شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى شىنجاڭ ئۆزگىچىلىككە ئىگە يىمەك –ئىچمەكلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى،ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلىق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان،ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلىق ھۆكۈمىتى ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سودا نازارىتى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەمگەك-ئىجدىمائى كاپالەت نازارىتى،جۇڭگو ئاشپەزچىلىك جەمىيتى مۇسۇلمانچە كەسپى كومىتىتى ئۈستىگە ئالغان ‹ئىككىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو مۇسۇلمانچە مىزىلىك تائاملار مەدەنىيىتى بايرىمى ،شىنجاڭ ئۆزگچە يىمەك ئىچمەك يەرمەنكىسى ›5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ئۇرۇمچى خەلقارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكىزۈلدى .
قومۇل ۋىلايىتى بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە 11 كارخانە 60 دىن ئارتۇق ئادەمنى تەشكىللەپ بۇ قېتىمقى بايرامغا قاتناشتۇردى ھەمدە ‹مەملىكەتلىك ئاشپەزلىك ھۈنىرى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى›،‹مەملىكەتلىك مۇسۇلمانچە يىمەك ئىچمەك كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش،شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يىمەك ئىچمەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش---- جۇڭگو مۇسۇلمانچە مىزىلىك يىمەكلىكلەر يۇرتى مۇھاكىمە يىغىنى›،
‹شىنجاڭنىڭ مىزىلىك يىمەكلىك سانائىتىنى سىىرتقا تونۇشتۇرۇپ سودىگەر چاقىرىش يىغىنى › قاتارلىق چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى .
قومۇل ئايشەم يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى چەكلىك شېركىتىدىن گۇلنار ئەمەت،قومۇل شەھرىزات يىمەكلىك چەكلىك شېركىتىدىن رەيھان ئابدۇۋاھىت،قومۇل مىسران مىزىلىك تائاملار سارىيىدىن ئەمەت سايىم قاتارلىق ئۇستاملار ئۇن تۈرلىرى بويىچە ئالاھىدە مۇكاپات ،ئۇن تۇرلىرى بويىچە ئالتۇن مۇكاپاتقا ۋە قومۇلدىن مۇسابىقىگە قاتناشقان بەش ئەترەت سۇنغان 19خىل داڭلىق تائام ئايرىم ئايرىم ھالدا ‹داڭلىق سەي›،‹داڭلىق پىچىنە پىرەنىك›،‹داڭلىق ئۇششاق يىمەكلىك› قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.
|