-
كۈندە يۈز دوللار 4-بۆلۈم - [كۈندە 100 دوللار]
2008-03-22
3- بۆلۈمدە تەكىتلەنگەن ئىشلارنى تولۇق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن 4-بۆلۈمدىكى ئىشلارنى قىلىڭ !بۇ بۆلۈمدە بلوگقا ئېلان قويۇش ھەققىدە سۆزلەيمىز ! بۇنىڭ ئۈچۈن سىز چوقۇم 3-بۆلۈمدە تەكىتلەنگىنى بويچە Adsense ئېلانى ئىلتىماس قىلىپ بولغان بولىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئىلتىماس قىلمىغان بولىڭىز بۇ يەردىن ئەڭ ئاددى ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىڭ.
بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسلە بار ! زادى ئېلاننى بلوگ ئېچىلغان كۈندىن باشلاپلا قويۇش كېرەكمۇ ياكى زىيارەت سانى مەلۇم چەككە يەتكەندە ئاندىن قويۇش كېرەكمۇ ؟ بۇ سۇئالغا ئوخشاش بولمىغان Adsense ئىشلەتكۈچىلىرى ئوخشاش بولمىغان جاۋابلارنى بېرىدىكەن. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەر ئىككىسىنىڭ ئۈنۈمى ئاساسەن ئوخشاش. زىيارەت ئېقىمى بولمىسا ئېلان قويغاننىڭ پايدىسى يوق، ئېلان بولمىسا زىيارەت سانى ھەر قانچە يۇقىرى بولسىمۇ پۇل تاپقىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بلوگنى ئاچقان كۈندىن باشلاپلا ئېلانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك !
بۇ ماقالىنى يازغاندا بىلىك كۇلۇبىدىكى Jeck ئەپەندى نىمىشقا دەسلەپتە ياكى تۇنجى كۈنى بلوگدىن چېكىلگەن ئېلاننىڭ باھاسى يۇقىرى، كېيىنچە ئاستا - ئاستا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ؟ - دەپ سۇئال سورىدى، ھەم نۇرغۇن دوستلار مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان بولىشى مۇمكىن ! بۇ زادى نىمە ئۈچۈن ؟
مېنىڭ بلوگىمدا ئەڭ يۇقىرى باھالىق ئېلان چېكىلگەن ۋاقت 2007-يىلنىڭ ئاخىرى. بىر قېتىملىق چېكىلىشى 2.4 دوللار بولغان. بەزى ئېلانلارنىڭ باھاسى بەكلا تۆۋەن ھەتتا بىر قېتىملىق چېكىلىشى 0.01 دوللار ئەتراپىدا ئىكەن. نىمە ئۈچۈن بلوگدىكى ئېلانلار دەسلەپتە يۇقىرى كىرىم قىلىپ كېيىنچە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ؟ بۇ ئەھۋالنى ئوڭشىغىلى بولامدۇ يوق ؟
جاۋاب : ئەلۋەتتە بولىدۇ. دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭ ! Google ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغاندەك يېڭى ئەزا بولغاندا كۆپ پۇل بېرىپ، بارا-بارا پۇل بەرمەس بولۇپ قالىدىغان ئالدامچى ئەمەس. بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىرىنچى قول سەۋەب دەل سىزنىڭ بلوگىڭىز.
1. Adsense ئېلانىنىڭ باھاسىنى ئېلان بەرگۈچى بېكىتىدۇ.
سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزنىڭ مەزمۇنى يانفون ھەققىدە بولسۇن دەپ تۇرايلى. دەل يانفون ساتىدىغان بىرسى Adwords ئارقىلىق Google غا ئېلان بەرسە ئۇ ھالدا بۇ ئېلان سىزنىڭ بلوگىڭىزدا كۆرۈنۈشى مۇمكىن. Adwords غا ئەڭ كەم بولغاندا 100 يۈەن ئارقىلىق ئېلان بەرگىلى بولىدۇ. بۇ ئېلاننىڭ ھەر قېتىملىق چېكىلىش باھاسىنى ئېلا بەرگۈچى ئۆزى بېكىتىدۇ. ئۇ 10 دوللار قىلىپ بېكىتىشىمۇ ياكى 0.01 دوللار قىلىپ بېكىتىشىمۇ مۇمكىن. ئادەتتە Google Adwords ھالقىلىق سۆزنى ساتىدۇ، ھالقىلىق سۆز كىشىلەر تەرىپىدىن قانچە كۆپ ئىزدىلىدىغان سۆز بولسا ئېلان بەرگۈچى چوقۇم ئەڭ يۇقىرى چەكتە باھا چىقىرىشى كېرەك. سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ مەزمۇنى دەل مۇشۇ يۇقىرى باھالىق ھالقىلىق سۆزگە توغرا كېلىپ قالغاندا ئاندىن يۇقىرى باھالىق ئېلان چېكلىدۇ. مەسلەن مەن ماشىنىنىڭ ماركىسى ھەققىدە بىر تېما يازسام Honda ماركىلىق ماشىنىنىڭ ئېلانى چىقىپتۇ. ۋە بىر قېتىملىق چېكىلىشى 2.4 دوللار بوپتۇ. ئەمما بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ بلوگقا ھالقىلىق سۆز توپلايمەن دەپ بلوگ مەزمۇنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ يۈرمەڭ. ھەر قانداق تۈردىكى ماقالىدە چوقۇم ھالقىلىق سۆز بولىدۇ. سىز مۇشۇ ھالقىلىق سۆزلەرنىڭ ئېنگلىزچە ۋە خەنزۇچە يېزىلىشلىرىنىمۇ ماقالە ئارلىقىدا قىستۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ. مەسلەن :
موتورولا شىركىتى (Motorola) ئامېرىكىنىڭ شىركىتى بولۇپ، يەرشارىدا نوكىيا (NOKIA) غا ئوخشاشلا داڭلىق يانفون ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەت. بۇ شىركەت يېقىندا ئىشلەپچىقارغان موتورولا Q8 تىپلىق يانفون ئالما (Apple) شىركىتى ئىشلەپچىقارغان iPhone غا ئوخشاشلا بازار تاپتى.
يۇقىرىدىكى ئابزاستا تاۋار ماركىسى ۋە مەخسۇس چەتئەل ئىسىملىرىنىڭ ئېنگلىزچە نامى تىرناق ئىچىدە بېرىلدى، بۇنىڭ سەۋەبى بىرى بلوگ ئوقۇرمەنلىرىنىڭ توغرا پەرق ئېتىشى ئۈچۈن بولسا يەنە بىرى Google ئېلانىنىڭ بلوگدىكى ھالقىلىق سۆزلەرنى تېپىپ مۇناسىۋەتلىك ئېلان چىقىرىپ بېرىشى ئۈچۈن. ئەگەر بلوگ مەزمۇنىدا ئېنگلىزچە ياكى خەنزۇچە خەتلەرنى قوشۇمچە قىستتۇرۇپ قويۇش زۆرۈر بولمىسا بېكاردىن - بېكار، زومۇزو قىستۇرۇپ قويماڭ! ماقالە مەزمۇنىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ئوقۇرمەنلەردە تېتىقسىزلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويىسىز. پەقەت زۆرۈر بولغادا داڭلىق تاۋار ماركىلىرى ۋە داڭلىق شىركەت ناملىرىنى تىلغا ئالغاندا ئېنگلىزچە نامىنى قوشۇمچە قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق داڭلىق تاۋارلارنىڭ ۋە داڭلىق ماركىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ Google غا ئېلان بېرىشى مۇقەررەر. يۇقىرى باھالىق ئېلان چىقىرىش ئۈچۈن دەل بلوگ مەزمۇنىدىكى ھالقىلىق سۆزلەر ئېلان بەرگۈچى سېتىۋالغان يۇقىرى باھالىق ھالقىلىق سۆزلەر بىلەن ماس كېلىشى كېرەك. شۇنى دەپ قوياي Google نىڭ بىر قېتىملىق چېكىلىشى 50 دوللار بولغان ئېلانىمۇ بار، بۇنداق ئېلاننىڭ كۆپۈنچىسى سىنلىق ئېلانلار. ئادەتتە بلوگ ئېنگلىز تىلىدا بولسا ھەم ئېلان شەكلى 300*250 بولسا مۇشۇنداق يۇقىىرى باھالىق سىنلىق ئېلانلار كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭغا ئېنىق جەزىم قىلغىلى بولمايدۇ.
2.ئېلان باھاسى نىمىشقا دەسلەپتە يۇقىرى، كېيىن تۆۋەن؟
ئادەتتە Adsense كودلىرىنىڭ بلوگدىكى ماقالە مەزمۇنىنى تولۇق ئىگىلەپ بولىشى ئۈچۈن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقت كېتىدۇ، دەسلەپ ئېلان قويغاندا Adsense كودى بلوگ مەزمۇنىنى تولۇق ئىگىلەپ بولمىغان بولغاچقا قالايمىقان ئېلان كۆرسىتىدۇ. بۇ قالايمىقان، بلوگ مەزمۇنىغا ماس كەلمەيدىغان ئېلانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك يۇقىرى باھالىق ئېلانلار. چۈنكى Google ئامال بار بلوگىڭىزدا يۇقىرى باھالىق ئېلان كۆرسىتىپ بېرىشكە تىرىشىدۇ.
تەخمىنەن بىرەر ئايلاردىن كېيىن Adsense كودى بلوگ مەزمۇنىنى تولۇق ئىگىلەپ بولىدۇ. ئۇ چاغدا بلوگىڭىز نىمە مەزمۇندا بولسا ئېلانمۇ شۇ مەزمۇندا بولىدۇ. مەسلەن بلوگدا يېزىلغان ماقالىدە دېھقانلار توغۇرلۇق گەپ بولۇنسا كۆرۈنگەن ئېلان خېمىيۋى ئوغۇتنىڭ ياكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بولۇشى مۇمكىن. ئېلان كودى بلوگ مەزمۇنىنى تولۇق ئىگىلەپ بولغاندا پەقەت بلوگ مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىكلا ئېلان كۆرسىتىدىغان بولغاچقا بۇ چاغدا ئەگەر مەزمۇندىكى ھالقىلىق سۆزلەر تۆۋەن باھالىق ھالقىلىق سۆز بولسا ئەلۋەتتە ئېلاننىڭ چېكىلىش باھاسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
Google Adsense ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرگە قويۇلسا قائىدە بويچە بولمايدۇ. ئەمما Google ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرگە ئېلان قويىۋالغان تور بېكەت ئىگىلىرىگىمۇ ھىچنىمە دېمىدى. ھەم ئۇلارغا نورمال پۇل تۆلەپ كېلىۋاتىدۇ. مەن دەل مۇشۇ ھەقتە Google بىلەن ئىككى قېتىم ئالاقىلاشتىم. ئۇلار «ۋاقتىنچە Adsense قوللىمايدىغان تىللىق بلوگىڭىزدىكى ئېلانلارنى ئېلىۋېتىپ، قوللايدىغان تىللاردا كىرىم قىلىپ تۇرۇڭ. بىز Adsense نىڭ تىل دائىرسىنى كېڭەيتىشكە تىرشىۋاتىمىز. بۇ سەۋەبتىن سىزدىن ئەپۇ سورايمىز دېدى.» ئەمما ئۇلار ئۇيغۇرچە تور بېكەتكە ئېلان قويساڭ بولمايدۇ دېمىدى. ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ تىلى ئەسلىدىنلا Adsense قا چۈشمىگەن بولغاچقا يۇقىرى باھالىق ھالقىلىق سۆزلەردىن گەپ ئېچىش سەل تەس، شۇڭلاشقا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ دەسلەپتە كىرىمى ياخشى بولسىمۇ كېيىنچە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
3. ئېلان كىرىمىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ئېلان ئۈنۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئەگەر سىز بىر ئېلان بەرگۈچى بولسىڭىز دەسلەپتە ھەر چېكىلىشىنى 1.00 دوللاردىن قىلىپ ئېلان بەردى دەيلى، ئەگەر ئۇنى باشقىلار چەكسە ۋە چېكىپلا تاقىۋەتسە، مەھسۇلاتىڭىزنى سېتىۋالمىسا ئۇ ھالدا سىز بۇ ئېلانلارنى ئۈنۈمسىز ئېلان دەپ قاراپ باھانى تۆۋەنلىتىشىڭىز ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىشىڭىز مۇمكىن. دەل مۇشۇنىڭدەك ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرگە قويۇلغان ئېلانلار گەرچە كۆپ چېكىلسىمۇ ئېلان بەرگۈچىگە نىسبەتەن ئاساسەن ئۈنىمى يوق بولىۋاتىدۇ. سەۋەبى : نۇرغۇن كىشىلەر ئېلان مەزمۇنىنى ئوقۇمايلا چېكىدۇ، بۇ بەلكىم «بىزنى قوللاپ ئېلاننى بىر چېكىپ قويۇڭ» نىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ئۈچۈن ياكى ھىچنىمىنى بىلمەي چىرايلىق كۆرۈنۈپ ئۈچۈن بولىشى مۇمكىن.
بۇنداق ئېلان چېكىشلا بولۇپ، ئېلاندا ئىپادىلەنگەن مەقسەد ئەمەلگە ئاشمايدىغان تور بېكەتلەردە تۆۋەن باھالىق ئېلانلار كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
يۇقىرقى ئەھۋاللارنى ئويلاشقان ھالدا بىز بلوگقا تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇلدا ئېلان قويۇشنى تەكىتلەيمىز !
1. ئېلان شەكلى : ئېلان شەكلى چوقۇم 250*300 ياكى 600*160 ۋە ياكى 90*728 بولسۇن. باشقا تۈرلەرنى تاللىماڭ، چۈنكى مۇشۇ ئۈچ تۈردىكى ئېلاننىڭ باھاسى باشقا تۈردىكى ئېلانلارغا قارىغاندا يۇقىرى. تەكلىماكان بلوگ ئۇسلۇبىغا ماس كەلمىگەن بولغاچقا ئامال يوق باش بەتكە 60*468 لىك ئېلان قويۇلدى.
2. ئېلان تۈرى : قويغاندا چوقۇم «يېزىق ۋە سۈرەتلىك ئېلانلار» دىگەن تۈرنى تاللاڭ. ھەرگىز «يېزىق ئېلانى» ياكى «سۈرەتلىك ئېلان» دىگەن يەككە تۈرنى تاللاپ قويماڭ ! نىمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى سىز بىرلا يەككە تۈرنى تاللاپ قويسىڭىز ئېلاننىڭ تور بەتتىن ئىگىلەيدىغان مەزمۇن دائىرسى ۋە سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزدە كۆرسىتىلدىغان ئېلانلارنىڭ سەرخىللىقى كەم بولۇپ قالىدۇ. ئېلان ھەر ۋاقت ئۆزگىرىپ يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرىپ تۇرسا ياخشى.
3. ئېلان رەڭگى : ئېلان رەڭگىنىڭ تەگلىكى بلوگ تەگلىكى بىلەن ئوخشاش بولسۇن، ئەگەر تېما ئاخىرىغا ئېلان قىستۇرۇلسا رامكىنى ئېلىۋېتىڭ ! ئىشقىلىپ تور بەت رەڭگى بىلەن ماسلاشسۇن، بىر قاراشقىلا قايسىنىڭ ئېلان، قايسىنىڭ تور بەت مەزمۇنى ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتمەك قىيىنراق بولسۇن. مەسلەن تەكلىماكان بلوگ.
4. ئېلاننى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش مەسلىسى: سىزنىڭ بلوگىڭىزدىكى ئېلان ئورنىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى Google ئېلانىنىڭ چوڭ-كىچىكلىك ئۆلچىمىگە دەل چۈشۈشى ناتايىن. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلسە جەدۋەل، iFrame قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ھەل قىلسىڭىز بولىدۇ. Html كودىنى ئانچە بىلىپ كەتمىسڭىز تەكلىماكان بلوگ ياكى مەخسۇس مۇشۇ تۈردە پىششىقراق دوستلارنىڭ بلوگىغا كىرىپ ئىنكاس يېزىپ ئۇ يەر بۇيەرلىرىگە قاراپ قويۇڭ. ئۇلار سىزگە ياردەم قىلىدۇ.
5. ئېلان سانى :
ئېلان سانىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن تور بەت دىگەن نىمە ؟ تور بېكەت دىگەن نىمە ؟ بلوگ دىگەن نىمە دىگەن سۇئاللارغا كۆلەم جەھەتتىن جاۋاب بېرىپ ئۆتەي.
تور بېكەت : تور بېكەت بىر قانچە سەھىپىلىرى بولغان تور بەتلەر توپلىمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر سەھىپە بىر تور بەت بولىشى ياكى بىر قانچە تور بەت بولىشى مۇمكىن.
تور بەت : تور بەت پەقەت بىر پارچىلا يالغۇز بەتتۇر. ئۇنىڭ تارماق بەتلىرى ياكى تارماق سەھىپىلىرى بولمايدۇ. بىلىك كۇلۇبىنىڭ ئۆزى بىر تور بېكەت بولسا ئۇنىڭدىكى ھەر بىر پارچە تېما ئايرىم بىر تور بەتتۇر.
بلوگ : بلوگ كۆلۈمى جەھەتتىن تور بېكەت تۈرىگە كىرىدۇ.
ئەمدى ئېلان سانىغا كېلەيلى ! ھەر بىر تور بەتكە (دىققەت بېكەتكە ئەمەس، بەتكە) ئەڭ كۆپ بولغاندا 3 دانە مەزمۇن (يېزىق ياكى رەسىملىك) ئېلان، 3 دانە تەۋسىيە ئېلانى (firefox, picasa, adwords قاتارلىق مەھسۇلات ۋە باشقىلار) ، 2 دانە ئىزدەش رامكىسى، ۋە ئۈچ دانەئۇلىنىش ئېلانى قويۇشقا بولىدۇ. بۇ Google نىڭ قائىدىسى !
مەزمۇن ئېلانى Ad Unit : چېكىلسىلا ھەق ھېسابلايدۇ.
تەۋسىيە ئېلانى Referrals : تەۋسىيە قىلىنغان مەھسۇلاتنى سېتىۋالغان ياكى چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كېيىن ھەق ھېسابلايدۇ.
ئىزدەش رامكىسى Adsense For Search : ئىزدەش رامكىسىغا بلوگ زىيارەتچىلىرى ھالقىلىق سۆزنى يېزىپ كىرگۈزۈپ ئىزدىگەندە ئەگەر شۇ ھالقىلىق سۆزگە چۈشىدىغان ئېلان بار بولسا ئىزدەش نەتىجىسىنىڭ 1- نەتىجىسىگە ياكى ئوڭ تەرەپتىكى ئېلان ئورنىغا ئېلان چىقىدۇ. ئەگەر ئىزدىگۈچى دەل مۇشۇ ئېلان شەكىللىك ئىزدەش نەتىجىلىرىنى چەككەندە ئاندىن ھەق ھىسابلايدۇ.
ئۇلىنىش ئېلانى Link Unit : ئۇلىنىش ئېلانى بىر نەچچە تۈرلۈك نەرسىنىڭ ئۇلىنىشىنى تەمىنلەيدۇ، چېكىلسە بىر ئېلان بېتى چىقىدۇ، دەل شۇ ئېلان بېتىدىنمۇ ئېلان چەككەندە ئاندىن ھەق ھېسابلايدۇ.
دىمەك بىر بەتكە ئەڭ كۆپ بولغاندا 11 دانە ئېلان قويساق بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ Adsense كېلىشىمىدە كۆرسىتىلگەن ئەڭ يۇقىرى چەك. ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرگە نىسبەتەن ئېلان كىرىمىنىڭ تۆۋەن بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بەك كۆپ ئېلان قويماسلىق كېرەك. ئۆتكەن ھەپتە تەكلىماكان بلوگنىڭ بەرگەن خەۋرىدە FireFox نى جۇڭگودا تەۋسىيە قىلىش باھاسى چۈشۈپ كەتكەتلىكىنى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى. شۇڭلاشقا تەۋسىيە ئېلانىدا پۇل تاپماق تەسلىشىپ كەتتى. مۇۋاپىق ئورۇن بولسا ئۇلىنىش ئېلانىنىمۇ قويۇپ قويسا بولىدۇ. ئەمما ئەڭ كۆپ كىرىم بولىدىغىنى مەزمۇن ئېلانى. يەنى سىز Adsense ھىسابىڭىزدىن ئېلان ئىلتىماس قىلىدىغاندا تاللايدىغان بىرىنچى تۈر.
ئەگەر تور بېكەتتە مەزمۇن ۋە ھالقىلىق سۆزلەر مول بولسا، مەزكۇر مەزمۇن ۋە ھالقىلىق سۆزلەرنىڭ ئىزدەش ماتورلىرىدا تىزىلىش دەرىجىسى يۇقىرى بولسا ئېلان كۆپ بولسا ھىچ ۋاقەسى يوق، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئېلان سانىنى بەك كۆپ قىلىۋەتمەڭ. ئېلان مەزمۇنىغا تور بەت مەزمۇنى يېتىشمەي تۆۋەن باھالىق ئېلان ياكى ھەقسىز پاراۋانلىق ئېلانى كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
«مەسلەن بۇش - كلىنتون كاترىنا قۇتقۇزۇش فۇندىغا پۇل ئىئانە قىلامسىز؟» دىگەندەك.
تور بېكەتنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئىزدەش ئىقتىدارىنى ئامال بولسا ئېلىۋېتىپ، Adsense ھىسابىڭىزدىكى ئىزدەش ماتورىنى ئورنىتىڭ. بۇنداق بولغاندا ئىزدەش ئۈنىمى تېخىمۇ يۇقىرى بولغاندىن باشقا كىرىمنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. بەزىلەر ئىزدەش رامكىسى ئارقىلىق كىرىم بولمايدىكەن دەپ يۈرۈپتۇ، ئەمەليەتتە ئىزدەش رامكىسى ئارقىلىق چېكىلگەن ئېلانلارنىڭمۇ باھاسى خېلى يۇقىرى.
تەكلىماكان بلوگدىن ئۈلگە:
باش بەتكە بىر تاللا ئېلان قويۇلدى. شۇڭا چېكىلسىلا يۇقىرى باھالىق ئېلان چېكلىدۇ. تارماق بەتكە ئىككى دانە مەزمۇن ئېلانى ۋە بىر دانە تەۋسىيە ئېلانى قويۇلدى.
يەنە شۇنى دەپ قوياي، مېنى قۇرۇق گەپ سېتىۋاتىدۇ دەپ قالماڭ. بەلكىم بۇ ئىشلارنى سىز ئاللىبۇرۇن بىلىپ بولغان ياكى ھىس قىلىپ بولغان بولىشىڭىز مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ دىققەت قىلىڭ.
ئېلان ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر ئىش شۇكى بلوگنىڭ زىيارەت سانى ئاشقاندا ئېلاننى قەرەللىك (ھەپتىدە بىر ياكى ئىككى قېتىم) ئۆزگەرتىپ تۇرۇش كېرەك. ئۆزگەرتكەندە بەزىدە ئېلان ئورنىدا، بەزىدە ئېلان شەكلىدە، بەزىدە ئېلان رەڭگىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئوقۇرمەنگە ھەرۋاقت يېڭىلىق تۇيغۇسى بەرگىلى ئېلان چېكىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ھازىر Adsense ھېساباتىدا تۇرۇپلا تور بېكىتڭىزدىكى ئېلاننىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئېلاندىكى 染道名称 غا چوقۇم ئۆزىڭىز قايسى تور بېكەتكە قويغان بولسىڭىز شۇ تور بېكەت ياكى بەتنىڭ ئىسمىنى يېزىپ، پەرق ئېتىشكە ئاسان قىلىشىڭىز كېرەك.
ئېلاننى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن : Adsense قا كىرىپ Adsense设置 نىڭ ئىچىدىن 管理广告 دىگەن تۈرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.
مەزكۇر بۆلۈم ۋە ئالدىنقى بۆلۈملەردە سۆزلەپ بولۇنغان مەزمۇنلار:
بلوگ ياساش
بلوگ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
Adsense ئىلتىماس قىلىش
بلوگ مەزمۇنىنى تاللاش
ئېلان ئورۇنلاشتۇرۇش
تەكلىماكان بلوگ - www.tekli.cn
<< بلوگدا بىۋاستە ئۇيغۇرچە يېزىش ئەمەلگە ئاشتى | باش بەت | Gmail دىكى ئالاھىدە ئىقىتىدار - ھەيران قالارلىق >>
评论
博主 对 تاشبالا 的回复: 2008-03-28 02:52:04
سىز بلوگ ئۇسلۇبىنى قايتا قاچىلاپ بېقىڭ. بەك بولمىسا مەن ھەپىلىشىپ باقاي
博主 对 جۇشقۇن 的回复: 2008-03-28 02:50:00
بۇ ھەقتە مەن ئايرىم بىر تېما يوللاي. رەھمەت
博主 对 ئاتامان 的回复: 2008-03-25 22:59:59
بۇنىڭ ھەممە جايلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئازراق تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ھەقتە بىز بىر تېما تەييارلاۋاتاتتۇق. ئەگەر ئالدىراپ قالسىڭىز مېنى باشقۇرغۇچىلىققا قوشۇپ قويۇڭ. مەن ئوڭشاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ھوقۇقۇمنى ئېلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
博主 对 ئوتلۇق 的回复: 2008-03-25 22:43:11
ئىنكاسلار بەك كۆپ بولغاچقا مەنمۇ تاپالمىدىم ئۇ ئىنكاسنى ئەمما مەن سىزنىڭ سۇئالىڭىزغا سىز دەسلەپ يوللىغان ئىنكاستا جاۋاب بەرگەن بۈگۈن مانا ئۇنتۇپ قالدىم ئۇ تېمىنى.
بۇندىن كېيىن ئۆزىڭىز جاۋابىغا ئېرىشمەكچى بولغان تېما ئاستىغا ئىنكاس يازغاندا تېما ئادرېسىنى ساقلاپ قويۇڭ. ۋە ياكى ئېلخەت ئارقىلىق سىزنىڭ مەسلىڭىز ھەققىدە مەن بىلەن ئالاقە قىلىڭ. مەن ئامال بار ئەڭ تېز سۈرئەتتە سىزگە ياردەم بېرىشكە تىرىشىمەن .رەھمەت
XXXX:您好!
非常感谢您对 Google AdSense 感兴趣。在审核您的申请后,我们的专家发现它不
符合我们的计划标准。因此,我们无法批准您参与此计划。
我们相信我们所制定的政策有助于确保发布商和广告客户的 Google 广告的效果。
我们会对所有的发布商进行审核,并且保留拒绝任一申请的权利。随着我们的发
展,我们也许能够将此计划扩大,以接受更多的网页内容更为丰富多彩的网站发布
商。
请注意,我们也许无法回答有关我们决策的具体原因的查询。非常感谢您的理解。
衷心感谢,
Google AdSense 小组敬上
==========================
يارىدەم قىلسىڭىز، ئەمدى مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ مېنىڭ يەنىلا ئۆز سالاھىيىتىم بىلەن ئېلان ئىلتىماس قىلغۇم بار، مۇمكىن بولارمۇ؟
博主 对 مەن كىم 的回复: 2008-03-25 22:40:17
مۇمكىن بولىدۇ، نىمىشقا مۇمكىن بولمىغۇدەك. مەن بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى بىر يازما يازاي. ساقلاپ تۇرۇڭ. ئەگەر يەنىلا قىلالمىسىڭىز مەن قىلىپ بېرەي. مەن ئىلتىماس قىلىپ بېرەي. ئەمما مەن تورخانىغا يەنە بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن بېرىشىم مۇمكىن. چۈنكى ئۆزۈمنىڭ كومپيوتېرىدا ئالسام بولمايدۇ
ياكى سىز google adsense بىلەن ئالاكىلىشىپ باقسىڭىز بىزنىڭ ئىلتىماسىمىزنى تەستىقلىماسلىقتىكى سەۋەپ زادىنىمىكەن ؟
ۋە ياكى بولمىسا سىز بىزگە ئىلتىماس قىلىپ بىرىڭ ھەق تاپشۇرساقمۇ بۇلىدۇ؟بىر ئاي بۇلاي دەپتۇ ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلانمىدى .....بۇ ئوتكەلدىن ئۈتەلمىسەك 5-بۈلىمى سوزلىسىڭىزمۇ نىمە ئەھمىيىتى..........مۇ شۇ جەھەتتە كوپرەك ياردەم كىلمىسىڭىز بولمىدى.
WWW.XINKEYUAN.BLOGSPOT.COM.NYUD.NET
WWW.YUDUFS.BLOGSPOT.COM.NYUD.NET
بۇ ئككى بلوگ نى كۈرۈپ بىرىڭ قانداق ىاتالڭق باركەن ؟ئىككى خىل كىملىكتە ئىلتىماس قىلغان ئىككى خىل تىلدىكى بلوگ ئىدى .....
博主 对 ئوتلۇق 的回复: 2008-03-25 01:31:02
مەن كۆردۈم ۋە ئالدىنقى ئىنكاسىڭىزغا جاۋاب يازدىم
米吉提:您好!
非常感谢您对 Google AdSense 感兴趣。在审核您的申请后,我们的专家发现它不
符合我们的计划标准。因此,我们无法批准您参与此计划。
我们相信我们所制定的政策有助于确保发布商和广告客户的 Google 广告的效果。
我们会对所有的发布商进行审核,并且保留拒绝任一申请的权利。随着我们的发
展,我们也许能够将此计划扩大,以接受更多的网页内容更为丰富多彩的网站发布
商。
请注意,我们也许无法回答有关我们决策的具体原因的查询。非常感谢您的理解。
衷心感谢,
مىنىڭچە AdSense ئىلتىماس قىلىشنى توختاتقان ئوخشايدۇ
博主 对 mijit 的回复: 2008-03-25 01:30:15
بلوگدىكى مەزمۇنلارنى ئۆزىڭىز يازماپسىز، چوقۇم ئۆزىڭىز يازغان ئىجادى ماقالە بولىشى كېرەك. نىمە يازسىڭىز مەيلى، رەسىم، ئۆزىڭىزنىڭ بىر كۈنلۈك كەچۈرمىشى، ياكى خىزمىتىڭىز ۋە ياكى بىرەر ياخشى تور بەتتىن ئالغان تەسىراتڭىز قاتارلىقلاردىن بىر قانچە پارچە ماقالە يېزىپ، باشقا تور بەتتىن كۆچۈرۈلگەننى تولۇق ئۆچۈرۈپ تاشلاپ قايتا ئىلتىماس قىلىڭ
博主 对 مەن كىم 的回复: 2008-03-25 01:23:28
شۇنداق، سىز ئىلگىرى گۇگول كىلىشىمىگە خلاپلىق قىلغان بولىشىڭىز مۇمكىن، سىز ئايالىڭىز ياكى باشقىلار ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدىغاندەك تۇرىدۇ ، ياكى سىز مەسلىنى تولۇق ئوتتۇرغا قويماپسىز، مەسلەن :
سىز قايسى بلوگىڭىز ئارقىلىق ئىلتىماس قىلدىڭىز،
قانداق ئىلتىماس قىلدىڭىز،
ئۇلاردىن كەلگەن خەت مەزمۇنى نىمە
I wish everybody make more money these days
http://fervaz.blogspot.com.nyud.net:8090/ بۇ بىلوگ ئادرىسىم!
博主 对 فەرۋاز 的回复: 2008-03-25 01:25:28
تەكلىپ : سىزنىڭ بلوگىڭىز گۇگول كىلىشىمىگە ئۇيغۇن ئەمەس، سىز تەكلىماكان بلوگدىكى Adsense and Adwords دىگەن تۈرگە كىرىپ ئەڭ ئاددى ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى دىگەن ماقالىنى ئوقۇڭ. ۋە بلوگدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بارلىق ماقالىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاڭ
ھەرقانداق سەزگۈر تېمىلار قوبۇل قىلىنمايدۇ. يەنە نىمىشقا مېنىڭ ئىلتىماسىم قوبۇل قىلىنمايدۇ دىگەن ئاھانەت تېمىسىنىمۇ ئۆچۈرۈپ تاشلاڭ. ئىلىم پەن ۋە ئۆزىڭىز ھەققىدە ياكى يۇمشاق دېتال، تور بەت ھەقىدە ماقالە يېزىڭ،
博主 对 ئوتلۇق 的回复: 2008-03-25 01:20:05
ھىم، ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئەلۋەتتە ياخشى بولىدۇ، ئەمما گۇگول ئېلان كودىنىڭ بۇ ئۈچ خىل مەزمۇننى تولۇق پەرق ئېتىپ بولالىشى ئۈچۈن ۋاقت كېتىدۇ
زادى قانداق قىسام بولا؟
博主 对 شامال 的回复: 2008-03-23 21:45:46
بىر بلوگدا يۈز دوللار تېپىش دىگەن تېما داۋاملىشىۋاتىدۇ، باشتىن ئاخرغىچە تەپسىلى ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ ئىشلارنى دەل مۇشۇ مۇشۇ ماقالىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئوڭشىماقچىمىز.
博主 对 xj 的回复: 2008-03-23 21:44:29
تەگ بۇ ئېنگلىزچە سۆز بولۇپ ھالقىلىق سۆز، دىگەن مەنىدە، يەنى بىر ماقالىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقىلىق سۆزنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە ماقالە يازىدىغان ئورۇننىڭ ئاستىدا بۇنداق سۆز كىرگۈزۈش ئورنى بار، بىز ھەر بىر ماقالە ئېلان قىلغاندا شۇ ئورۇنغا پۈتۈن ماقالە مەزمۇنىنى ئەڭ ئىخچام يورۇتۇپ بىرىدىغان بىر ياكى بىر نەچچە سۆزنى يېزىپ قويساق بولىدۇ. بۇ سۆز ئارقىلىق ئىزدەش ماتورلىرى بلوگنى ئىزدەيدۇ.
مەسلەن : ئەگەر ماقالە كومپيوتېر ئويۇنلىرى ھەققىدە بولسا ئۇ چاغدا
ئويۇن
دەپ يېزىپ قويساق بولىدۇ.
博主 对 ئوتلۇق 的回复: 2008-03-23 21:35:12
سىز ئېنگلىز، خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا بىراقلا مەزمۇن يوللىسام دىمەكچىمۇ ؟
بىر ئىشنى سوراي.
سىزنىڭ دىگىنىڭزچە بولغان بولسا
http://daxxat.blogbus.com/logs/17419665.htmlنىڭدا ئەسلىدە ياقشىراق ئىنگىلىزچە ئىلان چىقسا بولاتتى،بىراق ساپ پاق پاق خەنزۇچە ئىلان چىقىۋاتىدۇ.بولمىسا ھالقىلىق سۈزلەر بار،،
ئەمدى http://daxxat.blogbus.com/logs/17386503.htmlنىڭ دا تۈزەك ھالقىلىق سۈز يوق،ئاساس جەھەتتىن ئۇيغۇرچە بىراق ئىنگىلىزچە ئىلان چىقۋاتىدۇ،،بۇ نى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز
چ چ:290905440
gmail:nigmat0114$gmail.com
博主 对 دەھشەت 的回复: 2008-03-23 21:34:39
بلوگىڭىزنى كۆرۈپ باقتىم. سىزنىڭ بلوگىڭىزدىكى ئەڭ كونا ماقالە مۇشۇ يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى يېزىلغان ئىكەن، يەنى بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن بۇرۇن. ئادەتتە گۇگول ئېلان كودىنىڭ تور بەت مەزمۇنىنى تولۇق ئىگىلەپ بولۇشى ئۈچۈن بىر نەچچە ئاي ۋاقت كېتىشى مۇمكىن. ھەرقانداق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تور بېكەت ياكى بلوگنىڭ بىر مەزگىللىك تارىخى بولىدۇ. تۆت كۈن ئىچىدىلا ھەممە ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرۈشۈپ كېتىشى مەن ئۈچۈن توغرا ئەمەس