- تىزىملاتقان
- 2012-2-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1116
- نادىر
- 1
- يازما
- 34
ئۆسۈش
  45.14%
|
2012-يىلى 15- مايدىن ئېتىبارەن ، مەملىكىتىمىز پۇقرالىرى ئېلىكترونلۇق ئادەتتىكى پاسپورت قوللىنىش دەۋرىگە كىردى. بۇ ئېلىمىز پۇقرالىرىنىڭ خەلقئارالىق ساياھەت گۇۋاھنامىسىنىڭ سىفىرلىشىش دەۋرىگە قەدەم قويغىنىدىن دېرەك بېرىدۇ.پاسپورت مۇقاۋىسىنى لاھىيەلەشتە، يەنە ،مەملىكىتىمىزدىكى 31 ئۆلكە،ئاپتۇنۇم رايۇن ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرۋە شىياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايۇنلىرىنىڭ جۇغراپىيىسىدىكى ۋەكىللىك تەرەپلەر،مەملىكىتىمىزدىكى 56 مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئوبرازى نامايەن قىلىنىپ ،مەملىكىتىمىز تاغ - دەريالىرىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغانلىغى ، تارىخى ھەم مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزاق ۋە قەدىمىلىگى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ،ئىناق مەنزىرىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
پاسپورت پۇقرالارنىڭ چەتئەللەردە دۆلەت تەۋەلىگى ۋە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم گۇۋاھنامە.بۇ قېتىملىق پاسپورتنىڭ ئالاھىدىلىگى ئۇنىڭغا پۇقرالارنىڭ بارماق ئىزى ۋە ئىمزاسى كىرگۈزۈلگەن.
نۆۋەتتە ، مەملىكىتىمىزدىن چەتئەلگە چىقىدىغانلارنىڭ سانى 2000-يىلىدىكى 47380000 ئادەم قېتىمدىن كۆپىيىپ ، 2011- يىلىدىكى 203190000 ئادەم قېتىمغا يەتكەن.ج خ ئورگانلىرى ھەر يىلدا تارقاتقان ئادەتتىكى پاسپورت سانى 90- يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى 1000000 دىن 10000000 دانىگە يەتكەن.يەنە كېلىپ ، ھەر يىلى % 20 لىك كۆپىيىش نىسبىتىدە ئۆرلىگەن.38000000 نەپەر جۇڭگۇ پۇقراسى ئادەتتىكى پاسپورت بېجىرگەن.
مەنبە: شىنخۇا تورىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىندى.
http://news.xinhuanet.com/legal/2012-05/15/c_111958409.htm |
|