ئىلىم-پەن ئىشقىدا ئوغلۇم،قىلىپ پەرۋاز قانات قاققىن، ھايات سەيناسى رەڭ گارەڭ،تەپەككۇر كۆز بىلەن باققىن.
ئۈگەن ياشلىق باھارىڭدا،يىراقلارنى تەسەۋۋۇر قىل، ئىلىم-پەننىڭ يولى چەكسىز،بۈيۈك تۇلپار بولوپ چاپقىن.
ماقال بار؛‹كىم جاپا چەكسە،گۆھەرنى شۇ ئالار تاشتىن›، بىلىم- ئوكيانىغا شۇڭغۇپ گۆھەرلەرنى ئۆزۈڭ تاپقىن.
ئەجىر قىلساڭ تۆكۈپ ساپ تەر،مىرادىڭغا يىتەلەيسەن، قۇرۇق سۆلەتنى قوغلاشقان نادانلاردىن يىراق قاچقىن.
ئىجاد ئەمگەككە ھەي ئوغلۇم! يارالدى كەڭ- تاشا ئىمكان، ئەقىل-ئىدراك بىلەن ھەرخىل چىگىش سىرلارنى كۆپ ئاچقىن.
ۋەتەننىڭ ئەجرىنى ئاقلاپ كۇچۇڭنى تۆھپە قىل ئەلگە، قوياشتەك ئايلىنىپ كۆكتە،ۋەتەن باغرىغا نۇر چاچقىن.
ئۆزەمنىڭ ئىجادىيتى |