| ياخشى بىلەن ياماننى تونۇپ تۇرىمىز، |
| ياخشىنى بىمالال يونۇپ تۇرىمىز. |
| ياماندىن يامانلاپ قاغاپ تۇرۇقلۇق، |
| يەنىلا سوۋغاتنى سۇنۇپ تۇرىمىز. |
|
| كۈندۈزى شام بولۇپ يورۇپ تۇرىمىز، |
| كېچىسى تۈگۈلۈپ تۇرۇپ تۇرىمىز. |
| كىم ئالسا قولىغا بىر تال سەرەڭگە، |
| جىم يات دەپ بېشىغا ئۇرۇپ تۇرىمىز. |
|
| شۆھرەتلەر شېخىغا قونۇپ تۇرىمىز، |
| ھەل بىلەن ھۆسۈنگە تولۇپ تۇرىمىز. |
| سىرتىمىز پارقىراپ تۇرغىنى بىلەن، |
| ئىچىمىز كۆپىنچە جۇنۇپ تۇرىمىز. |
|
| ھۇقۇشقا ھەر ۋاقىت كۈلۈپ تۇرىمىز، |
| بۈركۈتنىڭ پېيىنى يۇلۇپ تۇرىمىز. |
| ياخشىنى تويغۇزۇپ ياخشىلىقىغا، |
| يامانغا يان تاياق بولۇپ تۇرىمىز. |
|
| مەنپەئەت دىسە قول سوزۇپ تۇرىمىز، |
| چېتىلغان ساناقسىز كوزۇپتۇرىمىز. |
| تۈگمىدەك خۇسۇسى مەنپەئەت ئۈچۈن ، |
| تۈگمەندەك گۆھەرنى بۇزۇپ تۇرىمىز. |
|
|
| مەنبە: تەقدىرداش |