- تىزىملاتقان
- 2012-9-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8589
- نادىر
- 0
- يازما
- 524
ئۆسۈش
  71.78%
|
دېھقانلارنى ئويۇنچۇق ئورۇنىدا ئوينۇتىۋاتىدۇ، بەزىلەر، بۇ يىل بىزنىڭ يېزىدىكى دېھقانلارغا بىر جانغا بىر مودىنلا بۇغداي تېرىيسىلەر، ئۇنىڭدىن ئارتۇق تەرمەيسىلەر دەپ يېزا كادىرلىرى يەر ھەيدەش مەيدانىغا بېرۋېلىپ ھەيدىگىلى قويماي، سېزون ۋاقتىنى ئۆتكۈزۋېتىپ، ئاندىن 10- ئاي بولغاندا ئەمدى بۇغداي تېرىساڭلار بولۇدۇ دەپتۇ، لېكىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەشكە دېھقانلار تېرىماپتۇ، ئەمەليەتتە مەن دەۋاتقان بۇ يېزا، بىر تاغ باغرىدىكى يېزا، ئىچىملىك، دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان سۇنىڭ ھەممىسى ئەشۇ تاغدىن چۈشكەن بۇلاق سۈيىگىلا قاراشلىق، بۇ يېزىدا ئەزەلدىنلا بۇغداي تېرىش ئارقىلىق جان بېقىپ كېلۋاتقان دېھقانلار بۇ يىل بۇغداي تېرەلمەي قالغان، سىز ئويلاپ بېقىڭ ئەزالدىنلا كۈنلىرى غۇربەتچىلىكتە ئۆتۈپ كېلۋاتقان دېھقانلار، قورساق تويغۇدەك ئاشلىق ھەيدىيەلمىسە، جېنىنى قانداق باقىدۇ، باللىرىنى قانداق ئوقۇتىدۇ. |
|