- تىزىملاتقان
- 2012-7-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-11-27
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 4009475
- نادىر
- 8
- يازما
- 182
ئۆسۈش
100%
|
2016-يىلى 12-نويابىر، قەشقەر ۋىلايەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن قەشقەر «ئىزنا» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ روياپقا چىقىرىش پىلانلانغان، شىنجاڭ باھارىم توي-گرىم كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى تاجىدارلىقىدىكى، پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇنىۋېرسال پىروگرامما «باھارىم، مېنىڭ ئارزۇيۇم» نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى قەشقەر شەھىرى «چىنباغ» مېھمانخانىسىدا ئېچىلدى.
پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىلاشتۇرۇش، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە قەشقەردىكى زور ئۆزگۈرۈشلەر ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ھەمدە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ ئەھمىيەتلىك ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھازىرلانغان «باھارىم، مېنىڭ ئارزۇيۇم» پىروگراممىسى 15-نويابىردىن باشلاپ سۈرەتكە ئېلىنىپ، كېلەر يىلى يانۋاردا قەشقەر ۋىلايەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
پىروگرامما 15 كۈندە بىر سان ئىشلىنىدۇ. پىروگراممىغا قاتناشقۇچىلاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ. ھەمدە ئاخىرقى باھالاشتا 1-دەرىجىگە ئېرىشكۈچى 30 مىڭ يۈەن، 2-دەرىجىگە ئېرىشكۈچى 25 مىڭ يۈەن، 3-دەرىجىگە ئېرىشكۈچى 20 مىڭ يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
«باھارىم، مېنىڭ ئارزۇيۇم» پىروگراممىسىغا چىقىپ، ئارزۇسىغا يەتمەكچى بولغانلار، ياكى شۇ ئارزۇسىغا يەتمەكچى بولغان كىشىلەرگە ياردەم قىلماقچى بولۇۋاتقان كارخانىچىلار تۆۋەندىكى نومۇر بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ.
ماھىر ۋە كارخانىچىلارنى تىزىملاش نومۇرى: 13899122298 / 2575061-0998
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭ «راۋان» لېفىت چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ «ساھىپجامال» بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، قەشقەر «ئامىزون» ساماۋار قورۇمىسى ـ ھامبۇرگ بولكىخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار دەرىجىگە ئېرىشكۈچىلەرنى مۇپاكاتلاش پۇلىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
|
|