- تىزىملاتقان
- 2012-1-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 798
- نادىر
- 0
- يازما
- 33
ئۆسۈش
59.6%
|
بۇ مەزمۇن 24قەۋەتتىكى tarim138دە2012-04-23 13:04يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مىنىڭ تەجىربەمچە 1-ئۇتتىرۋەتكىنىڭىزگە تەن بىرىڭ .پۇلۇمنى قاييتۇرۋالىمەن دىسىڭىز يەنە تۆۋى يوق ھاڭغا چۈشىسىز. 2_ئازاپلانماي خوشال يۆرۆڭ چۆنكى سىزدىنمۇ ئېغىر كۆنلەرنى باشتىن كەچۆرۋاتقان نۇرغۇن كىشلەر بار 3_ئامال بار زىھنىڭىزنى باشقا ئشلارغا بۇراڭ .ئەمگەك قىلىڭ ، دوسلىرىڭىز بىلەن سىردىشىڭ. يالغۇزئولتۇرۇپ قىمار توغىرلۇق خىيال قىلماڭ
4_سەھەر تۇرۇپ ناماز ئۇقۇپ ئۇزىڭىزگە ئتىقاد شەكىللەندۆرۇڭ چونكى كۈڭۈل ئازادە بولمىسسا يەنىلا زەيىپلىشىسىز .
5- ئىلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇقخانا ،ماجاڭخانىلانىلاردىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ.
6_ئاغىنىلىرىڭىز بىلەن تاللاپ ئارلىشىڭ. چۆنكى ئاغىنىڭىز قاغا بولسسا يىيىشىڭىز پوق بولىدۇ
.......
ھەر ھالدا ھازىر بولسىمۇ قول ئۈزۈشنى ئويلىشىپسەن، كېچىككەن ياكى كېچىكمىگەنلىكىڭگە ئاللاھ ئۆزى بىر نىمە دېسۇن.... خەير مەنمۇ بۇ تېماڭنى كۆرگەنكەنمەن ئىككى ئېغىز نەسىھەت قىلىپ قوياي، ئەگەر كۆرسەتكەن ئامال-چارىلىرىم ئېقىپ ھەق يولغا قايتىپ قالساڭ مەندىن ئەمەس ئاللاھدىن دەپ بىلگەيسەن.
نەسىھەت :
1. ئۇتتۇرغان نەرسەڭگە پۇللىرىڭغا مۇتلەق تەن بەرگىن، ئۇنى ھەرگىزمۇ قايتۇرۇپ كېلەلمەيسەن. ئەگەركىچىككىنە بولسىمۇ قايتۇرۇۋالاي دەيدىغان خىياللا بولسا مۇمكىن ئەمەس بۇ يولدىن قايتالمايسەن. ئادەتتە قىمار ئوينىغانلارنىڭ تېخىمۇ كىرىشىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى ئۇتتۇرغىنىغا چىدىماي بىر-ئاز بولسىمۇ قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىشىدۇ، ئوچۇقىنى دېسەك چىدىماسلىق بۇ ...... ئەگەر 1- نەسىھەتنى ئەمەلگە ئاشۇرالىساڭ كېيىنكىسىگە نەزىرىڭنى ئاغدۇر، ئەگەر بۇ 1-نى قىلالمىساڭ كېيىنكىسىنى كۆرۇشۇڭ بىھاجەت.
2. چىن كۆڭلۇڭدىن توۋا قىلىپ ئاللاھنى ياد ئېتىپ بوي تەرەت ئېلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ ئاللاھقا يىغلا، سۇ تېنىڭنى ئېرىتسە ناماز قەلبىڭدىكى كىرلەرنى ئېرىتىدۇ. ئەگەر قىلالىساڭ بامداد نامىزىنى ۋاقتىدا ئۆتە ، نامازدىن كېيىن بىر-ئاز قۇرئان ئوقۇغىن، قەلبىڭ تازىلىنىدۇ( ئاللاھ خالىسا).
3. ئىرادەڭ چىڭ بولسۇن، ئىرادىنى چىڭىتىشقا قەدەم-باسقۇچ كېرەك، دەسلەپتە بىراق قول ئۈزىمەن دېسەڭ قىلالىشىڭ ناتايىن ،توۋا قىلغان تۇنجى كۈنى ئۆزۈڭنىڭ نەپسىڭنى قاتتىق يىغ (بولسا ئەتىگەندە روزىغا تۇرالىساڭ ئەڭ ياخشى) ، ئەگەر بەك ئوينىغۇڭ كەلسە ئالدى بىلەن بىر-ئاز سەۋر قىل، مەسىلەن 1سائەت چىدا....ئەتىسى بىر يېرىم سائەت ......ئۈچىنىچى كۈنى ئىككى سائەت.....مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملاشتۇرساڭ ئۈنۈمى بولۇشى مۇمكىن.( بۇنىڭغا قارىتا تورداشلارنىڭ باشقىچە قارىشى بولسا ئىنكاس بولماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن)
4. يۇقىرىدكى تورداشنىڭ ئېيتقىنىغا ئوخشاش قاغا بىلەن يۈرسەڭ يىيىشىڭ پوق، ئۇنداق دوستلىرىڭنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشى، ئەڭ ياخشىسى قول ئۈز. قانچە بۇرۇن بولسا شۇنچە ياخشى.
5. مۇمكىن بولسا كومپىيوتېردىن بىرنى ئېلىپ تورغا ئۇلاپ باغداش تورىغا ئوخشاش مۇنبەرلەرگە كىرىپ تۇر، نۇرغۇن ياخشى تور بەتلەر بار، قايسىسىغا كىرسەڭ بولىدۇ، لېكىن سىرتقا چىقىپ دوستلىرىڭ بىلەن ئالاقە قىلما، ئىشتىن چۈش دە ئۆيگە قايتىپ تامىقىڭنى يەپ كومپىيوتىرغا چىقىپ دۇنيادا بولۇۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇر، <<ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار>>، <<ياردەم قىلغان بولساڭلار>> دېگەندەك مۇراجەتلەر بولسا كۆپرەك كۆر، تەپسىلى كۆر گەرچە ياردەم قولۇڭنى سۇنالمىساڭمۇ دۇنيادا مۇنداقمۇ ئادەملەرنىڭ بارلىقىن بىلپ قالىسەن......ئەگەر خالىساڭ مېنىڭ مۇڭداشقۇمنى قوشۇۋال...ياردىمىم تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس(ئىقتىساد جەھەتتىن ئەمەس)....122304863 |
|