ئاي قاراڭغۇ ، جاھان قاراڭغۇ ، مۇدھىش پۇراق ئالار جېنىمنى . ھايۋان كەبى ئىنسان تايىقى ، ئاغرىتىدۇ نازۇك تېنىمنى .
قۇلۇم يىپتا باغلاقلىق مىنىڭ، كۆزلىرىمدە قاپقارا لاتا. دەپقويمايلا ئانامغا ئەسلى، سىرتقا يالغۇز چىققىنم خاتا.
سۇغۇق تاملار، سۇغۇق ھەممە جاي ، سۇغۇق ھەتتا ئاققان ياشلىرىم . ئۇخشىمايدۇ ئۆيۈمگە پەقەت، قېنى مىنىڭ دۇست ئاداشلىرىم .
پۇت قۇلۇمدا جانمۇ يۇق ھەتتا، دەررە بۇلدى يىگەن ئاشلىرىم . بەلكىم يىغلاپ قالدى يىراقتا، مۇئەللىمىم ،ساۋاقداشلىرىم.
قەيەردە مەن بىلەلمىدىم ھىچ. ئانا قىنى ئىسسىق يۇتقىنىم ؟ چۈشلىرىڭدە كۆرۈنمىدىمۇ، داق يەرلەردە يىتىپ –قۇپقىنىم .
بەك سېغىندىم ئۆيۈمنى ئانا، قانمىغانتىم مېھرىڭگە تېخى . يىغلىدىڭمۇ مەن يوق جان دادا سۇندى بەلكىم ئۆمرۈڭنىڭ شېخى .
ئانام مېنى قوزاملا دەيتتى ، لېكىن ئۇلار دائىم تىللىدى . دادان مېنى ئۇرۇپ باقمىغان ئەمما ئۇلار ئاياپ قويمىدى .
قايتىشىمدىن ئىللىق ئۆيۈمگە ، بارا – بارا ئۈمىد ئۈزۈلدى . كۈلۈپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزۈمدىن ئۆلۈم تىلەپ ياشلار تۆكۈلدى .
مەن ناتىۋان ئاتالدىم ئەمدى ، دادا ئېلىپ كېتىڭچۇ مېنى ! پەرزەنتىڭلار چەكتى ئىزتىراپ ، گۈدەكلىكىم ، شوخلۇقۇم قېنى !؟
رىيازەت يەتمىسۇن پەرزەنتىمىزگە ، كەل جاھان ، كەل ئىنسان تاپايلى بىللە . ئۇلارسىز نە كۈلكە ، نە بىر خۇشاللىق ئۇلارسىز زۇلمەتتۇر بىزگە بۇ كۈنلەر .
سىزمۇ ھەم تارقىتىڭ ، مەنمۇ تارقىتاي ، يۈرەكلەر ئاڭلىسۇن ، جاھان ئاڭلىسۇن . ئۆلمەيدۇ ئۈمىدلەر خەلقىم ئۇيۇشسا مۇراجەت ناخشىسى ھەريان ياڭرىسۇن .
بولايلى سەپەرۋەر ، بولايلى يولباش ، تېڭىرقاپ قالمىسۇن سەبىيلىرىمىز . مۇھەببەت نۇرىنى چاچسۇن يىراققا قېتىلىڭ ، قېتىلاي ! بولايلى دېڭىز .
ئۈمىدىڭ ئۈزمىگىن جان – جىگەر بالام ، ھاياتىڭ چىرىقى يانىدۇ ئەمدى . تۈمەنمىڭ مۇھەببەت ، تۈمەنمىڭ كۆزلەر قارىغىنە يىراقتىن سېنى دەپ كەلدى . |