- تىزىملاتقان
- 2012-5-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1195
- نادىر
- 0
- يازما
- 58
ئۆسۈش
  19.5%
|
1. ب دەرىجىلىك كۇلۇبلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى كوماندىلار ئارىسىدا باشقا رەقىبلەرنى ئۈزۈپ چىققۇدەك كۈچلۈك كوماندا تېخى يوق ؛ 2. مۇسابىقە پەسلىنىڭ تېخى تۆتتىن بىرى ئاياغلىشىپ بولالمىغان ۋاقىتتا ، مەلۇم كوماندىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ياكى كەمچىلىكىنى تولۇق بايقىۋېلىش بەك تەس ؛3. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئاتلىنىشتىكى ، ھۇجۇمدىن مۇداپىئەگە ئۆتۈشتىكى ئالمىشىش سۈرئىتى ئازراق تۆۋەن ؛4. نومۇر جەھەتتە ئاخىرقى تۆتكە تىزىلغان كوماندىلار بەلكىم ئاجىز كوماندىلار بولماسلىقى مۇمكىن ، بولۇپمۇ تيەنجىن كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەدىكى تاكتىكا ئالاھىدىلىكى ناھايىتى رۇشەن ؛5. بىرلەشمە مۇسابىقىدە بىر كوماندىنىڭ ھۇجۇم كۈچى مۇداپىئە كۈچىگە قارىتا تېخىمۇ زور رول ئوينايدۇ ، شىنجاڭ كوماندىسى ئالدىنقى ئايلانمىلاردا ئىپادىلىگەن ھۇجۇم كۈچى ئىنتايىن ئادەتتىكىچە ؛6. شىنجاڭ كوماندىسى غوللۇق ئەزالىرى بىلەن زاپاس ياكى ئالماش ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا سەۋىيە پەرقى يوق دېيەرلىك ، بۇ جەھەتتە شىنجاڭ كوماندىسى پۈتۈن پەسىلدىكى نەتىجە مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ئۈستۈنلىككە ئىگە . |
|