- تىزىملاتقان
- 2012-4-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1843
- نادىر
- 0
- يازما
- 57
ئۆسۈش
  84.3%
|
ئىچكىرىنىڭ مەلۇم بىر ناھىيىسىدە قاتناش ساقچىلىرىنىڭ يول توساپ قالايمىقان ھەق ئېلىش قىلمىشلىرى بەك ئەۋج ئېلىپ كېتىپتۇ.
بىر كۈنى ماي توشۇيدىغان ئاپتوموبىل شوپۇرى ماشىنىدىكى مايلارنى چۈشۈرىۋېتىپ، قايتىپ كېلىشىدە يەنە بۇ يول بولىگىدىكى قاتناش ۋە تاشيول باشقۇرۇش خادىملىرى نورمىدىن ئارتۇق يۈك باستىڭ دەپ قۇرۇق ماشىنىغا قارغۇلارچە جەرىمانە كېسىپتۇ. شوپۇر ئۇ ساقچىغا:
-مەندە ھازىر پۇل يوق، ئۆيگە بېرىپ پۇل ئېلىپ كېلەي-دەپ ماشىنىنى قويۇپ كېتىپتۇ ۋە يېرىم سائەتلەردىن كېيىن قايتىپ كېلىپ جەرىمانىنى تاپشۇرۇپتۇ. ئاندىن ئۇ ماشىنىنىڭ ماي باكىنى ئېچىپ ساقچىغا:
-بۇ باكتىكى مايلار يوققۇ؟ دەپتۇ.
-بۇ باكتا ماي بارمىتى-دەپتۇ قاتناش ساقچىسى
-بۇنۇڭغا قارا-دەپتۇ شوپۇر-نورمىدىن ئارتۇق يۈك باسقانلىق ئىسپاتى مانا...
شۇنداق قىلىپ ئەقىللىق شوپۇر قولىدىكى ئىسپات تالونىغا تايىنىپ ئاچكۆز ساقچىنى بىر ئاپتوموبىل ماينىڭ پۇلىنى تۆلىتىپتۇ. |
|