ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورىدا <مەكتەپنى تەسىرلەندۈرگەن شەخس> نى تاللاش بېلەت توردا بېلەت تاشلاش پائالىيتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ ، بۇ پائالىيەتكە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلاردىن 100 نامزات بېكتىلگەن بولۇپ باسقۇچ بويىچە بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئالدىنقى قاتاردىكىلەر تاللاپ چىقىلىدىكەن .
بۇ قېتىمقى <مەكتەپنى تەسىرلەندۈرگەن شەخس > نامزاتلىرى تىزىملىكىگە قومۇل دارىلمۇئەللىمىن (قومۇل تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ) نىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى پاتىگۈل ياقۇپ مۇئەللىم كىرگەن بولۇپ تورداشلارنىڭ پاتىگۈل ياقۇپ مۇئەللىمگە بېلەت تاشلىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز!
بېلەت تاشلاش ئادىرىسى : http://www.xjedu.gov.cn/jgsz/sxzzgzc/pingxuan/11012.htm
بېلەت تاشلاش بېكىتىگە كىرگەندىن كېيىن 4-رەت ئوڭ تەرەپتە پاتىگۈل مۇئەللىمنىڭ ئارخىپىنى كۆرەلەيسىز :
ئۈستىدىكى 阅览 كۇنۇپكىسىنى كۆرۈپ پاتىگۈل مۇئەللىمنىڭ ئارخىپىنى بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىڭ ، ئاندىن كاتاكچە بەلگسىنى تاللىغاندىن كېيىن بەت ئاستىدىكى 提交 كۇنۇپكىسى باسسىڭىز بېلەت تاشلىغان بولىسىز . ئەسكەرتىش : بىر كومپىيوتوردا ھەر 10 مىنۇتتا بىر بېلەت تاشلىغىلى بولىدۇ ، شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ كۆپرەك بېلەت تاشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز !
سۈرەتتە : پاتىگۈل مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە |