- تىزىملاتقان
- 2011-12-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9724
- نادىر
- 1
- يازما
- 474
ئۆسۈش
  94.48%
|
بىر قىسىم تورداشلار «سىزبىلەن بىز مۇقامنىڭ تېكىستىنى ئانچە مۇنچە ئۇققاچقا كۆڭۈلگە يۆلەپ چۈشىنەلەيمىز» دەپ مۇقامنىڭ تېكىستىنى ئانچە مۇنچە ئۇققاچقا قالغان ئۇقاممىغان يېرىنى كۆڭۈلگە يۆلەپ تەپمە ھالا قىلىپ يۆگەپ چۈشىنىدىغىنىڭلارغا «سىز بىلەن بىز »دەپ باشقىلارنى شىرىك قىلىۋالماڭلار. چۈشۈنەلمەسلىك ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشى.
قارىغۇغا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى يوق دېگەندەك، ئۇيغۇرچە مۇقامنى ئانچە مۇنچە چۈشۈنىپ، قالغىنىنى كۆڭۈلگە يۆلەيدىغانلارغا، باشقا مىللەت كىشىلىرى تولۇق ئۇيغۇر تىلى تەلەپپۇزىدا ئوقۇپ بەرسىمۇ، بەرىبىر تولۇق چۈشىنەلمەيدۇ، كۆڭۈلگە يۆلەيدۇ. ھوزۇرلىنالمايدۇ. شۇڭا بۇنداقلار ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرچە تەلەپپۇزى توغرا ئەمەس دەپ قاخشاشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.
گەپلىرىنى سۈرلۈك، دەبدەبىلىك چىقىرىش ئۈچۈن لۇشۈن زاۋىنلىرىدەك گەپنى يوشۇرۇپ، ياپتا گەپ قىلىپ، ئارىسىغا « كەينىدىكى باشقا ئويۇننى » دېگەندەك ئازراق سىياسىي پۇراق چىقىرىدىغان بوياقلارنى ئارلاشتۇرۇپ، سىرلىقلاشتۇرۇپ، گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتۇۋىتىپ، ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئۆزى ئىكار قىلىپ، دوقمۇش مۇلاھىزىچىلىرىدەك سۆزلەپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق.
ۋاڭنىڭ مۇقان ئېيتىشىنىڭ كەينىدە نېمە ئويۇن بولار؟ شان شەرەپ ئۈچۈن ئېيتسا نېمە بوپتۇ؟ بۇنىڭغا ئۆزىمۇ جاۋاپ بېرەلمەيدۇ. باشقىلارنى ساراڭ دەيدۇ-يۇ ، ئۆزىنىڭ ساراڭلىقىنى بىلمەيدۇ. |
|