ج خ ئىدارىسىنىڭ دەرۋازسىنى لۇزۇنكا تۇتقانلار تۇستى
5-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتە، چاڭجۇ جۇڭلو ج خ ئىدارىسىنىڭ دەرۋازىسىنى قۇلىغا لۇزۇنكا تۇتقان 50نەچچە ئادەم تۇسىۋېلىپ، « ساقچىلار قۇراللىق ئادەم ئۇردى» دېگەن. بۇخەۋەر توردا تېزلا تارقىلىپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. مۇخبىر نەق مەيدانغا يىتىپ كىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدى.
ئىگىلىنشىچە شۇكۈنى سائەت بىر ئەتىراپىدا، جۇڭلو ج خ ئىدارىسىدىكىلەر مەلۇم ئولتۇراق رايۇنىدا زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇماندارىنى تۇتقىلى بارغان بۇلۇپ، دەرۋازا باقار كىشى ساقچىلارنىڭ قوروغا كىرىپ ئادەم تۇتىشىنى رەت قىلغان، ۋاقىت زىچ بولغاچقا، ساقچىلار دەرۋازىنى بۇزۇپ، زورلۇق كۈچى بىلەن قوروغا كىرىپ، قانۇن ئىجراقىلغان. ھەمدە زور مىقتاردىكى زەھەرنى قولغا چۈشۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن 5-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتە، بىرتوپ ئادەم ج خ ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ، « ساقچىلار قۇراللىق ئادەم ئۇردى، قاتىلنى تاپشۇرۇپ، بىزنى ئاقلىسۇن» دېگەن خەتلەر بېسىلغان لۇزۇنكىنى تارتىپ، دەرۋازىنى توسقان. بۇقىلمىش ساقچى ئىدارىسىنىڭ نۇرمال خىزمىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن بۇلۇپ، ج خ ئىدارىسى بۇكىشلەرنى ئىدارىنىڭ تەرتىپىكە بۇزغۇنچلىق قىلغانلار قاتارىدا چاقىرىتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان
مەنبە: سۇمرۇغ تورى. ئەسلى مەنبە:
http://news.ifeng.com/mainland/detail_2012_05/11/14451964_0.shtml
|