قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2759|ئىنكاس: 8

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ چاۋشىيەندە قوللىنىلىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق

13

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5015
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1981
تۆھپە : 2054
توردىكى ۋاقتى: 878
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 22:18:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                              
 قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ چاۋشيەندە
قوللىنىلىشى

[align=justify]                                              
 ئۆمەرجان نۇرى
[align=justify]        
 ئىلاۋە
[align=justify]       
[align=justify]     تارىخ پەنلەر دوكتورى، كورىيىلىك خې سۇلې (DR.HEE-SOOLEE)كورىيەنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىش جەريانىدا، تۈركچە يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان ‹‹ئسلام ۋە تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ يىراق شەرققە تارقىلىشى››دېگەن ئەسىرىدە كورىيە (چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى)نى يادرو قىلىپ تۇرۇپ جۇڭگونى ئۆزئىچىگە ئالغان يىراق شەرقتە ئىسلام دىنى بىلەن بىرگە تارقالغان مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيەنى ھەم تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ يىراق شەرقتە قالدۇرغان مەدەنىيەت ئىزناسى ۋە ئىجتىمائىي تەسىرىنى ماتىرىيال ئاساسى بىلەن تونۇشتۇرغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كورىيە خاندانلىرىدا ئوينىغان رولى بىلەن ئۇيغۇرمەدەنىيىتىنىڭ كورىيەگە كۆرسەتكەن تەسىرى، قەدىمكى ئويغۇرتىلى بىلەن يېزىقىنىڭ كورىيە خاندانلىقىدا ئىككى ئەسىر قوللانغانلىقى، ئاخىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلار (يەنى بىلگە تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادى بولمىش بىرتۈركۈم خەلقلەر) نىڭ ھازىرقى تۈركىيەدە ياشاۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. شۇڭا بۇ كىتابنىڭ ‹‹تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئىنكاسى ئۇيغۇرچىنىڭ كورىيەدە قوللىنىشى›› دېگەن پاراگىرافىدا مەخسۇس قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى ۋە يېزىقىنىڭ كورىيە خاندانلىرىدا ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرغان.مەزكۇر ماقالە مۇشۇ مەزمۇننى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈش يۈزىسىدىن بېرىلدى.
[align=justify]
[align=justify]   ئورخۇن- يېنىسەي دەرياسى ۋادىسىدا ياشىغان ئۇيغۇرلار كېيىنكى كۆك تۈرك خانلىقى (745-682-يىللار)نىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ، ئەمەرى يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان سوغدى يېزىقىنى قەدىمكى تۈرك-رونىك يېزىقى ئورنىغا دەسسىتىپ ئىشلىتىشكە باشلىغان. بۇيېزىقنى ئۇيغۇرلار خېلى ئۇزاق دەۋىر قوللانغان بولغاچقا، بۇ يېزىق ئۇيغۇرلارنىڭ نامى بىلەن ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى›› دەپ ئاتالغان.
[align=justify]   بۇ يېزىق كۆك تۈرۈك يېزىقى① بولۇپ، قەشقەرنى مەزكەرقىلغان ئۇيغۇرلاردا 15-ئەسىرگىچە، گەنسۇدىكى سېرىق ئۇيغۇرلاردا بولسا 17- ئەسىرگىچە قوللىنىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى شەرىقتە ياپون دېڭىزىدىن غەرپتە ياۋرۇپاغىچە② بولغان دائىرىدە قوللىنىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بۇنداق كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىشى ۋە تارقىلىشىغا ئىچكى ئاسياغا كەڭ تارقالغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن مۇڭغۇللارنىڭ ئىستېلا ھەركىتى سەۋەبچى بولغان. چۈنكى مۇڭغۇللارباش كۆتۈرۈپ چىققاندا، ئۆزىدە ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىدىن ئۆزگە مەرىپەت ھادىسىسى بولمىغاچقا، ھاكىمىيەت مەمۇرىيىتىدە پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۇيغۇر دانىشمەنلىرىگە تايانغان. ئەڭ ئاددىيسى ھاكىمىيەتنىڭ سىمۋولى بولغان ئاستانە نامى خانبالىق، خان تېمۇچىننىڭ سەلتەنەت نامى چىڭگىز (تېڭىز، دېڭىز مەنىسىدە)خان دەپ ئۇيغۇرچە ئاتالغان. شۇڭا چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان زېمىندا ئۇيغۇر يېزىقى ھۆكۈمەت يېزىقى قىلىپ قوللىنىپ، تۆت ئەسىر دەۋىر سۈرگەچكە، پارىس تارىخچىسى ئەتا مالىك جۇۋەينى③ ئۇلار ئۇيغۇرتىلى ۋە يېزىقىنى بىلىم بىلەن ئىلىمنىڭ چوققىسى قىلىۋالدى››④ دەپ زارلانغان.
[align=justify]   ئۇيغۇر يېزىقى ۋە تىلى 11- ئەسىردىلا غەزنەۋىلەرنىڭ سۇلتانلىقىدا دېپلوماتىيە ۋە سودا تىلى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. سالجۇق تۈركلىرى دەۋرىگە كەلگەندە ھەتتا ئۇيغۇر يېزىقىنى تەتقىق قىلىدىغان ئەرەپچە دەرىسلىك تۈزۈپ ساقلانغان. ئېلخانىيلار ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار ئۇيغۇرتىلى ۋە يېزىقىنى ئۆگەنگەن. دېمەك، ئەينى چاغدا ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەپ ۋە پارس يېزىقى بىلەن ئوتتۇرا ۋە غەربى ئاسىيانىڭ ئۈچ خىل دېپلوماتىيە يېزىقى بولغان. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، 15ـ16-ئەسىردە قۇستەنتەنىيە (كونستانتىنپول، ھازىرقى ئىستانبول) ئوردىسىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ئىشلار مەجلىسى بولغانلىقى⑤ ۋە 13ـــــ14- ئەسىرلەردە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كورىيە(چاۋشيەن) دە ئىككى ئەسىر ھۆكۈمەت يېزىقى بولۇپ قوللىنىلغانلىقىدۇر .
[align=justify]چىڭگىزخان ئۇيغۇر يېزىقىنى دۆلەت يېزىقى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، قانۇن-ياساقلارنى كۆچۈرتكۈزگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە قۇبلاي خان مۇڭغۇل تىل-يېزىقىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن پاسپا ھەزرەتنى تىبەت ۋە سانسكرىت يېزىقى ئاساسىدا يېڭى مۇڭغۇل يېزىقىنى ئىجاد قىلدۇرغان بولسىمۇ، بۇ يېزىق مەقسەتنى ئىپادىلەشكە قولايسىز بولغانلىقتىن يەنىلا ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىۋەرگەن⑥ . ئەينى چاغدىكى كورىيە (چاۋشيەن) مۇڭغۇللارنىڭ تەۋەلىكىدە بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇڭغۇللارغا مەدەنىيەت جەھەتتە كۆرسەتكەن تەسىرى كورىيىگىمۇ يەتكەن.
[align=justify]ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ يىراق شەرىققە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە ئىزدەنگەندە تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى خې سۇلې (كورىيىلىك) ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا، ئۇسۇل، چالغۇ-ساز، يېمەك-ئىچمەك ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتە كورىيەگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:‹‹ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كورىيىدە تارقىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل، شۈبھىسىزكى مۇڭغۇل يېزىقى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كورىيە ئوردىلىرىدا كەڭ تارقىلىپ قوللانغانلىقىدۇر ››. مۇڭغۇل يۈەن ئوردىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى نوپۇزى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تەڭ ئورۇنغا قويۇلۇشى يۇقۇرى تەبىقىدىكىلەر ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلغان.
[align=justify]    مۇڭغۇللارنىڭ ئوردا ئەھلىلىرى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانغاندىن باشقا ئۇيغۇلارنىڭ كورىيە ئوردىسىدا ئەمەل تۇتقانلىقى كورىيە ئوردىسىدا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەپ بولغان. شۇسەۋەپتىن يۈەن سۇلالىسى ئوردىسى بىلەن ئۈزۈلدۈرمەستىن ئالاقىلىشىش ۋە خانبالىقتىكى مۇڭغۇل تۈرك مەمۇرىلىرىگە يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشقا مەجبۇر بولغان كورىيە ساراي ئەھلىلىرى ۋە يۇقىرى قاتلامدىكى ئەمەلدارلار ئۈچۈن ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىش شەرت بولۇپ قالغانىدى.
[align=justify]كورىيە ئوردىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بىر زاماندا(13- ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن 14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە) ئۇيغۇر يېزىقى كورىيەگە كەڭ تارقالغان. يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىغا ۋە ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىغا ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان مەكتۇپلەر ئەۋەتىلەتتى.
[align=justify]    تارىخى ماتىرىياللاردا خاتىرلىنىشىچە، مۇڭغۇل نائىب چەكوك كورىيىلىك خان چۇڭ يول خاننىڭ ئۆزىگە قارشى ھەركەتلىرى ھەققىدە ئۇيغۇرچە مەكتۇپ ئەۋەتىپ، يۈەن سۇلالىسى خانىدىن خان چۇڭ يولنى جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇددىزىم تارىخىي مۇتەخەسسىسلىرىدىن يى نىڭخۇانىڭ بۇھەقتىكى ئىزاھلىنىشلىرىگە قارىغاندا، چۇڭ يول خاندىن ئىتىبارەن تەخىتتە ئولتۇرغان كورىيە خانلىرى رەسمى نائىبلارنى مۇڭغۇللاردىن تاللاتقۇزغان. كورىيە مۇڭغۇل نازارەتچىلەر ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇر يېزىقى ئوردا يېزىقى بولۇپ قالغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇتىلنى قوللانغان بەزى مۇسۇلمانلار كورىيەلىكلەرگە ئاسسملاتسىيە بولۇپ كەتمەي، ئەكسىچە ئۆزيېزىقىنى قوغداتقۇزغان. بۇ ۋەزىيەت 15-ئەسىردىكى چاۋشىيەن خانى دەۋرىگىچە داۋام قىلغان ھەم ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ(كورىيىدىكى) ئەھمىيىتى چوڭ بولغان چەت ئەل تىللىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
[align=justify]چاۋشىيەن خانىدانىنىڭ قۇرغۇچىسى تاچوخان سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلى، يەنى 1395-يىلى 11-ئاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مەنبەدە: ئەسلى ئۇيغۇر ماقامى تەرجىمە مەمۇرى بولغان سول چاڭسۇ خانغا بىر ئىلتىماس سۇنۇپ، دۆلەت تەرجىمانى تاللاش ئىمتاھانىغا مۇڭغۇلچە بىلەن باراۋەر تىل ئۇيغۇر چىنىڭمۇ قوشۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدىن 30يىل كېيىنكى،يەنى 1432-يىلىدىكى بىر ۋەسىقىدىن قارىغاندا، ئۇزاماندا دېپلوماتىيە قائىدە-يۇسۇنى ۋازارىتىدە مۇڭغۇلچە، پاسپاچە ۋە ئۇيغۇرچە رەسمىي دەرس قىلىپ ئۆگىتىلگەن.
[align=justify]دۆلەت تەرجىمە مەمۇرلىرى بولۇش ئۈچۈن ئىمتاھانغا ئىلتجا قىلغان تالىپلارنىڭ كۆپسانلىقى 15-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغىچە ئۇيغۇرچىنى رەسمى چەت ئەل تىلى قاتارادا قوبۇل قىلىپ، مۇناسىۋەت ۋازىرلىرىغىچە ئۆگىتىلگەن. بۇمەزگىللەردە ئەمدىلاقوللىنىلىۋتقان كورىيە يېزىقى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان. بىر مەزگىل كورىيە ئوردىسىدا كەڭ تارقىلىپ قوللىنىلغان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كورىيە يېزىقىدا ئۆزتەسىرىنى كۆرسەتكەن دەپ ئېيتالايمىز.ئۆزيېزىقىغا ئىگە بولالمىغان كورىيە ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 56-يىلىدىن، مىلادىيە 660-يىلىغىچە) دىن ئىتبارەن خەنزۇ يېزىقىنى قوبۇل قىلىپ قوللىنىشىقا باشلىغان. يەككە كەلگەن خەنزۇ يېزىقى بىلەن كورىيىچىنى يېزىشقا ئورۇنۇش بىر خىل مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى.
[align=justify]ئارىدا بىرنەچچە قېتىم كورىيە يېزىقىنى يېڭىچە يېزىش سىستېمىسىغا ئۇيغۇللاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ بېقىشقان بولسىمۇ، مۇۋاپىقلاشتۇرالمىغان. كېيىن سې چۇڭخان خەلىقنى جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، مىللى مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىسلاھات ھەركەتلىرى جەريانىدا خەلق ئارىسىدا قولايلىق بىر مىللىي يېزىق ئىجات قىلىش خانلىقنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالغانىدى،مىڭ يىلدىن بېرى خەنزۇ مەدەنىيىتى ئىچىدە ياشاپ كەلگەن بەزى مۇتەسسىپ ئالىملانىڭ كۈچلۈك ئېتىرازلىرىغا قارشى ‹‹ئوردا ئاكادىمىيىسى›› ئالىملىرىنىڭ نەچچە يىللىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە 1446-يىلىى يېڭى كورىيە يېزىق مەيدانغا كەلتۈرۈلدى.
[align=justify]بۇددا راھىپلىرى ھەتتا ئوردا ئاكادىمىيىسىدىكى يېڭى كو رىيە يېزىقنى ئىجاد قىلغان ئالىم سىن سۇكچۇ⑦مۇڭغۇلچە ۋە ئۇيغۇرچىنى ياخشى بىلەتتى. ئوردا ئاكادىمىيىسىدە چەت ئەل تىللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسىسلەر ۋە دۆلەت تەرجىمە مەمۇرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن .
[align=justify]ئۇيغۇر تىلى كورىيە تىل ئالىملىرى ئارىسىدا ئومۇملاشقان بولۇپ، ھەتتا باشقا تىللارغا قارىغاندا سىنتاكىسىس، مۇرفولوگىيە، فونىما ساھەسىدىن، كورىيەچىگە خېلى يېقىن بىر ئوخشاشلىق بار. يېڭى كورىيە يېزىقىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىدا ئۇيغۇر يېزىقى تەركىبلىرىنىڭ قانچىلىك سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىغا دائىرھېچقانداق تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىدى. 13-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى دەۋرىگىچە كورىيە ئوردىسىدا تارقىلىپ قوللىنىلغان ئۇيغۇريېزىقى 1427-يىلى چەت ئەل تىللىرىدا قوللىنىلىدىغان بىرقانۇن قارار نامىنىڭ ئۈنۈملۈك تەرىپىگە كىرگۈزىلىپ، رەسمى قانۇنلاشتۇرۇلدى. ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۇيغۇر يېزىق كورىيە جەمىيىتىدە يەرلەشكەن ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا بىرنەچچە ئەۋلات داۋام قىلالىغان بولسىمۇ، چاۋشىيەن ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي ئاسسمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى بىلەن ھەتتا ئىسلام مەدەنىيىتىمۇ تەدرىجى ئاينىپ كورىيىچىلىشىپ كەتكەن.⑧
[align=justify]   يىغىپ ئېيتقاندا، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۆزئىگىلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە ئوينىغان رولىغا ماسلىشىپ، 12- ئەسىردىن 17-ئەسىرگىچە ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە بىباھا مىراسلارنى قالدۇرۇش جەريانىدا شەرقتە ياپون دېڭىزىدىن باشلاپ غەرەپتە شەرقى ياۋرۇپاغىچە بولغان بىپايان دائىرىگە تارقىلىپ، ئۇيغۇرمەدەنىيىتىنىڭ سەمەرىلىرىنى يەتتە ئىقلىمنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ –پۇچقاقلىرىغىچە چېچىپ چىققان. گەرچە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى كورىيە(چاۋشيەن) خان ئوردىسىدا ئىككى ئەسىرلاخىزمەت قىلغان بولسىمۇ، كورىيە خەلقى ئاشۇ شانلىق ئىزنى خاتىرلىگۈدەك ئەھمىيەتلىك تەسىر قالدۇرغان. شۇڭا كورىيە خەلقى ھازىرغا كەلگەندە ئىسلام ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىزلىرى پەقەت قالدۇرۇلمىغان ئەھۋالدىمۇ، پيۇڭتەك بازىرىدا جاڭ فامىلىلىك بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ئائىلىسى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
[align=justify]
[align=justify]ئىزاھات
[align=justify]①قاھار بارات:‹‹دولوگود ئۇيغۇر مەڭگۈ تېشى ھەققىدە دەسلەپكى تەتقىقات››، شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى، 1982-يىللىق 4-سان، خەنزۇچە.
[align=justify]②ئەلى مازەھەرى:‹‹جۇڭگوبىلەن پارىسلارنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخى››، جۇڭخۇا نەشرىياتى، 1993-يىل 2-ئاي خەنزۇچە نەشرى 118-بېتىدە:‹‹ئۇيغۇرتىلى ئەينى چاغدا كونىستانتىنپولدا بەزىلەر بىلەتتى، ھاتتا بەزىلەر تېخى ئۇيغۇريېزىقىنى ئوقۇيتتى››دەپ يازغان.
[align=justify]③ئەتامالىك جۇۋەين:‹‹تارىخىي جاھانكۇشاي››،6-بەت، ئىچكى مۇڭغۇل نەشىرياتى، 1980-يىل 5-ئاي، خەنزۇچە نەشىرى.
[align=justify]④ليۇ يىتاڭ (تەيۋەن):‹‹تۈرك-ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات››، چىڭشى نەشىرىياتى، 1990-يىل 1-ئاي،خەنزۇچە نەشىرى، 435-،445-بەتلەر.
[align=justify]⑤⑥ ئەلى مازا ھەرى:‹‹جۇڭگوۋە پارىسلارنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخى››، 118-بەت.
[align=justify]⑥⑦ئەھمەت جەپەر ئوغلى‹‹تۈرۈك تىلى تارىخى››، 181-بەت، ئەندۇرەن نەشىرىياتى، 1984-يىل، تۈرۈكچە نەشىرى.
[align=justify]⑦⑧سىن سۇكچۇ:‹‹يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات››، مىللەتلەرنەشىرىياتى،1999-يىل 4-ئاي،خەنزۇچە نەشىرى. 253-262-بەتلەرگىچە:كېيىنكى كۆك تۈرۈك خانلىقىنىڭ ئاقىل مۇشاۋىرى تۇنيۇقۇقنىڭ قوچودىن كەلگەن ئەۋلاتلىرىنىڭ كېيىن كورىيەگە بېرىپ، ئوردىدا ۋەزىر بولۇپ، مىڭ سۇلالىسىگە يەتتە قېتىم ئەلچى بولۇپ كەلگەنلىكى، كورىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوردا ئىچىدە خېلى تەسىرى بارلىقى خاتىرلەنگەن.
[align=justify]⑧خې سۇلۇ:‹‹ئىسلام تۈرۈك مەدەنىيىتىنىڭ يىراق شەرىققە تارقىلىشى››، 1988-يىل ئەنقەرە تۈرۈكچە نەشىرى، 173-178-بەتلەر.
[align=justify]
[align=justify](ئاپتورىنىڭ ئادرېسى:خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىدىن تارىخ كافىدراسى)

0

تېما

0

دوست

2513

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5696
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 608
تۆھپە : 357
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 00:09:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۇر.!!!!يازمىڭىزغا!


http://www.kuznak.com/
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  201
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 996
تۆھپە : 2942
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 01:08:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىرنەچچە قوۋۇز گەپ قىلاي،
قايسى بىر كۈنى تۈركىيە ت ر ت تېلىۋىزىيىسىنىڭ <<ئۇچۇيورۇم>>دىيدىغان بىر پىروگراممىسىنى كۆرگەن ئىدىم ،بۇ پىروگراممىنىڭ دىكتورى توختىماي ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئۇچۇپ تۇرىدىكەن .بارغان دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ،ساياھەت نۇقتىلىرى ،ئىشقىلىپ بىرەر كىچىك ئالاھىدىلىكى بولسىمۇ قالدۇرۇپ قويماي تونۇشتۇرىدىكەن.مەن كۆرگەن سانىدا كورىيەنى تونۇشتۇرۇپتىكەن ،چاي مەدىنىيىتى ،تاماقلىرى ،ناخشىلىرى دىگەندەكلەرنى كۆرسەتكەندىن كىيىن ،بىر يىغىپ ساقلىغۇچى ھەم تارىخچىسى بولغان بىر كىشىنى زىيارەت قىلغانىدى،ھەرخىل ساپال ،يىپ دىگەن بويۇملارنى كۆرسەتكەندىن كىيىن ،يەنە بىر قىممەتلىك بويۇمنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى ،بۇ كىشى بۇ بويۇمنى خالىغانچە ياكى داڭلىق كىشىلەرگىمۇ كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ،زىياراتچىلەرنىڭ تۈركىيەلىك بولغانلىقى ،ھەم چاۋشىيەن ئۇرۇشىدا كورىيەگە ياردەمگە ئەسكەر چىقارغانلىقى ئۈچۈن كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ،ئۇ بويۇمنى باشقا ئۆيدىن ئەپچىقتى ،بۇ بويۇم بولسا بىر شەجەرە ئىكەن .بۇ شەجەرە كورىيەلىكلەرنىڭ يېزىقىدا يېزىلغان ئوخشايدۇ ،چوققىسىدىكىنى چۈشەندۈرگەندە تازا چۈشىنىپ كەتمىدىم<تۈركچە سەۋىيەم بەك تۆۋەن >،چوققىسىدىكى ئۇرۇقتىن بۆلۈنگىنى 4ئۇرۇق ئىكەن ،بۇ ئۇرۇقلارنىڭ يادىمدا قالغىنى كۆك تۈركلەر  ئىكەن ،كورىيەلىكلەر ئۆزلىرىنى كۆك تۈركلەرگە باغلايدىكەن .
مەن شۇ چاغدا كورىيەلىكلەر توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولغان .

3

تېما

0

دوست

1846

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   84.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6634
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 279
تۆھپە : 404
توردىكى ۋاقتى: 414
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 10:51:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يادىمدا قېلىشىچە ئۇلارنىڭ تىلىمۇ تۇرىك تىللار سېسىتمىسىغا تەۋەغۇ دەيمەن

12

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2680
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2025
تۆھپە : 2143
توردىكى ۋاقتى: 473
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 11:38:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ ! قەدىمكى زاماندىكى شانۇ - شەۋكەتلىرىمىز ، ئورنىمىز نىمە دىگەن يوقۇرى ، ئەگەر بىزگە تويغۇچە تۆۋۋە دىگۈزگەن مۇناپىقلىرىمىز بولمىغىنىدا ئىدى ھازىرغىچە دۇنيانىڭ خېلى بىر يەرلىرىگە .ئىگە بولۇركەنمىز.

http://www.xjsahra.com

13

تېما

10

دوست

7475

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4249
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 2283
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 16:27:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،تارىخ ھەققىدە يەنە بىر بىلىمگە ئىگە بولدۇق.

2

تېما

0

دوست

743

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   48.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4804
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 144
تۆھپە : 133
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 15:18:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ ! قەدىمكى زاماندىكى شانۇ - شەۋكەتلىرىمىز ، ئورنىمىز نىمە دىگەن يوقۇرى ، ئەگەر بىزگە تويغۇچە تۆۋۋە دىگۈزگەن مۇناپىقلىرىمىز بولمىغىنىدا ئىدى ھازىرغىچە دۇنيانىڭ خېلى بىر يەرلىرىگە .ئىگە بولۇركەنمىز.رەھمەت،تارىخ ھەققىدە يەنە بىر بىلىمگە ئىگە بولدۇق.
«جەسۇر پۇتبۇل كۇلۇبى»جەسۇر ئەۋلادلارنىڭ بۆشۈكى!

7

تېما

5

دوست

3244

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5979
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 277
تۆھپە : 795
توردىكى ۋاقتى: 210
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 20:39:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىش روھىڭىزغا تەشەككۇر!
خىلى يېڭى گەپلەرنى كۆردۇم......................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )