تۈركىيەنىڭ ئىككى پارلامېنت خادىمى توقۇنۇشۇپ قالدى
[align=justify][align=justify][align=justify] جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 1-ئاپرېل خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە پارلامېنتى 31-مارت مائارىپ ئىسلاھاتى قانۇن لاھىيىسىنى ماقۇللىغان، قانۇن لاھىيىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە بىلەن ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ پارلامېنت خادىمى پىكىرى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن توقۇنۇشۇپ قالغان.
ئىگىلىنىشچە، بۇ قانۇن لاھىيىسى ئىسلام مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چەكلىمىسىنى بوشىتىش ھەمد مەجبۇرىي مائارىپ ۋاقتىنى 8 يىلدىن 12 يىلغا ئۇزارتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەت ۋە ھەققانىيەت پارتىيىسى قارىشىچە، قانۇن لاھىيىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈش ۋاقتىنى ئۇزارتىدىكەن، ئۆكتىچى پارتىيە بولسا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە بۇ قانۇن لاھىيىسىدىن پايدىلىنىپ دىننىڭ تەسىرىنى كېڭەيتمەكچى دەپ قارىغان.
مەزكۇر قانۇن لاھىيىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، ئىككى پارتىيىنىڭ پارلامېنت خادىمى پىكىرى ئوخشاش بولمىغاچقا ئېتىشىپ كەتكەن. ئەڭ ئاخىرى، قانۇن لاھىيىسى 295 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 91 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرىشى بىلەن پارلامېنتنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن.
تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان مەزكۇر قانۇن لاھىيىسىنىڭ دىن تەسىرىنى ياش-ئۆسمۈرلەرگە تاڭىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان، ئۇ ئۆزىمۇ دىن بىلەن مائارىپنى ئايرىۋېتىشنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ئاممىنىڭ ئەركىن ھالدا دىننىي قارىشىنى ئىپادە قىلىشىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئوكيان تورى...
|