- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18677
- نادىر
- 9
- يازما
- 466
ئۆسۈش
  21.69%
|
تاماقنى بەك كەچ يېسە سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولىدۇ .
تاماق يەپ بولۇپ توت - بەش سائەتتىن كېيىن ، ئادەم بەدىنى كالتىسينى ئەڭ كۆپ چىقىرىدۇ . ئەگەر كەچلىك تاماق بەك كەچ يېيىلسە ، ئادەم بەدىنى كالتىسينى ئەڭ كۆپ چىقىرىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە ، ئادەم ئۇخلاپ قالىدۇ ، سۇيدۇك بەدەن سىرتىغا ۋاقتىدا چىقىرىلماي ، سۈيدۈكتىكى نۇرغۇن كالتىسي بەدەندە يىغىلىپ قېلىپ ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تاشقا ئايلىنىدۇ . مۇتەخەسسىسلەر : كەچلىك تاماق يېيىشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق پەيت سائەت 6:00 بولۇپ ، يېرىم كېچىدە تاماق يېيىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك . قايناق سۇنى كۆپ ئىچىش سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل دەپ قارايدۇ .
قان بېسىمى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كەتسە ، باش قىسىمنى تۆۋەن قىلماسلىق كېرەك .
قان بېسىمى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ قالغاندا كېسەلنى يېرىم ئولتۇرغان ھالەتتە قويۇش ، كېسەلنى دەرھال تېنچلاندۇرۇپ بارلىق ناچار تەسىرلەرنى تۈگىتىش ، تېنچلاندۇرۇش دورىسىنىمۇ بىر تال ( 2.5 مىللىگرامدىن ) بىرىپ كېسەلنىڭ كەيپىياتىنى ئاۋۋال تۇراقلاشتۇرۇش كېرەك . كېسەلنى تېزلا ياتقۇزماسلىق ، باش قىسىمى بەك تۆۋەن بولۇپ قالماسلىق كېرەك . باش قىسىمى زىيادە تۆۋەن بولۇپ كەتسە ، قان بېسىمى مېڭە قىسمىدىكى قان تومۇرلارغا تېخىمۇ چوڭ تەسىر يەتكۇزىدۇ .
( ماتېرىيالدىن ) |
|