تەتقىقاتچىلار 21 ئەرگە كالورىيەسى ئوخشاش ، ئەمما تۈرى ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ناشتىلىق بەردى . بىر گۇرۇپپىدىكىلەر تۇخۇم ، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر بولكا يېدى . ئارىدىن ئۈچ سائەت ئۆتكەندە ، ئۇلار خالىغانچە يەيدىغان چۈشلۈك تاماق بەرگەندىن كېيىن ، ناشتىدا تۇخۇم يېگەنلەرنىڭ ناشتىدا بولكا يېگەنلەرگە قارىغاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 112 كالورىيە ئىسسىقلىقنى ئاز قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بايقىدى ، ئاخىرىدا مۇنداق يەكۈن چىقاردى : ‹‹ ناشتىدا تۇخۇم يېگەنلەرنىڭ قورسىقى ئاسان ئاچمايدۇ ، شۇڭا چۈشلۈك تاماقنى ئاز يەيدۇ–دە ، ئورۇقلاش مۇددىئاسىغا يېتەلەيدۇ ›› .
تەتقىقاتچىلار بۇ يەكۈننى دەلىللەش ئۈچۈن ، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن كىشلەرگە يۇقىرىقىدا بايان قىلىنغان رىسالە بويىچە تاماق بەردى ، نەتىجىدە ناشتىدا تۇخۇم يېگەنلەرنىڭ بولكا يېگەنلەرگە قارىغاندا تېز ئۇرۇقلىغانلىقى ، ئۇرۇقلاش نىسبىتىنىڭ %65 يۇقىرى بولغانلىقى بايقالدى |