قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1600|ئىنكاس: 4

قۇللۇققا تۇتاشقان يول(تەرجىمە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

3

دوست

1680

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8027
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 459
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 17:26:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       مەن مالىيە دۇنياسى (财经界) ژورنىلىنى ۋاراقلاۋېتىپ بۇ ژورنالنىڭ داڭلىق كىتاپ ژورناللار تونۇشتۇرۇلغان سەھىپىسىدىن بۇ كىتاپ تونۇشتۇرۇلغان بىر نەچچە جۈملىنى كۆردۈم ۋە قىزىقىش ئىلكىدە تەپسىلى ئۇچۇرلارنى توردىن تېپىپ ئوقۇدۇم ھەم قىسقىچە مەزمۇنىنى تەرجىمە قىلىپ يوللۇدۇم. يەنىمۇ تەپسىلاتىغا قىزىققان تورداشلار خەنچە ياكى ئېنگلىزچە تور بەتلەردىن ئىزدەپ كۆرگەيسىزلەر.

قۇللۇققا تۇتاشقان يول
《通往奴役之路》(The Road to Serfdom)

     بۇ كىتاپ ئەڭ بۇرۇن 1944-يىلى نەشر قىلىنغان ھەم 40-يىللاردىكى ئوۋېي ۋېي دىن تارتىپ  چېرچىلغىچە، 80-يىللاردىكى رېگىندىن تارتىپ ساچىر خانىمغىچە قاتارلىق دۇنيادىكى نۇرغۇن ئۇلۇغ شەخسلەرگە  چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. كىتاپتا پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، ئەركىن كاپىتالىستىك ئىقتىساد ئۈچۈن ئاقلاش ئېلىپ بارغان.  
《قۇللۇققا تۇتاشقان يول》 بولسا نوبىل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى فرىدىرك خايېك نىڭ ئەڭ داڭلىق ئەسىرى بۇ كىتاپ 1944-يىل ئەڭ ئاۋال Routledge Press   نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. ئارقىدىنلا 1944-يىل 9-ئايدا چىكاگو ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان، 20 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان.كېيىن باشقا نەشرىياتلار تەرىپىدىنمۇ نەشىر قىلىنىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئومۇمى سېتىلىش مىقدارى 600 مىڭ پارچىدىن ئاشقان.

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
كىتاپ ئاپتورى: فرىدىرك خايېك
(Friedirich August von Hayek 1899-1992 ): 1974-يىل نوبىل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
كىتاپقا بېرىلگەن باھا:
خايىك بۇ كىتاپنى بارلىق پارتىيە گۇرۇھلار ئىىچىدىكى سوتسىيالىزىمچىلارنىڭ ئوقۇپ بېقىشىغا بېغىشلىدىم دىگەن.
ئاساسى ئىدىيىسى:
خايېك كىتاپىدا مۇنداق بايان قىلغان، بارلىق كوللىكتىپىزىملىق جەمىيەت يەنى ھىتلېرنىڭ دۆلەت سوتسىيالىزىمىدىن تارتىپ سوۋىتنىڭ كوممۇنىزىمىغىچە ھەممىسى ساقلانغىلى بولمايدىغان ھالدا مۇستەبىت ھۆكۈمراللىققا قاراپ ماڭىدۇ. خايىك يەنە مۇنداق قارىغان، مەركەز ئىقتىسادنى بىر تۇتاش پىلانلاش تۈزۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر كىچىك كوللىكتىپ (ھۆكۈمرانلار سىنىپى) بايلىق ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ تەقسىملىنىشىنى قارار قىلىشى كېرەك، بازار تۈزۈلمىسى ۋە ئەركىن باھا تۈزۈلمىسى بولمىغانلىقتىن بۇ كىچىك كوللىكتىپ توغرا ئۇچۇرغا ئېرىشەلمەيدۇ ھەمدە مۇشۇ سەۋەپتىن توغرا سىياسەت ئارقىلىق بايلىق ۋە مەھسۇلاتلارنى توغرا تەقسىملىيەلمەيدۇ. ئىقتىسادى پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى ئوخشاشمىغان پىكىر ۋە مەركەزدىكى پىلانلىغۇچىلارنىڭ بايلىقلارنى تەقسىملەشتا ئۈزلۈكسىز مەغلۇپ بولۇشى سەۋەبىدىن، ئاخىرىدا پىلانلىغۇچىلار كۈچلۈك بېسىم ۋە مەجبۇرلاش كۈچى ئارقىلىق پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. خايېك يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇنداق قارايدۇ. ئامما پىلاننىڭ مەغلۇپ بولۇشىنىڭ سەۋەبى دۆلەت كۈچىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىدىن، مەقسەتنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە ئامال بولمىغانلىقتىن دەپ ئويلايدۇ. بۇنداق ھىسىيات ئاممىنى بېلەت تاشلاپ مەركەزگە مەركەزلەشكەن ھوقۇقنى قوللايدۇ، كۆرۈنۈشتە پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان ‹كۈچلۈك›لەرنىڭ سىياسى ھوقۇقنى تارتىۋېلىشىنى قوللايدۇ. بۇ بىر قاتار ناچارلىشىشتىن كېيىن بىر دۆلەت ساقلىنىش قىيىن بولغان ھالدا ھاكىم مۇتلەقلىققە ئۆزگىرىدۇ. خايېكقا نىسبەتەن ئېيتقاندا قۇللۇققا تۇتاشقان يول بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادنى مەركەز بىر تۇتاش پىلانلاشنى يولغا قويۇشىدىن تارتىپ، ئەركىن باراز تۈزۈلمىسىنىڭ يىمىرلىشى، بارلىق شەخسلەرنىڭ ئىقتىسادى ۋە شەخسى ئەركىنلىگىنىڭ يوققا چىقىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 
     خايېك ناتسېستلار گېرمانىيەسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاللىقاچان قۇللۇققا تۇتاشقان يولدا كېتىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە شۇ چاغدىكى نۇرغۇن دېموكىراتىك دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. خايېك مۇنداق يازىدۇ: 《 مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماسلىق شەخسنى ئاساس قىلىش تەلىماتى بويىچە ئەخلاىسىزلىق ھىساپلىنىدۇ. لېكىن كوللىكتىپىزىملىق قاراشتا ئەڭ ئالى پىرىنسىپ بولۇپ قالىدۇ》. بىراق خايېك يەنە كىتاپىدا پىلانلىق ئىگىلىككە بولغان ئۇنداق تەنقىدنى دوگما دىنى ئەقىدىلەر تىپىدىكى ئەركىن ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش پوزىتسىيەسى بىلەن ئارلاشتۇرىۋېتىشكە بولمايدۇ دەپ ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئۇ كىتاپىدا ھۆكۈمەتنىڭ پوچتا، يول، بولغۇنۇش، زاۋۇتلاردىن چىققان شاۋقۇن-سۈرەنگە نىسبەتەن باشقۇرۇش ئېلىپ بېرىشىنى قوللايدۇ.
       مەركىزى ئىدىيىسى: 《قۇللۇققا تۇتاشقان يول》نىڭ مەركىزى ئىدىيىسى خايېك كىتاپنىڭ كىرىش سۆزىدە تىلغا ئالغىنىدەك 1938-يىلدىكى 《 ئەركىنلىك ۋە ئىقتىسادى تۈزۈلمە》دىگەن ماقالىدىن كەلگەن. شۇ چاغدا سوتسىيالىزىم ئىدىيىسى ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە قاتارلىق سانائەتلەشكەن تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە كەڭ تارقالغان. 1929-يىل پارتلىغان كاپىتالىزىم ئىقتىسادى كىرزىسى كەڭ كۆلەمدە يۈز بەرگەن ھەم ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال بۇ دۆلەتلەردىكى سوتسىيالىزىم ھەركىتىنى كەڭ ئىجتىمائى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن. نۇرغۇن زىيالىلار سوتسىيالىزىمغا تەلپۈنۈپ سوتسىيالىزم، كىرىم باراۋەرلىگى، ئىشقا ئورۇنلىشىش كاپالىتىنى غايىۋى مەقسەت قىلغان. ” خۇسۇسى مۈلۈكچىلىكنى يوقىتىش “ ۋە  ” پىلانلىق ئىگىلىكنى يولغا قويۇش “ نى غايىۋى مەنزىلگە يىتىشتە  چوقۇم قوللۇنۇشقا تېگىشلىك چارە دەپ قارىغان.  خايېك گېرمانىيەنىڭ سوتسىيالىزىم ھەركىتىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، گىتلېرنىڭ تەختكە چىققىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولغاچقا ، فاشىست ھۆكۈمرانلار ۋە سوتسىيالىزىمچىلار تەرغىپ قىلغان   ” جامائەت پىكرى بىردەكلىكى“،   ” پۈتۈن مىللەتنىڭ ئەڭ ئالى مەنپەتى“،  ” شەخس كوللىكتىپقا بويسۇنۇش“ قاتارلىق قىممەت قارىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.  ئۇ ئامېرىكا ۋە ئەنگىليەدىكى زىيالىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا سوتسىيالىزىم غايىسىنىڭ كونكىرىت مەنىسىنى مۇلاھىزە قىلىشتىن باشقا، بۇ مەقسەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆلەيدىغان بەدەلنى دەڭسەپ كۆرۈش كېرەك.  خايېك سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئىشقا ئاشىرىش ئۈچۈن تۆلەيدىغان بەدەل ناھايىتى يۇقۇرى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.بىرىنچى: ئۈنۈمدارلىق جەھەتتىكى زىيان، پەن تېخنىكا تەرەققى قىلىپ مەركەزدىكى پىلانلىغۇچى ئورۇنلار ھەر خىل مەھسۇلاتلار ياكى ئەمگەكنىڭ ئوخشاش بولمىغان جەمىيەت ئەزالىرىنىڭ ھەر خىل ۋاقىت ۋە ئورۇندىكى ئۈنۈمىنى مۆلچەرلىشىدىن بۇرۇن، مەركەز بارلىق كىشىلەرگە ۋاكالىتەن  ” قانداق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش “ ” قانداق ئىستىمال قىلىش“ توغرىسىدا توغرا قارار چىقىرالمايدۇ. بۇ خىل قارار چىقىرىش جەريانى ناھايىتى زور ئىسراپچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  يەنى نۇرغۇن مەھسۇلاتلار ئۆز قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ. پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدە پىلانلىغۇچى ئەمەلدار ھەر بىر پۇقرانىڭ ھەر خىل مەھسۇلاتلارغا بولغان  ” باھاسى “غا ئېرىشىشكە يېتەرلىك
        ” قوزغىتىش “ قا ئېرىشەلمەيدۇ. خايېك كىتاپىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، ئىشلەپچىقىرىش مەركەزنىڭ كونتىرۇللىقى ئاستىدىكى تۈزۈلمىدە ، ئىستىمالچىلارنىڭ نىمىنى سېتىۋېلىش، نىمىنى سېتىۋالماسلىقنى تاللاش ھوقۇقى بولسىمۇ ئىستىمال مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىمۇ ئېغىر بۇرمىلانغان بولىدۇ. بۇ دەل لەنگې نىڭ  ” ماشىنا سوتسىيالىزم نەزىريىسى“ جاۋاپ بەرمىگەن ئاتالمىش  ” قوزغىتىش مەسلىسى “ ۋە   ” ئۇچۇر مەسلىسى “ دۇر. خايىك ئىنسانلار تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى باسقۇچىدا ۋە پەرەز قىلغىلى بولىدىغان كەلگۈسىدە ” شەخسنى ئاساس قىلىش“ ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىقتىسادى تۈزۈملا ئۇچۇر ۋە قوزغىتىش مەسلىسىنى ھەل قىلالايدۇ دەپ قارايدۇ. خايېك شەخسنى ئاساس قىلىش ۋە مەنپەئەتپەرەسلىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇقۇمغا ئايرىم مۇئامىلە قىلىدۇ.

مەنبە: <مالىيە دۇنياسى> ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 3-سانى ۋە بەيدۇ تورى

0

تېما

1

دوست

6144

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7274
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1462
تۆھپە : 888
توردىكى ۋاقتى: 232
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 23:06:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
30 يىل بۇرۇن بولغان بولسا سىزنى «تىپىك كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ئۇنسۇر»دەپ قالپاق كەيدۇرەركەندۇق. ،چاقچاق ھە~~~
ھازىرمۇ  ئاستا-ئاستا شۇ يولغا كېتىۋاتىدۇغۇ بۇلار
سۈلھىچىلىك بىچارىلىك...ئەركىنلىكتىن باشقىسى قۇرۇق گەپ!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

11

تېما

0

دوست

7730

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1896
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1775
تۆھپە : 1157
توردىكى ۋاقتى: 291
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 10:54:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ ئادەملەر بولىدىكەن، ھەممدىن بالدۇرلا يېزىپ بوپتىكەندە؟ ھازىر نەدە  ئۇ دۆلەتلەر مەۋجۈت،ھەممسى يوقالدى.

7

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6545
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3691
تۆھپە : 2461
توردىكى ۋاقتى: 557
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 11:35:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بىزدەك بىر ئەۋلاتلار مۇشۇنداق  توعرا نەزىريەنى ئوگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالعاچقا  « يەرشارى ئوز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ » دىگەن نەزىريەنى 30يىل يادلاپ ،مانا ئەمدى ساۋاتسىز قالدۇق . حۇددى بىر ئۇمۇر جاپالق ئىشلەپ بىر تاعار پۇل تىپىپ ،ئويگە بىرىپ تاعارنى ئاچسام ئىچىدىن ئاق قەعەز چىققاندەك .

1

تېما

5

دوست

2884

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 19:31:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىم ئىگەللەشتە كامالەتكە يەتكەن بولساق ، بۇنداق كۇنلەرگىمۇ قالمايتتۇق .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )