كومپيۇتېر ۋىرۇسى دېگەن نېمە؟
كومپيۇتېر ئىشلەتكەن ۋاقتىمىزدا، دائىم يولۇقىدىغان ئاۋارىچىلىك دەل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ئىبارەت. كومپيۇتېردا مەسىلە كۆرۈلگەندە، مەسىلەن، تۇيۇقىسز قېتىۋالسا ياكى بەزىبىر تور بەتلەر ئۆزلىكىدىنلا ئېچىلىپ كەتسە، كاللىمىزدا «كومپيۇتېر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپتۇ» دېگەن تۇنجى ئىنكاس پەيدا بولىدۇ. بىرقىسىم ۋىرۇسلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا كىشىلەر نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدۇ.
ئۇنداقتا كومپيۇتېر ۋىرۇسى دېگەن زادى نېمە؟ كومپيۇتېر ۋىرۇسى بىلەن بىئولوگىيىلىك ۋىرۇسنىڭ قانداق ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى بار؟
ھەممىزگە ئايان، كومپيۇتېر ۋىرۇسى بۇزغۇنچىلىق خاراكتىېرىگە ئىگە. ئۇلار ئۆزلىكىدىن كومپيۇتېر بۇيرۇقلىرى ۋە پىروگرامما كودىنى كۆچۈرىدۇ ياكى ئوغرىلايدۇ. مەيلى بۇيرۇق ياكى پىروگرامما كودى ۋە ياكى كومپيۇتېر ۋىرۇسى بولسۇن، ھەممىسىنى پىروگراممېرلار يېزىپ چىققان. ئۇلار ھەرگىزمۇ تەبىئىي شارائىتتا پەيدا بولغان ئەمەس.
كومپيۇتېر ۋىرۇسى تارقىلىشچان ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇلار ئۆزىنى نۇسخىلاپ ھەرخىل يوللار ئارقىلىق باشقا ھۆججەت قىسقۇچ ياكى كومپيۇتېر ئىچىگە يۆتكەيدۇ. ھەتتا باشقا ئېلېكتىرونلۇق ھۆججەتلەر ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىك بىيولوگىيەلىك ۋىرۇسلارنىڭ ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى يۇقۇملاندۇرۇشىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەمما«كومپيۇتېر ۋىرۇسى» پەقەتلا ئوبرازلىق ئاتىلىش بولۇپ، بىيولوگىيىلىك ۋىرۇس بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئادەم بەدىنىگە يۇقمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كومپيۇتېر ۋىرۇسى ھەمىشە ئۆزىنى نورمال ھۆججەتلەرگە ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. تەگمىسە ھېچقانداق ئالامەت بولمايدۇ. ئەگەر تېگىپلا قويسا، ئۇنىڭ ۋەيران قىلىش كۈچىنى نامايان قىلىدۇ. مەسىلەن، سىستېما مەنبەسىنى ئىگىلىۋېلىپ، كومپيۇتېر سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپلارنى يۇيۇۋېتىدۇ ياكى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئېغىر بولغاندا كومپيۇتېرنى كاردىن چىقىرىۋېتىدۇ ياكى كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسىنى فورماتلاپ سانلىق مەلۇماتلارنى يۇقىتىۋېتىدۇ.
بىر تۈرلۈك داڭلىق «پارازىت قۇرت ۋىرۇسى» بار بولۇپ، كۈچلۈك كۆپىيىش ئىقتىدارى ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە. ئۇلار ئۆزلىرىنى چەكسىز دەرىجىدە نۇسخىلاپ كومپيۇتېرنىڭ ھەرقايسى بولۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يوشۇرۇنۇپ، ماس كېلىدىغان ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچلارنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرسى بايقالماي ياكى تازىلانماي قالسا ئۇ قايتا كۆپىييىپ كېتىدۇ. يەنە بىرخىل ئالاھىدە پىروگرامما بار بولۇپ، «تىرويا ياغاچ ئات ۋىروسى» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى«ياغاچ ئات ۋىروسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياغاچ ئاتنىڭ پىرىنسىپى بولسا، ئالدى بىلەن كومپيۇتېرغا «كەينى ئىشىك»تىن بىرنى ئاچىدۇ. ئاندىن خاككېرلار كەينى ئىشىكتىن ئوغرىلىقچە كىرىپ، باش ئاپپاراتنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى كۆزىتىدۇ. مەسىلەن، مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئوغرىلايدۇ. ئابۇنىچىنىڭ ھېسابات نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىغا ئېرىشىدۇ. ھەتتا ئابۇنىتچىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ھېسابات بانكىسىدىن پايدىلىنىپ ھېسابات يۆتكەيدۇ. مەسىلەن: 2012-يىلى ئەۋج ئالغان «تور بانكا تېرورچىلىرى» ناملىق ياغاچ ئات ۋىروسى ناھايىتى كۈچلۈك ۋەيران قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
كومپيۇتېر ۋىروسىنىڭ تارقىلىش يوللىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇمۇملاشتۇرغاندا ئىككىسى بار. بىرى، يۆتكىلىشچان ساقلاش ۋاستىسى، يەنە بىرى، تور قاتارلىقلار. بۇرۇن يۆتكىلىشچان ساقلاش ۋاستىسىدىن تارقىلىدىغان كومپيۇتېر ۋىرۇسلىرى ئوپتىك دىسكا، يۇمشاق دىسكا، يۆتكىلىشچان قاتتىق دېسكا قاتارلىقلار ئارقىلىق تارقىلاتتى. ھازىر دائىم ئىشلىتىدىغان يۆتكىلىشچان ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسى ۋىرۇس تارقىتىدىغان بولدى. بولۇپمۇ بارماق دىسكا ۋىرۇس تارقىتىدىغان ئاساسلىق ۋاستە بولۇپ قالدى. ئابۇنىتچىلار كۆچمە ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى ۋىرۇسلانغان كومپيۇتېرغا ئۇلىغان ۋاقىتتا، كومپيۇتېردا ئىجرا بولۇۋاتقان پىروگرامما ئىچىدىكى ۋىرۇس بۇ ئۈسكۈنىگە كىرىدۇ. بۇ ئۈسكۈنە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانمىغان كومپيۇتېرغا ئۇلانغان ۋاقىتتا، بىر قىسىم ۋىرۇسلار قايتا قوزغىلىپ، يۇقۇش جەريانىنى تاماملايدۇ ھەمدە باشقا ۋىرۇسلارمۇ پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە قوزغىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ۋىرۇسنىڭ كومپيۇتېر ئارىسىدا تارقىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
تور ئارقىلىق تارقىلىدىغان ۋىرۇسلار «تور ۋىرۇسى» دەپ ئاتىلىدۇ. بىر قىسىم ۋىرۇسلار ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنىڭ دەرىجە ھالقىپ ئۇلىنىش ياكى قۇشۇمچە ھۆججىتى ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. ئاندىن، بىر قىسىم كۆزگە چېلىقىدىغان تېمىلار ئارقىلىق ئابۇنچىنى ئالداپ ۋىرۇسنى ئىجرا قىلغۇزىدۇ. بۇ خىل ۋىرۇس «پوچتا يوللانما ۋىرۇسى» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىر قىسىم ۋىروسلار خاككېرلار تەرىپىدىن تور بەتلەرگە يوللىۋېتىلىپ، تور كۆرگۈچىنىڭ يوچۇقلىرى ئارقىلىق تارقىتىش ئېلىپ بارىدۇ. ئابۇنتچى تور بەتنى ئاچقان ۋاقىتتا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىدۇ. يەنە ئالاھىدە بىر قىسىم ۋىرۇسلار «خاككېرلىق ئىقتىدارى»غا ئىگە. ئۇلار مەلۇم بىر بىخەتەرلىك يوچۇقى مەۋجۇت بولغان كومپيۇتېرغا ھوجۇم قىلىدۇ. ئاندىن مۇشۇ كومپيۇتېر ئارقىلىق باشقا كومپيۇتېرلارنى ئىزدەيدۇ. مەسىلەن: 2008-يىلىدىكى ۋەيران قىلىش كۈچى ئەڭ زور بولغان پارازىت قۇرت ۋىرۇسى_ «تازىلاش دولقۇنى» تار دائىرىلىك توردىكى كومپيۇتېرلارغا تارقىلىپ، يوچۇقلارنى سىكانېرلاپ بىر مىليۇن دانىدىن ئارتۇق كومپيۇتېرنىڭ سېستىمىسىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن.
نۇرغۇن ۋىرۇسلارنىڭ يەنە «سېتىشتىن كېيىن مۇلازىمەت»ىمۇ بار بولۇپ، بەزىدە ئەسلىي يازغۇچى ياكى پىروگراممېرلار «تۈرى ئۆزگەرگەن» ۋىرۇسنى تۈزۈپ چىقىدۇ. مەسىلەن. 2007-يىلىدىكى «ۋورم ۋىكىڭ» ۋىرۇسلىرى ياكى ياغاچ ۋىرۇسى ئالاھىدە تور بەتلەر ئارقىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ۋىرۇس تازىلاشقا تېخىمۇ چوڭ قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ھازىر كومپيۇتېر ۋىرۇسلىرى بارغانسېرى ئۇنۋېرىسال خۇسۇسىيەتنى نامايان قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. بىر قېتىم ۋىرۇسلار يۇقۇپ بولغاندىن كېيىن، باشقا ۋىرۇسلارنى يۈكلەپ ۋىروسلار توپىنى ھاسىل قىلىدۇ. يەنە بىر قىسىم ۋىرۇسلارنىڭ ئۆزىلا بىر ئارىلاشما گەۋدە بولۇپ، ياغاچ ئات، پارازىت قۇرت ۋە خاككېرلىق ھەرىكىتى قاتارلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ. مەسىلەن:«مۈشۈكئېيىقنىڭ كۈجە كۆيدۈرۈشى»، «ماشىنا ئاپشاركا» قاتارلىقلار.
كومپيۇتېر ۋىرۇسى كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدىغان بولغاچقا، كومپيۇتېر ۋىرۇسىدىن مۇداپىئە كۆرۈش جېڭىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان جەڭ ھېسابلىنىدۇ.
كومپيۇتېر ۋىرۇسىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى قانداق تۈزۈلگەن؟
كومپيۇتېر ۋىرۇسى تور ۋە كومپيۇتېر ئارىسىدا خالىغانچە تارقىلىدۇ. ئەگەر بىر ئۇلارنى تور ۋە كومپيۇتېرغا ھۇجۇم قىلىدىغان «نەيزە»دېسەك، ئۇ چاغدا ئوتتىن ساقلىنىش تېمى ۋە ۋىرۇسخوردىن تۈزۈلگەن مۇداپىئە سىستېمىسى «قالقان» دىن ئىبارەت بولىدۇ.
«ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تېمى» ناھايىتى ئوبرازلىق تام. ئۇ قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىسى ياكى يۇمشاق دېتال پىروگراممىسى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئاساسلىقى ئايرىش رولىنى ئوينايدۇ. ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تېمىنىڭ ئادەتتە ۋىرۇس تەكشۈرۈش ۋە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى بولمايدۇ، ئەمما تور يۇمشاق دېتالى ۋە تور ئېقىم مىقدارىنى نازارەت قىلىدۇ ھەمدە بىنورمال سانلىق مەلۇماتلارنى سۈزىدۇ. قايسى خىل پىروگراممىلارنىڭ تورنى زىيارەت قىلىشى ھەمدە بىر قىسىم تور مۇلازىمەتلىرىنى ئېچىش ۋە تاقاش كېرەكلىكىنى تەڭشەيدۇ. ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش تېمى ۋىرۇس بىلەن كومپيۇتېر سىستېىمىسىنىڭ بىۋاستە ئۇچرىشىشىنى توسۇيدۇ. ئۇ تار دائىرىلىك تور بىلەن كومپيۇتېرنىڭ «شەھەر تېمى» دىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر كومپيۇتېر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانسا، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تېمى تورنىڭ بىنورماللىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش كۆزنىكى چىقىرىپ، ۋىرۇس ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنە بىر قىسىم يېڭى تىپتىكى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش تاملىرى ۋىرۇس تازىلاش تېخنىكىسىنىمۇ ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ.
ئەمما، ئاساسلىق ۋىرۇس تازىلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغىنى يەنىلا ۋىرۇسخوردىن ئىبارەت. ئۇ كومپيۇتېرنىڭ قوللىنىشچان پىروگراممىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ئىجرا بولۇپ، پۈتكۈل كومپيۇتېرنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ، تور ۋىروسىغا ئائىت مەزمۇندىكى ھەرقانداق ۋىرۇسنى تازىلايدۇ. «ۋىرۇس تازىلاش موتۇرى» بولسا ۋىروسخورنىڭ يادروسى ھەم يۇمشاق دېتالدىكى ۋىرۇس پەرق ئېتىدىغان پىروگراممىدىن ئىبارەت. ئۇ ۋىرۇس تازىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، كومپيۇتېرنىڭ ئىجرا بولۇش ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ.
ۋىرۇس تازىلاش موتورى «ۋىرۇس ئامبىرى» بۆلىكى ئارقىلىق ۋىرۇسىنى پەرق ئېتىدۇ. ئىلگىرىكى ۋىرۇس تازىلاش موتورىنىڭ ئىچىدە ۋىرۇس ئالاھىدە كودى (بىر بۆلەك ۋىرۇس پىروگراممىسى) بار بولۇپ، ۋىرۇس تازىلاش موتۇرى ھۆججەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلاتتى. كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تۈرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ۋىرۇس تازىلاش موتورى ھەددىدىن زىيادە «سەمىرىپ» كېتىپ پىروگراممىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى. ھازىر ئالاھىدە فورمات ئارقىلىق ۋىرۇسنىڭ كود ئالاھىدىلىكى ۋە ھەرىكەت ئالاھىدىلىكىنى مۇستەقىل بىر ۋىرۇس ئامبىرىغا ساقلاپ، ۋىرۇس تازىلاش موتۇرىنىڭ يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە تەمىنلەپ بېرىدىغان بولدى. ۋىرۇس ئامبىرى توختىماستىن يېڭىلىنىپ، يېڭىدىن پەيدا بولغان ۋىروسلارنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ۋىرۇس ئامبىرىدا يوق نەرسىنى ۋىرۇسخور پەرق ئېتەلمەيدۇ. بۇ «پاسىپ مۇداپىئەلىنىش» ھېسابلىنىدۇ.
2006-يىلى 10-ئايدىن 2007-يىلى 2-ئايغىچە، «مۈشۈكئېيقنىڭ كۈجە كۆيدۈرۈشى(熊猫烧香)» ناملىق ۋىرۇس نۇرغۇن كومپيۇتېرنى يۇقۇملاندۇرغان ھەمدە ۋەيران قىلغان. ۋىرۇس تۈزگۈچى يەنە كۆپ قېتىم «مۈشۈكئېيىقنىڭ كۈجە كۆيدۈرۈشى»نىڭ دەرىقىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئالدى-كەينى بولۇپ نەچچە يۈز خىل مۈشۈكئېيىقنىڭ كۈجە كۆيدۈرۈشى» ناملىق ۋىروسنى تارقاتقان. ۋىرۇس تۈزگۈچى ھەتتا ۋىروستا خەت قالدۇرۇپ، ئۇچۇق-ئاشكارا ھالدا ۋىروسقا قارشى تۇرۇشقا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئەنئەنىۋى ۋىروسقا قارشى تۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ «ئۇ يەرنى ياپسا، بۇ يېرى ئېچىلىپ قالىدىغان» يېتەرسىزلىكىنى ئېچىپ بەرگەن.
ئەينى ۋاقىتتا، ئاكتىپ مۇداپىئە تېخنىكىسىنىڭ يېڭى ئەۋلاد موتورى ئاللىبۇرۇن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنتىلىدىغىنى «ئەقلىي ئىقتىدار+ئاكتىپچانلىق+ توسۇش ئىقتىدارى» دىن ئىبارەت ئىدى. ئاكتىپ مۇداپىئە تېخنىكىسى بىر بۆلەك پىروگراممىنىڭ ھەرىكىتىنى تەھلىل قىلىپ، كومپيۇتېرنىڭ ۋىروسلانغان ياكى ۋىروسلانمىغانلىقىنى بېكىتىپ، ئاكتىپلىق بىلەن گۇمانلىق ھەرىكەتنى تۇسۇشتىن ئىبارەت. يۇمشاق دېتالنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولغانسېرى، ۋىرۇسنىڭ ھەرىكىتىنى تەھلىل قىلىش ۋە توسۇشنىڭ توغرۇلۇق دەرىجىسى شۇنچە يوقىرى بولىدۇ. شۇنداقلا نامەلۇم ۋىرۇسلارنىڭ ھوجۇم ھەرىكىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇيالايدۇ. لېكىن، ئاكتىپ مۇداپىئە تېخنىكىسى بەزى چاغلاردا ۋىروسنىڭ ھەرىكىتىنى توسۇپ ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرغۇزىدۇ. ئەمما تۈپتىن تازىلىيالمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بۇنى ئەنئەنىۋى ۋىرۇس تازىلاش تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ۋىرۇىسخور ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، ۋىروس ئۆلتۈرۈش موتورى ئۆزىنى ئىجرا بولۇۋاتقان پىروگراممىلار ئارىسىغا كىرگۈزۈش كېرەك.ئۇنىڭ بۇ تەرىپى ياغاچ ئات ۋىرۇسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. سىستېىمىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قوزغاتقۇچ دەرىجىسىدىكى ۋىرۇسلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، بىر قىسىم پىروگراممىنى نىقابلاپ قوزغاتقۇچ پىروگرامما شەكلىدە ئىجرا قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا سىستېمىنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئىچكىرىلەپ كىرىشكە قولايلىق بولىدۇ. ۋىرۇس تازىلاش موتورىنىڭ «ھۆججەت نازارەت قىلىش» ى ھۆججەت «پارازىت ۋىرۇس» ىغا ئوخشايدۇ. ئالدىنقىسى، پەقەتلا ئىچكى ساقلىغۇچ ئىچىدە ھەربىر ئېچىلغان ھۆججەتنىڭ ۋىرۇسلانغان ياكى ۋىروسلانمىغانلىقىنى سىكانېرلايدۇ. كېيىنكىسى، ھەربىر ئېچىلغان ھۆججەتنىڭ ۋىرۇسلىنىشىنى ساقلايدۇ. ئەگەر ۋىرۇسخور ۋىرۇسقا قارىتا «قەبىھ» بولمىسا، ۋىرۇسنى تازىليالمايلا قالماي، ئەكسىيە تاقىلىپ كېتىشى ياكى ۋىرۇس تەرىپىدىن ۋەيران بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، 2010-يىلى كۆرۈلگەن «يېڭى ماشىنا ئاپشاركا-ياغاچ ئات»ۋىرۇسخورنىڭ ئاكتىپ مۇداپىئەلىنىش پىرىنسىپىنى «تەتقىق قىلىپ»، نورمال يۇمشاق دېتاللارنىڭ قوزغىلىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، بىر قېتىمدا 40خىلدىن ئارتۇق ۋىروسخورنى ۋەيران قىلىۋەتكەن.
كومپيۇتېرغا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تېمى ۋە ۋىرۇسخورنى قاچىلىغىنىمىز، پەقەت كومپيۇتېرنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىمىزدىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا، كومپيۇتېرنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا بىخەتەرلىككە ھەمدە كومپيۇتېردىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە دىققەت قىلىشىمىز لازىم. مەسىلەن: قاتتىق دىسكىنىڭ چىرىغى ئۆچمەي يېنىۋېلىش، كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىش قاتارلىقلار.
ئۇمۇملاشتۇرغاندا، كومپيۇتېر ۋىرۇس تېخنىكىسى ۋە ۋىروسقا قارشى تۇرۇش تېخنىكسى ئورتاق ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. بەلكىم ئۇلار ئارىسىدىكى كۈچ سىنىشىش كومپيۇتېر دۇنياسىدىكى مەڭگۈلۈك كۈرەش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
مەنبە: «يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن» دىن ئېلىندى. |