قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 946|ئىنكاس: 28
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دوكتور: نىشانىمىز، يولىمىز!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

7

دوست

1593

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23663
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 512
توردىكى ۋاقتى: 133
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-27
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان (ياپونىيە)


13758PICp2Y_1024.jpg

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:

بۇرۇن ئەتراپىمدىكى تونۇشلار ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا سېتىۋېلىشقا باشلىغاندا مۇنداق گەپ بولۇنغان: "ھەيدىۋىلىڭلار، چاپتۇرىۋېلىڭلار يېڭى ماشىناڭلارنى ئۈرۈمچىنىڭ كەڭ كۇشادە يوللىرىدا، يەنە بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ماشىنىنى توختىتىدىغان يەرمۇ تاپالمايسىلەر". ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ پەرەزلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتكە ئايلاندى. ئەمەلىيەتتە بۇنچىلىك يىراقنى كۆرۈشكە ھېچقانچە بىلىم سەۋىيە كەتمەيدۇ. ئەگەر تېمىنى بىر ئاز چوڭايتىپ" ئۈرۈمچىنىڭ كەلگۈسى قانداق بولار؟" دەپ سوئال قويساق، بۇنى پەرەز قىلىشمۇ   ئانچە تەس ئەمەس. سىز پەقەت شىنجاڭ گېزىتنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان، ياكى شىنجاڭ خەۋەرلىرىنى كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيەدە بولسىڭىزلا كۇپايە.

شىنجاڭ گېزىتىگە مۇنداق خەۋەرلەر بېسىلىپ تۇرىدۇ:  "ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تەرەققىي قىلغان رايونلاردىن ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى شىنجاڭغا كېلىدۇ، شىنجاڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن خادىملار چىقىپ ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ" ئاخىرىدا ھامان ئېيتىلىدىغان بىر  جۈملە سۆز بار. يەنى:" بېيجىڭنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ئۈرۈمچىنىڭ كەلگۈسى، ياكى شاڭخەينىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ئۈرۈمچىنىڭ كەلگۈسى". دېمەك ئۈرۈمچى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات يولىدا بېيجىڭ بىلەن شاڭخەيگە ئوخشاش تەرەققىي قىلغان رايونلارنى نىشان قىلغان ھەم شۇلارنىڭ تەرەققىيات يولىنى تاللىغان.

نىشان، يول ئوخشاش بولغاچقا ئۈرۈمچى   شاڭخەي، بېيجىڭلار  يولۇققان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە يولۇقىدۇ. بېيجىڭ، شاڭخەيلەردە قاتناش قىستاڭچىلىق بولغان بولسا ئۈرۈمچىدىمۇ قاتناش قىستاڭچىلىق بولىدۇ. ھاۋا بۇلغىنىش بولغان بولسا، ئۈرۈمچىدىمۇ بۇلغىنىش بولىدۇ. سۇ قىسلىق مەسىلىسى بولغان بولسا ئۈرۈمچىدىمۇ بۇ مەسىلە بولىدۇ. ئۆي باھاسى ئۆسكەن بولسا، ئۈرۈمچىدىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسى ھامان ئۆسىدۇ. ئۈرۈمچى بۇلارنى بىلىپ تۇرسىمۇ، بۇ مەسىلىلەردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ، ياكى تاقلاپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ.  بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ، دارۋىن دەيدۇ:«ھاياتلىق مۇھىتقا ماسلاشقان ھالدا ئۆزىنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئالدىغا قاراپ تەرەققىي قىلىپ ماڭىدۇ».  ماركس دەيدۇ: «ئوبيېكتىپ دۇنيا ئىنساننىڭ ئىدىيەسىگە بويسۇنمايدۇ». بۇ ئىككى نەزەرىيەگە قايىل بولمىسىڭىز،  ئىقتىسادشۇناسلار تولۇقلاپ: « تاللىغان يولىمىزغا يېلىنىپ قالىمىز» دەيدۇ. بۇ نەزەرىيەنىڭ كۈچلۈك تەجرىبە ئاساسى بار. ئاددىي قىلىپ چۈشەندۈرسەك، بۇ فىزىكىدىكى ئىنېرتسىيە قانۇنىيىتىگە ئوخشاپ قالىدۇ. يەنى ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىمنى توختىتىمەن ياكى ھەرىكەت يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەنمىز، چوقۇم  ئىنېرتسىيەسى يېڭىش ئۈچۈن يېتەرلىك كۈچ بېرىشىمىز كېرەك. يەنە  مىسال ئالساق، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىدىيەسى بويىچە چەتئەلگە چىقىشنى قارار قىلدىڭىز، نىيەت قىلدىڭىز، بۇ سىزنىڭ تاللىشىڭىز. لېكىن بۇ يولغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن قالغان ئىشلار سىزنىڭ خاھىشىڭىزگە باقمايدۇ، سىز چوقۇم مۇشۇ يولنىڭ تەلىپىگە بوي سۇنۇشىڭىز كېرەك. چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن باشقىلار چەتئەل تىلى ئۆگەنگەن بولسا سىزمۇ ئۆگىنىشىڭىز كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىز كېرەك. پاسپورت بېجىرىشىڭىز كېرەك. ئىقتىسادنى ھەل قىلىشىڭىز كېرەك. بۇلارنىڭ ھېچقايسىنى قىلماي تۇرۇپ چەتئەلگە چىقالمايسىز. شۇڭا، ئۈرۈمچىنىڭ كەلگۈسى ئون يىل ياكى يىگىرمە يىلدىكى تەرەققىياتىنىڭ قانداق بولۇشىنى پەرەز قىلماقچى بولساق، بېيجىڭ شاڭخەيلەرنىڭ تەرەققىياتىغا قارىساقلا بولىدۇ.ئەمدى شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىنىڭ كەلگۈسىنى بىلمەكچى بولساق، بۇ رايونلارنىڭ نىشانىغا، يولىغا قارىساق بولىدۇ. قەشقەر ئۈرۈمچىنى نىشان قىلغان بولسا، ئۈرۈمچى قەشقەرنىڭ كەلگۈسى.

ئەمدى تېمىنى يەنە كېڭەيتەيلى، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى قانداق بولار؟  بۇ سوئالغا جاۋاب قىلىشتىن بۇرۇن بىر تەجرىبە ئىشلەيلى. ئىككى گۇرۇپپا كىشىلەرنى يىغايلى. بىرىنچى گۇرۇپپىدا ھەرخىل سەۋىيەدىكى، كەسىپتىكى كىشىلەر بولسۇن.  ئاشپەزلەر بار بولسۇن، موزدۇزلار بار بولسۇن، سەيپۇڭ، دېھقانلار بار بولسۇن، بىرلا تەلەپ، گۇرۇپپىدىكى كىشىلەر سانى يېتەرلىك بولسۇن. يەنى، مىڭ ياكى مىڭدىن كۆپ بولسۇن. ئىككىنچى گۇرۇپپىدا يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشىلەردىن پەقەت بىرنەچچىسى بولسۇن. سەۋىيەسى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ياخشى. داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پىروفېسسورلىرى، ھەتتا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر بار بولسۇن. ئىككى گۇرۇپپا ئەزالىرى  سوئالىمىزغا جاۋاب قىلسۇن.  سىزنىڭچە قايسى گۇرۇپپىنىڭ پەرىزىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى يۇقىرى بولار؟ كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىككىنچى گۇرۇپپىنى تاللىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئىككى گۇرۇپپا كىشىلىرىنىڭ پەرىزىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب.  ئىككىنچى گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ بىلىمى بىرىنچى گۇرۇپپا ئەزالىرىدىن كۆپ يۇقىرى. لېكىن ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسىنى پەرەز قىلىشقا لازىملىق بولغان بىلىمگە نىسبەتەن يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. بىرىنچى گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ ئومۇمى بىلىمى كەلگۈسىگە ھۆكۈم قىلىشقا كېرەكلىك بولغان بىلىمنىڭ ئون مىڭدىن بىر  پىرسەنتى بولسا، ئىككىنچى گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ بىلىمى كەلگۈسىگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ مىڭدىن بىر، ياكى يۈزدىن بىر پىرسەنتى بولۇشى مۇمكىن. دېمەك يۇقىرى مەلۇماتلىقلاردىن كەلگۈسىنى سوراپ بىلگىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق بولۇشىغا بىز توغرا ھۆكۈم قىلالمىساقمۇ، يان تەرەپتىن، پەرەز قىلىپ باقساق بولىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق بولۇشى بۈگۈنكى تاللىغان نىشانىمىز ۋە تاللىغان يولىمىزغا باغلىق. ئەگەر بىزنىڭ نىشانىمىز ياپونلاردەك بولۇش بولسا، ئەمىسە چوقۇم ياپونلارنىڭ يولىنى تاللاپ مېڭىشىمىز لازىم. ئەگەر نىشانىمىز گېرمانلار بولسا، گېرمانلارنىڭ يولىدا مېڭىشىمىز لازىم. ئامېرىكىدەك بولغۇمىز بولسا، چوقۇم ئامېرىكىنىڭ يولىدا مېڭىشىمىز لازىم. چاۋشيەننىڭ يولىنى تاللاپ ياپونىيەدەك بولغىلى بولمايدۇ. ئىراننىڭ يولىنى تاللاپ گېرمانىيەدەك بولغىلى بولمايدۇ. ياكى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يولىنى تاللاپ ئەنگلىيەدەك بولغىلى بولمايدۇ. بولغىلى بولغان بولسا دۇنيادا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، تەرەققىي قىلىشنى، يۈكسىلىشنى ئىزدەۋاتقان مىللەتلەر قالمىغان بۇلاتتى. جىن بودەك بولسۇن، سەئۇدى جەمەتى بولسۇن ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە دۆلىتىنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى، غەربنى بېسىپ چۈشۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن يول ئۇ يول بولمىغاچقا نىشانلىرىغا يېتەلمەيدۇ.

ئەمدى بىز تەرەققىي قىلغانلارنىڭ يولىنى تاللاپ، ئۇلار بالىلارنىڭ ئوقۇتۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدىكەن دەپ، ئوغۇللىرىمىزنى ئوقۇتۇپ قىزلىرىمىزنى ئوقۇتمىساق، ياكى قىزلىرىمىزنىڭ يىراقلارغا بېرىپ، چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇشىنى قوللىمىساق تەرەققىي قىلغانلارنىڭ يولىنى تاللىغان بولمايمىز. ئۇلار ئاياللارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغدايدىكەن دەپ، ئاياللار ئائىلىدە زوراۋانلىققا، سىرتتا ئارتۇق چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغاندا، قىلغان ئىشىمىز پەقەت ئاياللارغا تەسەللى بېرىش، ئەرلەرگە، كەمسىتكەنلەرگە پەقەت تەربىيە قىلىش بولغان بولسا، تەرەققىي قىلغانلارنىڭ يولىدا ماڭغان بولمايمىز. پەقەت ئېغىزىمىزدىلا باشقىلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك دەپ قويساق تەرەققىي قىلغانلارنىڭ يولىدا ماڭغان بولمايمىز.

تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ، مىللەتلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىرى بىزگە ياقىدۇ. ئانچە مۇنچە ياقمايدىغان تەرەپلىرىمۇ بار. كۆپ تىلغا ئېلىنغان ياقمايدىغان تەرەپلىرى، كىشىلەرنىڭ بەك ئەركىن بولۇشى،   قىزلارنىڭ ئانداق-مۇنداق بولۇپ كېتىشى. بەزىلەر ئېيتىشى مۇمكىن، ئاكتىپ تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، بىزگە ياقمايدىغان تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلمىساق ياكى ئۇنىڭغا چەك قويساق بولماسمۇ، دەپ. بۇنداق قىلىشقا بولىدۇ.  لېكىن چوقۇم بۇ يولغا كىرىپ، تەرەققىيات جەريانىمىزدا ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئىزدەنسەك بولىدۇ. يولغا كىرمەي، يول ئېغىزىدا تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندىن كىيىن ئاندىن كىرىمەن دېيىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندا ماھىيىتىنى تېپىشىمىز، يۈزەكى بىلگىنىمىزگە ئاساسەن قوپاللىق بىلەن ئىش تۇتساق بولمايدۇ. مەسىلەن، ئەيدىز بولغانلارنى كۆرگەندە ئىنكاسىمىز «مەينەت ئىشلارنى قىلغانكىن خوپ بوپتۇ» بولسا، ناچارلار تۈگەپ، ياخشىلار قالىدىغان ئىش بولمايدۇ. ياخشىلار، بالىلارمۇ تالاپەتكە ئۇچرايدۇ. يولۇققان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى چەكلەش بىلەن ھەل قىلماقچى بولساق، تاللىغان يولىمىز تەرەققىي قىلغانلارنىڭ يولى بولماي، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى، ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇستەبىتلەرنىڭ يولى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. چەكلەش بىلەن ھەقىقىي قۇدرەت تاپقان دۆلەت، مىللەت يوق. بۇنىڭغا ھازىرغىچە تېخى زىت ئىسپات يوق. ئالدىدا تىلغا ئالغان ئۈچ  نەزەرىيە ئېسىڭىزدە بولسۇن. بىر نەرسىنى چەكلەشنى باشلىغىنىمىزدا، چەكلەشنىڭ قانۇنىيىتىگە، يولىغا چۈشۈپ قېلىپ ئۆزىمىزنى توختالماي قېلىشمىز مۇمكىن.  بۈگۈن باشقىلارنىڭ چېچى ئۇزۇن دەپ ئۇنىڭغا چەك قويۇشىمىز مۇمكىن، ئەتە ئاۋازى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتتى دەپ چەك قويۇشىمىز مۇمكىن، يەنە بىر كۈنى باشقىلارنىڭ يازغانلىرىغا، دېگەنلىرىگە، ئويلىغانلىرىغا، قىلغانلىرىغا چەك قويۇشىمىز مۇمكىن. ئاخىرىدا ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسى ئۆزى بولۇشنى خالىمايدىغان مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ.

جىم بودەكمۇ ھوقۇقنى قولىغا ئېلىشنى نىشان قىلغاندا، ۋەدىلەر چىرايلىق، شوئارلار ياڭراق بولغان. لېكىن ھوقۇقنى كېيىن بالامغا قالدۇرىمەن دېمىگەن. ھۆمەينىمۇگۈزەل كەلگۈسىنى ۋەدە قىلغان، لېكىن ئەلباشىنى بىز بېكىتىپ بېرىمىز ئاندىن كېيىن سىلەر بېلەت تاشلايسىلەر دېمىگەن. سەئۇدى جەمەتىمۇ ئەڭ توغرا يولدا ماڭىمىز دېگەن، لېكىن دۆلەتنى قۇرغاندىن كېيىن ھوقۇق بىلەن بايلىقنى ئالدى بىلەن بىزنىڭ جەمەتتىكىلەر ھۇزۇرلىنىدۇ، ئاشقاندىن كېيىن سىلەرنىڭ دېمىگەن. ئىككىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدىمۇ ياپونىيەنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىدا ئاز بولمىغان كىشىلەر ئۇرۇشنى كېڭەيتىشكە بولمايدۇ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن ئۇرۇشنىڭ تەرەققىياتى ھېچكىمنىڭ ئىدىيەسى بويىچە بولماي، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشى بۇيىچە مېڭىپ بارا-بارا كېڭەيدى. ئاخىرىدا ئۆزىگە، باشقىلارغا ئاپەت بولدى. گىتلېر ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن كېيىنلا، ھەممە يەھۇدىينى جازا لاگېرىغا ئاپىرىۋەتمىگەن. ياكى ئۇرۇشنى باشلىمىغان. ھەممىسى  قەدەم-قەدەمدىن بۇلغان. بىرىنچى قەدەم باشلىنىدىكەن قالغانلىرىنى توختىۋالماق تەس. ھازىر ھەرقايسى دۆلەتلەر ئەسكەرلىرىنى ئۇرۇشقا ماڭغۇزۇشتىن ئاۋۋال، پۇقرالارغا زوراۋانلىق قىلماسلىق توغرىسىدا مېڭە يۇيىدۇ، كۆپ تەرەپلىمە تەربىيەلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. لېكىن ئۇرۇشقا بارغاندىن كېيىن ئاز بولمىغان ئەسكەرلەر  ئۆزىنىڭ ئىپتىدائىي ھالىتىگە قايتىدۇ، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشنىڭ قانۇنىيىتى، ئۇرۇش ئادەمنىڭ ئەڭ ناچار ياۋۇس تەرىپىنى ئاشكارىلايدۇ.

نېمە ئۈچۈن چوقۇم باشقىلارنىڭ يولىدا مېڭىشىمىز لازىم؟  تەرەققىيات ئۈچۈن يېڭى يول تېپىشقا بولماسمۇ؟ تەرەققىي قىلغان ئەللەر ئىنسان تارىخىدا ئۆتكەن بارلىق ئاقىللارنىڭ ئەقلىنىڭ ئاساسىدا، بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشقان. بۇ ئاقىللارنىڭ ئىچىدە غەربنىڭ ئاقىللىرى بار، شەرقنىڭ ئاقىللىرى بار، خرىستىئاننىڭ ئاقىللىرى بار، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاقىللىرى بار. بۇ ئاقىللارنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ بىز قانداق قىلىپ يېڭىچە يولنى تاپالايمىز؟ بىزدە دۇنياغا داڭلىق پىروفېسسورلار كۆپمۇ، دۇنياغا داڭلىق چوڭ شىركەتلەر كۆپمۇ، دۇنياغا داڭلىق تەتقىقات ئورۇنلىرى كۆپمۇ؟ تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئوڭۇشلۇق بولغان ئەمەس. تارىختا بولغان ئۇرۇشلار، توقۇنۇشلار ئاز ئەمەس، تۆكۈلگەن قانلار، ئاچچىق ساۋاقلار ئاز ئەمەس. ئىنسانلار بىر قەدەر خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشكىلى تېخى يۈز يىل بولمىدى. بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىپ يېڭى يول ئېچىشقا تەۋەككۈل قىلالايمىز؟ ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا ھەر قانداق ئىش قىلساق ئۇنىڭغا ئۈلگە تاپالايمىز. تارىختا يۈز بېرىپ باقمىغان، باشقىلار بېشىدىن كەچۈرۈپ باقمىغان ئىشلارنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدە يۈز بېرىش ئىمكانىيىتى ئىنتايىن تۆۋەن ياكى نۆل. ھەر قانداق ئىش قىلغىنىمىزدا،«قانداق قىلىشىم كېرەك؟» دېگەن سوئالغا قارىغاندا، «باشقىلار قانداق قىلىپتىكەن؟» دەپ سوئال سوراش تولىمۇ ئاقىلانىلىك. بۇ سوئال ۋاقتىمىزنى تېجەپ،  خاتا يولغا مېڭىپ قېلىشىمىزدىن ساقلىنىشىمىزغا كۆپ پايدىسى بار.        ۋاقتىمىز، زېھنىمىزنى سەرپ قىلىپ، بېشىمىزنى تاشقا ئۇرۇپ تاپقان ئاماللار، باشقىلار ئۈچۈن قوشۇش ، ئېلىش ھېسابلىشىغا ئوخشاش ئاددىي ئىشلار بولۇشى مۇمكىن.

باشقىلارنىڭ تەجرىبىسىگە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ئاددىي، ئەڭ توغرا يولى، كىتاب ئوقۇش. ئۇنداق تەرەققىياتلارنىڭ  نېمە كېرىكى؟ بىزگە بىرئازلا ماددىي نەرسىلەر بولسىلا بولمىدىمۇ؟ بىز تەرەققىي قىلىپ، ھەممە نەرسىلەر تەييار بولغاندىن كېيىن، ئارىمىزدىكى ئاز ساندىكى كىشىلەر مۇشۇ خىل ھالەتتە ياشىسا بولىدۇ. تەرەققىي قىلغان ئەللەردە مۇشۇ خىلدىكى كىشىلەر بار.  ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا بۇ خىل يولنى تاللىساق بولمايدۇ. چۈنكى ئالدىمىزدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار. ئاددىي قىلىپ تەرەققىي قىلىمىز دېگىنىمىز بىلەن، تەرەققىياتنىڭ مەزمۇنلىرى ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ. تەرەققىي قىلىمىز دېگىنىمىز، ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىشىنى ھەل قىلىمىز، قېرىلارنىڭ بېقىلىشىنى ھەل قىلىمىز، ئادالەتنى تۇرغۇزىمىز، بالىلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايمىز، ئاجىزلارغا يار يۆلەك بولىمىز، مۇھىتنى قوغدايمىز دېگىنىمىز. بۇلارنى ھەل قىلىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم تەرەققىي قىلىشىمىز، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشىمىز، پۈتۈن كىشىلىرىمىزنىڭ پەن مەدەنىيەت ساپاسىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ نىشانلارغا يەتمەي تۇرۇپ باشقا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. تەرەققىي قىلغان ئەللەرمۇ خەلقىنىڭ پاراۋانلىق، داۋالىنىش مەسىلىلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىپ كەتكىنى يوق. ئەگەر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ قارىشىدا چىڭ تۇرسىڭىز، ئارتۇقچە تەرەققىياتنىڭ نېمە كېرىكى دېسىڭىز، ئەمىسە مېنىڭ تەۋسىيەرىم، دوختۇرخانىلارغا بېرىپ، ئاغرىق ئازابىنى تارتىۋاتقان، پۇل سەۋەبىدىن داۋالىنالمايۋاتقان بىمارلارنى كۆرۈڭ، ياكى يېزىلاردىكى بېقىلىشتىن مەھرۇم بولغان قېرىلارنى، كوچىلاردا، بازارلاردا ئۇششاق چۈشەك نەرسە سېتىپ يۈرگەن بوۋاي، مومايلارنى، ئوقۇشسىز قالغان بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان كۆرۈپ كېلىڭ.

ئاخىرىدا گېپىمنى يىغسام، ئىلغارلارنى ئۈلگە قىلىپ تەرەققىيات يولىمىزنى تاللىغاندا، باشقىلارنىڭ بىر كەمچىللىك، يېتەرسىزلىكى، ھەممە ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئىنكار قىلىۋېتىشكە سەۋەب بولمىسۇن. باشقىلارنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى كەمچىللىكلەرگە كۆز يۇمۇشىمىزغا سەۋەب بولمىسۇن. باشقىلار بىر ياخشى  نەرسىگە ۋەدە قىلغاندا، ئۆزىمىزگە يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ لازىم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايلى. باشقىلار ئۆي سېلىپ بېرىمەن دېگەندە، مەكتەپ بىنالىرىنى قانداق قىلىمىز؟ دەپ سوئال قۇيۇڭ. ھاجى قىلىمەن دېسە، بىمارلارنىڭ داۋالىنىشىنى قانداق قىلىمىز؟ دەپ سوئال قويۇڭ. مەسچىتلەرنى يېڭىلاپ بېرىمەن، دېسە بالىلىرىمىزنىڭ ئوقۇشىنى قانداق قىلىمىز؟ دەپ سوئال قۇيۇڭ. ئايرىم ئىشلار چەكلىك زېھنىمىز، ۋاقتىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەپ كەتمىسۇن. قىزلار ئانداق-بۇنداق دەپ قاخشىغان، ۋايسىغان بىلەن بىمارلارنىڭ داۋالىنىشى ھەل بولمايدۇ. قاخشاش بىلەن تەرەققىي قىلغىلى بولغان بولسا، ئۇيغۇر ياپونلار، گېرمانلار بىلەن تەڭ سانىلىتۇق، <ئىللەتشۇناسلار> دۆلەتكە رەئىس بولغان بۇلاتتى. باشقىلارنىڭ قىلغانلىرى، تۇتقان يوللىرى بىزگە ياقمىغاندا، يىراق تۇرساق بولىدۇ. لېكىن ئۇلارغا ھەرگىز كەمسىتىش خاھىشىدە بولمايلى. چۈنكى باشقىلارنىڭ ئاددىي بىر پۈۋلەپ قويۇشى بىلەن سىز زوراۋان ئادەمگە ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىمالىڭىز بار. گىتلېر ھوقۇقنى قولىغا ئېلىشتىن بۇرۇنلا پۈتۈن ياۋروپادىكى خەلقلەر يەھۇدىينى ياقتۇرمايتتى، ئۇلارنى كەمسىتەتتى. گىتلېر پۈۋلەپ قويغانتى پۈتۈن گېرمان خەلقى، ياۋۇزلارغا ئايلاندى. ئاپئاق غوجا ئىشلىرىنى باشلاشتىن ئاۋۋاللا، ئاقكۆڭۈل كىشىلىرىمىز ئۆزلىرىگە كۆپ نەرسىلەرنىڭ لازىم ئىكەنلىكىنى ئۇناتقان، ئۆچمەنلىك قىلىشتىن ساقلىنالمىغان ھالەتتە ئىدى. بۇنىڭغا مىساللار كۆپ، ھەم ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقات، تەجرىبىلەرمۇ كۆپ، بۇنى كېيىن سۆزلەپ ئۆتىمەن. ھەممىڭلارغا رەھمەت.

2016-يىلى 21-نويابىر (ياپونىيە)
bagdax

0

تېما

1

دوست

5019

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34855
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1524
توردىكى ۋاقتى: 464
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-27
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
جاپا چىكىپ سىز ئەجرڭگە رەخمەت

0

تېما

0

دوست

807

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   61.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79507
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-25
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئاپئاق غوجانىڭ ئۇرۇق تۇقانلىرى بارمىدۇ، ياكى سالاھىتىنى مەخپىي تۇتۇپ يۇرۇۋاتقانلار بارمىكىن دەپ ئۇيلايمەن.

77

تېما

39

دوست

9 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 11336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2624
تۆھپە : 26845
توردىكى ۋاقتى: 9974
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-28

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ ناھايتى زۇرۇر تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان،تەشەببۇس ئاساسلىرى يېتەرلىك بولغان بىر تېمىكەن.يازما ئېگىسىگە تەشەككۈر!
bagdax

0

تېما

0

دوست

4486

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   82.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32503
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1414
توردىكى ۋاقتى: 289
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-27
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
كوپ رەھمەت،بىزگە مۇشۇنداق تىمىلار كېرەك.

1

تېما

0

دوست

482

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79872
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-25
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش

RE: دوكتور: نىشانىمىز، يولىمىز!

sawur يوللىغان ۋاقتى  2016-11-25 13:10
ئاپئاق غوجانىڭ ئۇرۇق تۇقانلىرى بارمىدۇ، ياكى سالاھىت ...

سىز بۇنداق گەپنىڭ تىگىدا گەپ قىلماي ،ئوچۇق قىلىڭە ،مۇنازىرىنىڭ ئوچۇق بولغۇنى ياخشى ،مەن قارىسام سىز تىما ئىگىسىگە قاراتقاندەك قىلسىز بۇ سۆزىڭىزنى

1

تېما

0

دوست

482

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79872
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-25
7#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئاپتورنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىسىل يازمىللىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمد قىلىمەن باغداشتا

7

تېما

6

دوست

3321

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8027
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 985
توردىكى ۋاقتى: 199
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-27
8#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۇزۇن بولغان مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىنى ئوقۇمىغىلى. سىزگە كۆپ رەھمەت.ھەزىم قىلىپ ئوبدان ئوقۇغۇدەك يازمىكەن بۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )