىدۇ ۋە ئاددىي بولغان ھۈنەر - تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ. ھەر يىلى 10 - ئايدا يەر تۈزۈلۈشى تۆۋەنرەك بولغان كۈزلۈك ئوتلاقلارغا كۆچىدۇ، بۇ مەزگىلدە ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىشى بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ، قار يېغىشقا باشلايدۇ، چارۋىچىلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيىتى ئاساسلىقى قوي يۇڭىنى قىرقىش ۋە قىشلىق ئوت - چۆپ توپلاشتىن ئىبارەت. 12 - ئايغا بارغاندا يەر تۈزۈلۈشى تېخىمۇ تۆۋەن بولغان تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان <<قىشلىق تۇرالغۇ>> غا كۆچىدۇ. بۇنداق يەرلەر ئادەتتە كۈنگەي ۋە شامالغا دالدا جايلار بولۇپ، ئادەم ۋە مال - چارۋىلار قار سۈيىنى ئىچىملىك سۇ قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، چارۋىچىلارنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى مال - چارۋىلارنى قىشتىن ياخشى ئۆتكۈزۈش ۋە ئەتىياز پەسلىدە تۆل ئېلىشقا تەييارلىق كۆرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ. ئىككىنچى يىلى 3 - 4 - ئاي تۆل ئېلىش مەزگىلى بولۇپ، بۇ چاغدا مال - چارۋىلارنى يۇمران ئوت - چۆپلەر ئۆسكەن ئەتىيازلىق ئوتلاققا كۆچۈرۈش كېرەك. تۆت پەسىللىك ئوتلاق، »قىشلىق تۇرالغۇ«، قىرغىز تايچاقلىرى، ئوتلاق ئاقساقاللىرى، تۆل ئېلىش، شۇنداقلا قىشتا ئىسسىق، يازدا سالقىن بولغان چۇۋۇش ۋە يۆتكەشكە قۇلايلىق كىگىز ئۆيلەر، ئوتلاق كۆچۈۋاتقان توپ - توپ چارۋىلار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قىرغىز مىللىتىنىڭ <<كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى>> ئالاھىدىلىكىنى مەركەزلىك ھالدا گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.
4. ئالاھىدە ساياھەتچىلىك مەنبەسى ئىنتايىن مول، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور
دۇنيا ساياھەتچىلىك تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتى ۋە مۆلچىرىگە ئاساسلانغاندا، ئېگىز تاغ، دېڭىز، چۆل ھەم جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپ ئوبيېكت قىلىنغان ئالاھىدە ساياھەتچىلىك مۇشۇ ئەسىردىكى ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى بولۇپ قالغان. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ شەرقىي شىمالى، شىمالى، شەرقىي جەنۇبى ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدا ئالاھىدە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماس كېلىدىغان بايلىق مەنبەلىرى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور.
شەرقىي شىمال قىسىم رايونى: ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمال قىسمى رايونىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئىرتىش دەرياسى ۋادىسى ئىنتايىن كەڭ، سۈيى ھەيۋەت بىلەن ئاقىدۇ، دەريا قىنىدا قاتار كەتكەن گىگانت شېغىل تاشلار بار، كۈمۈشرەڭ دولقۇنلار دەممۇدەم كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ، دەريا جىلغىسىدىكى ئىككىلەمچى ئورمانلار ۋە دەريا سېيىدىكى چىملىقلار كىشىگە بىپايان قاقاس چۆللۈككە ئويۇلغان يېشىل رەڭلىك لېنتىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ مەنزىرىلەر كىشىنى ئاجايىپ زوقلاندۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنىڭ بېيتۇن دەرياسى بۆلىكىدىكى جىلغىسىدىكى ئىككىلەمچى ئورمانلىق ئەڭ قويۇق بولۇپ، ئۈستىدىن قارىسا خۇددى يېشىل رەڭلىك ئوكيانغا ئوخشايدۇ، بۇ ئورمانلىقنىڭ ئەزەلدىنلا <<تال - تېرەك گېن ئامبىرى>>، دېگەن نامى بار. تۆۋەن ئېقىندىكى بۇرجىن دەرياسى بىلەن خابا دەرياسى جىلغىسى زىچ كەتكەن سازلىقلار بىلەن قاپلانغان، بۇ يەرلەردە سۇ ئۆسۈملۈكلىرى قويۇق ئۆسۈپ كەتكەن، ئېتىزلىقلاردىكى گىرەلىشىپ كەتكەن كىچىك يوللار، ياپيېشىل دەرەخلەر <<سازلىقتىكى سۇ يۇرتى>>، دېگەن تېمىدىكى كۆركەم سۈرەت مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن، ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئىلمىي تەتقىقات، تەكشۈرۈش، لەيلەش ۋە ئېكولوگىيىلىك ساياھەت قاتارلىق قىممەتكە ئىگە.
شىمالىي قىسىم رايونى: قازاقستاننىڭ كوستاناي ئوبلاستى، شىمالىي قازاقستان ئوبلاستى ۋە پاۋلودار ئوبلاستىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسىم رايونىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى ساپ، كىلىماتى كىشىلەرگە يېقىشلىق بولۇپ، ئاپتوموبىل ساياھىتى، ۋېلىسىپىت ساياھىتى ۋە سۇ ئۈستى ساياھىتى قاتارلىق كۆپلىگەن ساياھەتچىلىك تۈرلىرىنى يولغا قويۇشقا ماس كېلىدۇ. قازاقستاننىڭ كۇرگالجىن تەبىئىي قوغداش رايونى ۋە نائۇرزۇم ئوۋ ئوۋلاشنى چەكلەش رايونى بولسا ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ساياھەت ھەۋەسكارلىرى بېرىشنى ئەڭ خالايدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ.
غەربىي قىسىم رايونى: ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي قىسىم رايونى ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقان بولۇپ، قازاقستاننىڭ مانگىستاۋ ئوبلاستى ۋە غەربىي قازاقستان ئوبلاستىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يەردە كاسپى دېڭىزى قىرغىقىدىكى پەس يەر، ۋولگا دەرياسى ۋە ئۇرال دەرياسىنىڭ قىسمەن ئېقىنلىرى بار بولۇپلا قالماستىن، يەنە دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەنلىكتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان قاراگىيې ئويمانلىقى (دېڭىز يۈزىدىن 231 مېتىر تۆۋەن) ۋە بور دەۋرىدىكى دۇنياغا مەشھۇر ھاڭلارمۇ بار، بۇلار ئىنتايىن يۇقىرى ئىلمىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.
شەرقىي جەنۇبى قىسىم رايونى: پۈتكۈل تاجىكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسىم رايونىنىڭ ئاساسلىق يەر يۈزى تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى بولسا تاغ تىزمىلىرى بىلەن ئويمانلىقنىڭ گىرەلىشىپ جايلىشىشىدىن ئىبارەت. بۇ يەردە ئېگىز تاغلار ئۇزۇنغا سوزۇلغان؛ دەريا ئېقىنلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن؛ كۆللەر، سۇ ئامبارلىرى ۋە مۇزلۇقلار زىچ تارقالغان. بۇ رايوننى سۇ دۇنياسى ۋە قار - مۇز ئوكيانى، دېيىشكە بولىدۇ. تاغقا چىقىش، قىياغا يامىشىش، مۇز تېيىلىش، قار تېيىلىش، ئېگىز تاغدىن پەسلەپ ئۇچۇش، لەيلەش، ئېكىسپېدىتسىيە، مۇزلۇقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق ئالاھىدە ساياھەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تاشكەنت شەھىرىدىن ئانچە يىراق بولمىغان تاغلىق رايوندا يىراق قەدىمكى زاماندىكى دىنوزاۋرلار پائالىيىتىنىڭ خارابىلىرى ۋە كۆپلىگەن ئۆڭكۈرلەر بار بولۇپ، ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش ساياھەتچىلىكىنى يولغا قويۇشقا ماس كېلىدۇ. بۇي - بۇلوك ئۆڭكۈرى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر ئۆڭكۈرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئۆڭكۈر ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرى بېرىشنى خالايدىغان ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك جايدۇر.
ئوتتۇرا قىسىم رايونى: ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونىدا قىياغا يامىشىش، ئېگىز تاغدىن پەسلەپ ئۇچۇش، ئوۋ ئوۋلاش، بېلىق تۇتۇش ۋە سۇ ئۈستى پائالىيەتلىرى، شۇنداقلا ئات مىنىش ئويۇنلىرى ۋە پەن - تېخنىكا ئېكىسپېدىتسىيە ساياھىتى قاتارلىق ئالاھىدە ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. قازاقستان جۇمھۇرىيىتى بايقوڭۇر شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بايقوڭۇر ئالەمگە قويۇپ بېرىش بازىسى بولسا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىكى ئالەم ئۇچقۇرىنى قويۇپ بېرىدىغان ئەڭ چوڭ مەيدان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالەمگە قويۇپ بېرىش بازىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ رايون ئالەم پەن - تېخنىكىسى ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ.