تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردۇغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىنى زىيارەت قىلىدۇ
[align=justify][align=justify] تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان تۆتىنجى ئاينىڭ 7.كۈنىدىن 11.كۈنىگىچە جۇڭگونى زىيارەت قىلىدۇ. ئەردوغاننىڭ زىيارىتى جوڭگۇنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىن باشلىنىدۇ.بۇ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە باش مىنىستىرى بولغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو زىيارىتى. ئەردوغان 2003.يىلى ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى(AKP) نىڭ رەئىسى سالاھىيىتى بىلەن جوڭگۇنى زىيارەت قىلغان ئىدى.جوڭگۇ ھۆكۈمىتى ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىملىق جوڭگو زىيارىتى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى. باش مىنىستىر ئەردوغان بىلەن چوڭ بىر سودا ئۆمىكىنىڭ بىرگە كىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.بۇ زىيارەت 2009.يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدا يۈز بەرگەن ۋەقە سەۋەپلىك جىددىلىشىپ كەتكەن تۈركىيە –جوڭگو مۇناسىۋىتىنى نۇرماللاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ دەپ قارالماقتا.ئەردوغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن بېيجىڭغا بېرىپ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ. ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىملىق جۇڭگو زىيارىتىدىكى ئاخىرقى بىكىتى ھېسابلىنىدۇ.
|