- تىزىملاتقان
- 2011-1-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18143
- نادىر
- 0
- يازما
- 853
ئۆسۈش
  20.36%
|
يوقىرقى دوستلىرىمىزنىڭ كۆڭۇلدىكىدەك تەكلىپ پىكىرلىرىدىن كۆڭلۇم خېلى يورۇپ قالدى . مېنىڭچىمۇ :
1. ئائىلە تەربىيەنى ھەسسسىلەپ كۇچەيتىش كېرەك .
ئەڭ ئالدى بىلەن ئاتا- ئانىلارنى تەربىيلەش ، ئۇلارنى ئۇيغىتىش ئىنتايىن مۇھىم ، شۇ ئارقىلىق پەرزەنتلىرىمىزنىڭ توغرا ئۇسۇلدا تەربىيلىنىش ، ھەقىقىي مېھىر - مۇھەببەتكە ئېرىشىش ، ئۆزىنى بىلىش ، ئۆزىنى تونۇش ، ئەخلاق ، ئېتىقات قارىشىنى يېتىلدۇرۇشىنى قولغا كەلتۇرۇش كېرەك . ئائىلىدىكى توغرا بولغان مېھىر - مۇھەببەتلىك تەربىيەنىڭ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرالىساقلا ، بىز %50مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشەلەيمىزمىكىن دەيمەن ...
2. رادىيو - تېلىۋېزىيەلەردە نۇقتىلىق تېما قېلىپ ئەمىلىي سۆھبەت ، زىيارەت پىروگراممىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قولغا كەلتۇرۇش كېرەك . بۇنىڭدا چوقۇم رەھبەرلەرنىڭ قۇرۇق نەزىرىيە تۇسىنى ئالغان سۆزلىرىنى ئاز ، ئاممىنىڭ ، پەرزەنتلەرنىڭ ئەمىلىي ، پاكىتلىق مەسىلىلىرىنى كۆپ ئوتتۇرىغا قويۇش ،پىروگراممىنىڭ تەسىرلىك ، جەلىپ قىلارلىق ، ئۈنۈملۈك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .
3. ياش - ئۆسمۇرلەرگە مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش ، ئۇلارنى قوغداش ئۆمەكلىرىنى تەشكىللەش .
بۇ قۇرۇلغان ئۆمەكلەر پىشقەدەم بىلىملىك ، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەردىن ۋە ياشلار ۋە ئۆسمۇرلەردىن تەشكىللەنسە ، ئۇلارنىڭ قەرەللىك تەشۋىقات پائالىيەتلىرى پىلانلانسا . پائالىيەت پىلانلىرىنىڭ ئىچىدە چوقۇم ھەر قايسى ئورۇنلاردا تەسىرلىك ، ئەھمىيەتلىك لېكسىيە سۆزلەش ، مەخسوس تېمىدا ، ئۆزگىچە شەكىللەردە مۇنازىرە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ، تەشۋىق ۋارىقى ۋە خاتىرە بويۇم تارقىتىش ... قاتارلىقلارنى ئويلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇلسا .
4. ۋىلايەت ، شەھەر ۋە يېزىلىق ھۆكۇمەت ئورۇنلىرى ، ھەر قايسى ئاھالىلەر ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى ...قاتارلىق ھەر بىر ئورۇنلارنىڭ ئورتاق قوللىشىنى قولغا كەلتۇرۇش كېرەك . خىلمۇ - خىل خىزمەت، پائالىيەتلەرگە بىر تۇر قىلىپ بۇ خىزمەتنى قوشۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە چوقۇم سۇرۇشتە قىلىشىنى تەلەپ قىلىش كېرەك .
5. قانون ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى، ھەر قايسى ئورۇنلاردىكى قانونسىز تور ئويۇنچۇقخانىلىرىنى قاتتىق چەكلەش ۋە تەكشۇرۇش ... خىزمەتلىرىنى ئەمىلىي ، ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش كېرەك .
6. مەكتەپ تەربىيىسىدە بۇ تۇردىكى خىزمەتنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇش . ( مەكتەپلەرغۇ قوللانمىغان تەدبىرلىرى قالمايۋاتىدۇ . ھەي ... ) |
|