| تەكشۈرۈش- يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىقلەرگە قارىتا ئېلىپ بارىدىغان 'دوستانە؛ زىيارىتى بولۇپ ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئالغۇچىلار تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئەتراپىدىكى رېستۇران ۋە تانسىخانىلاردۇر . |
|
| مېھمانخانا - كىرگەندە ھوزۇرلىنىدىغان ، پۇل تۆلىگەندە يۈرەك جىغىلدايدىغان يەر . |
|
| تاللا تاماق - قورساقنىڭ ئەڭ چوڭ سىغىمچانلىغىنى ئۆلچەيدىغان بىر خىل زىياپەت . |
|
| مۇھەببەت -ئۆسمۈرلەرگە لايىق كەلمەيدىغان ، چوڭلارمۇ زىيادە ئىچىۋەتسە بولمايدىغان بىر خىل ئچىملىكتۇر . |
|
|
| شېشىخال - ئۈمىدسىز ئادەملەرنى ۋاقىتلىق ئۆلتۈرىدىغان سېھىرلىك كېسەك . |
|
|
| نىكاھ - خۇددى بىر جۈپ ئاياغدۇر ،ئۇنىڭغا پەقەت ئىككى پۇتلا سىغىدۇ . ئۈچىنچى پۇتنىڭ سىغىلىشىغا يول قويمايدۇ . |
|
|
| ئاشنا - سىزگە يېڭىلسىمۇ جۈپتىڭىزنى يەڭگەن ، بىراق ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مۇھەببەت سەھنىسىدىكى ماھىردۇر . |
|
|
| ئىستاكان - ئىشخانىدا سۇنىڭ ئاز -كۆپلىكى بىلەن ئىشتىن چۈشۈشكە قانچىلىك ۋاقىت قالغانلىقىنى بىلگىلى بولىدىغان ۋاقىت ھېساپلاش ئەسۋابى . |
|
|
| مۇكەممەللىك - ئۆزىدە نۇقسان بولسا كېرەك يوق ، باشقىلارنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى تەلەپ قىلىش . |
|
|
| سېھىرلىك ئەينەك - ئۆزىنىڭ كۆرۇمسىزلىكىگە باقماستىن ، باشقىلارنى ھەدەپ بەتبەشىرە كۆرسىتىش . |
|
|
| ھاجەتخانا - ئېھتىياجى چۇشكەندە ناھايىتى يېقىملىق بىلىنىدىغان ، ئىش تۈگىگەندە ' سېسىق ' دەپ بۇرنىنى ئېتىپ چىقىدىغان جاي . |
|
|
| كۇچلۇك ئارزۇ - قانائەتلەنگەن كىشى بىر ئۆمۈر بەخت ئىچىدە ئۆتىدۇ ، تاماخور كىشى بىر ئۆمۈر ئازاپ ئىچىدە ئۆتىدۇ . |
|
|
| تۇغۇلغان كۈن - بالا ۋاقتىدا ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىدىغان ، ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىدىغان ، قېرىغاندا ساراسىمىدە ئۆتىدىغان كۈن |
|
|
| مەنبە [ پەن ۋە تۇرمۇش ] |
|