باغداش تورىدىكىلەر باغداشتا يىغىلساق قانداق ؟؟؟
[align=justify][align=justify][align=justify] بارلىق باغداش ئەھلى مېنىڭ مۇنداق ئۆتۈنۈشۈم بار : يىراق - يېققىندىكى ھەممىمىز دەم ئېلىشلىرىمىزنى توغۇرلاپ ، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ياكى 14- كۈنى باغداش تېغىدا ساياھەت قىلغاچ بىر ئەھمىيەتلىك پائالىيەت قىلساق بوپتىكەن ، شۇ ئارقىلىق يىراق يېققىندىكى مۇنبەرداشلار تونۇشقاچ مۇنبەرنىڭ خۇلاسە ۋە كەلگۈسى پىلانلار يىغىنىنى ئاچساق دىگەن ئۈمۈتتىمەن . بالدۇر ئۆتۈنۈشۈمدىكى سەۋەپ بىزنىڭ ئىدارىدە خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىنى تىزىملاۋاتىدۇ ، ئەگەر مەن دىگەن ۋاقىتلاردا پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلسا مەن دەم ئېلىشنى شۇ ۋاقىتقا توغۇرلاپ ئالىمەن . يەنە بىر تەرەپتىن بالدۇرراق بېكىتىلسە يىراقتىكىلەرنىڭ بالدۇرراق تەييارلىق قىلىشىغا قولايلىق بولامدىكىن دەيمەن . ئىككى كۈن قالغاندا ئۇقتۇرۇش قىلساڭلار بىزدەك يىراقتىكىلەر بارمىقىمىزنى چىشلەپ قالىدىكەنمىز . باشقۇرغۇچىلار ۋە تورداشلار قانداق قارايدىكىن ؟ |