- تىزىملاتقان
- 2012-4-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 212
- نادىر
- 0
- يازما
- 5
ئۆسۈش
  0%
|
مەرھۇم يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ھايات چېغىدا قۇتادغۇبىلىك تەتقىقاتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ، بىزگە نۇرغۇن ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى تەقدىم ئەتكەن ئىدى. سالامەتلىكى ناچارلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەندىمۇ قەلەمنى تاشلىماي،تېنىمسىز ئىزدىنىپ ، ئىلمىي قىممىتى يۇقۇرى نۇرغۇن ماقالىلارنى روياپقا چىقارغان ئىدى.
پەزىلەت جەھەتتە كەمتەر ، ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي كىشى ئىدى .
ئۇ ھايات چېغىدا تەھرىر بۆلۈمىمىزگە پات -پات كېلىپ، ئەھمىيەتلىك تېمىلار ئۈستىدە بىز بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولاتتى.
مەن ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن قېتىم كۆرۈشكەن ھەم بىر قىسىم زىل تېمىلاردا بەس – مۇنازىرە قىلىشقان. مەرھۇمنىڭ ئىلىم سۆيەرلىكى، كىچىك پېئىللىقى، ئۆز قوۋمىنى قىزغىن سۆيۈش روھى مەندە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇرغان ئىدى.
مەرھۇمنىڭ ئارىمىزدىن بۇنداق تېز كېتىشىنى پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن . ئۇللۇغ ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەنەتتە قىلغاي! ئاخىردا مەرھۇمنىڭ ئائىلە –تاۋاباتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن . |
|