- تىزىملاتقان
- 2012-2-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5603
- نادىر
- 0
- يازما
- 245
ئۆسۈش
  12.06%
|
مۇنداقلا قارىسا بەك ئاشۇرۋەتكەندەك بىلىنىدۇ كىشىگە ،بىراق ئوبدانراق ئويلاپ باقساق پۈتۈنلەي ئۇنداقمۇ ئەمەس، ئەمدى جوڭگۇچىلىقتا ،ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردە خەنزۇچىنى بىلمىسە بىر ئىش قىلماق تەس بولۇپ كەتتى ،ھەممىلا يەردە ھوقۇق مۇشۇ خەقنىڭ قولىدا بولغاندىكىن ،بىرەر ئىشنى بېجىرىش ئۈچۈن مۇشۇ خەقنىڭ ئالدىغا بارىدىغان گەپكەن ، ئەمدى تىل ئۆگىنىش ياخشى ئىش ،مەيلى ئۇ كاپىرنىڭ تىلى بولسىمۇ ، بەلكىم قىز مۇشۇلارنى ئويلاپ شۇنداق دېگەن بولىشى مۇمكىن ،باشقا شەرتلىرىدىن قارىغاندا بۇ قىزنىڭ جېنى بار ،قولىدىن ئىش كېلىدىغان،ئوڭلۇق بىرەرسىگە ياتلىق بولۇش ئويى بارئىكەن ،كەلگۈسىدىكى يولدىشىنىڭ بوشاڭ ،لىڭتاسما بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدىكەن ،مېنىڭچە بۇ ھازىرقى دەۋردىكى نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئارزۇسى ،مەن توغرا چۈشەندىم،شۇ ئىمان ئېتقادلىق بولىشى كېرەك دەۋەتكەن بولسىغۇ ياخشى بولاتتىكەن.
توردا ئېلان بەرگىنىنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ ،چۈنكى ھازىر ئوقۇش ،خىزمەت سەۋەبىدىن لايىق تاپالماي يېشى چوڭىيىپ كېتىۋاتقان قىزلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس،تېخى نەدىكى دىبالاردىن چىقمايدىغان ئويۇنچى قىزلار تېزلا لايىق تېپىۋالىدىكەن. بەزى ياخشى قىزلىرىمىز چەتتە قالىدىكەن. |
|