- تىزىملاتقان
- 2011-9-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4719
- نادىر
- 7
- يازما
- 151
ئۆسۈش
90.63%
|
مەن بۇ بالىنىڭ ئسىمىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن. باغداش ئىنىمىزنىڭ بىزنى ياخىشى ئشىلارنى قىلۋاتقان بىر قېرىندىشىمىز بىلەن تونۇشتۇرۇش پۇرستىگە ئىگە قىلغىنىدىن خۇرسەنمەن. قۇمۇلدىن ياراملىق زىيالىلار كۆپ چىقىدۇ. بولسا قۇمۇل ئەدىبلىرىدىن ئابلىز ئورخۇن،بەگمەد يۈسۈپ، مۇھەممەد يۈسۈپ،مەڭگۈتاش، ئابدۇرېھىم ئابلەتخان قاتارلىقلارنىمۇ بىز بىلەن تور يۈزىدە يۈز كۆرۈشۈش پۇرستىگە ئىېرشتۈرۈشڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، باغداش ئىنىم.
مۇنداق ئىككى تەكلىپ بار. بىرسى تەكلىپ، بىرسى سوئال.
تەكلىپ: ئابلىز بالىلار تەربيسىى ھەققىدە ئىزدىنۋېتىپتۇ. ئېھتىمال سۇخۇملسىنكىنىڭ «بارلىىقمنى بالىلارغا بېغشىلايمەن» دېگەن كىتابىنى ۋە روس پېداگوگىكى دېمترىي ئوشنېسيكىيىنىڭ، جون دۇۋيىنىڭ (پوسكاملىق ئابدۇۋايد مەتنياز تەرىپىدىن نەشىرگە تاييارلىنىپ) مۇنبەر ژۇرنلىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن.ئەگەر كۆرمىگەن بولسا ئىزدەپ سوراپ ئوقۇپ بېقشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بولۇپمۇ جون دۇۋىيې ماقالىلىرىنىڭ خەنزۇچىسى كىتابخانىلاردا(مەسىلەن ئۈرۈمچى ياڭگۇاڭ كىتابخانىسى) تېپلىدۇ. تەپسلىي ئوقۇپ بېقىشنى، پىكىردە تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بىز ئابلىمىت سىدىق، ئانار ھەدە قاتارلىق پېداگوكلارنى ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەيمىز. بولسا بۇ قېرىدنشىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە سېستملىق ئىزدىنشىنى، نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرشچانلىق كۆرستىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنە بىرسى «بالىلارغا ئانا تىلىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئۆگەتكىلى بولىدۇ؟ خەنزۇۋانلار قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا ئۆگىنەلەيدۇ؟» دېگەن تېمىمۇ ئىزدىنشقا ئەرزيىدۇ. ئابلىزنىڭ ئۆزىنىڭ ۋاقتى يەتمىسە مەخسۇس مۇشۇ تېمىدا ئىزدىنىشقا قۇربى يېتىدىغان بالىلارغا ھاۋالە قىلسا. بۇ بەك مۇھىم تېما. بولسا بىزدە مەخسۇس ئانا تىل ئۆگىتىدىغان تورلار، كارتون فلىملار ئارقىلىق ئانا تىل ئۆگىىتدىغان ياردەمچى قوراللار كۆپرەك بولسا بەكمۇ ياخشى ئىش بولاتتى.
ئەمدى مەن چۈشەنمەيۋاتقان بىر سوئال بار. ئابلىز ئۆزى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرستىېتىدا تىل-ئەدەبيات كەسپىدە ئوقۇپتۇ، ئەمما 3-دەرىجىلىك پسىخكا مەسلىھەتچىسى ئىكەن. ئۇنداقتا بۇ قېرىندىشمىز ئارىلىقتا ئچكىرىدە مەخسۇس مۇشۇ كەسپنى ئوقۇپ كېنشىكا ئېلىپ كەلدىمۇ ياكى قۇمۇلىدا مۇشۇ كېنشكىنى بېرىدىغان، مۇشۇ ساھە بويىچە تەربيىلەيدىغان ئىلمىي ئورۇنلار بارمۇ؟
مېنىڭ بۇنى سورىشىم، غەربتە پىسخىكا مەسىلھەتچلىكىگە تەلەپ بەك يۇقىرى ھەم قاتتىق. بۇنداق بولۇش ئۈچۈن پسخولوگىيىدە دوكتورلۇقتا يەتتە سەككىز يىل ئوقۇيدۇ، ئاندى نەچچە يىل پراكتىكا قىلىدۇ، ئاندىن كېيىن پسىخىك مەسىلھەتچى دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشىدۇ. ئابلىزنىڭ پسىخولوگىيە كەسپىنى قانداق ئۆگەنگىنىگە قىزىقپ قېلۋاتىمەن. |
|