- تىزىملاتقان
- 2012-6-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
  1.67%
|
قارىغايلىق تاغلاردىن،
چىلانزارلىق باغلاردىن.
مەخمۇتكامغا سالام كەتتى،
قوغۇن چىققان يۇرتلاردىن.
خويمۇ كاتتا ياراشىپتۇ،
ھۆرمەت تونى بويلىرىغا.
بىزنى ئۇنتۇپ قالدىلامۇ،
چىللىماپلا تويلىرىغا.
ئون ئىككى تاغ بەش شەھەر،
ئۆزلە ئۈچۈن ھۆرمەتتە.
تەرىپلىرى تارالدى،
گېزىتلەردە تور بەتتە.
غىرجەك چېلىپ مۇقامغا،
ئاتمىش داۋان ئاشتىلا.
ئىجادىيەت يولىدا،
مەزمۇت قەدەم باستىلا.
مۇقاملارنى يەتكۈزدىلە،
ئەجداتلاردىن ئەۋلاتقا.
غىرجەكتە باش بولدىلا،
ئىۋىرغوللۇق ئەل-يۇرتقا.
رادىيودىن ئاڭلايمىز،
ئۆزلە ئېيتقان ناخشىنى.
ئۈرۈمچىلىك ئەقىللىق،
بايقىۋاپتۇ ياخشىنى.
ئوخشاپ كەتتى بۇ يىلمۇ،
ئاستانىنىڭ ئوت-ياشلىرى.
چۈشلىرىمگە ھەمراھدۇر،
شاھ يىگىتتەك ئويناشلىرى.
ئامان بولغاي، ساق بولغاي،
غىرجەك تارتقان قوللىرى.
ئۇزۇن بولغاي، مول بولغاي،
ئىجادىيەت يوللىرى.
 |
|