- تىزىملاتقان
- 2016-9-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-11-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 241
- نادىر
- 0
- يازما
- 13
ئۆسۈش
80.33%
|
ترامپنىڭ زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىشى ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى. بىراق بۇ مۇقەررەر نەتىجە ئىدى. ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ تارىخى يۈزلىنىشىدە ئىچكى مۇقەررەرلىك بولىدۇ، قۇرۇقتىن قۇرۇق پەيدا بولۇپ قالمايدۇ. تارىخى يۈزلىنىشنى ئويلىمىغان يەردىن چىقتى دەپلا ئەپلەپ-سەپلەپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. ترامپنىڭ زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىشىنىڭ دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، ھەربىي ئىشلار ۋە كاپىتال بازىرىغا بولغان تەسىرى غايەت زور بولىدۇ.
يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بېرىقى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا سىياسەتۋازلارنىڭ كۈچى باشقىچە كۈچىيىپ كەتتى. بوش ئاتا بالىنىڭ ئىلگىرى كىيىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىشى بۇنىڭغا ئەڭ تىپىك مىسال بولالايدۇ. سىياسەتۋازلارنىڭ بولغۇسى ئامېرىكا زۇڭتۇڭىغا بولغان مونوپول تەسىر كۈچى بۇزۇپ تاشلانغاندا ئۇلار تاراتقۇ قاتارلىق ئاساسى كۈچىنى ئىشقا سېلىپ رېقابەتچىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن زەربە بەردى، سەتلەشتۈردى. ترامپنىڭ ئۆزىدىكى كەمچىللىك ۋە سىياسىي تەجرىبىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى قوشۇلۇپ كىشىلەردە رىقابەتچىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىگە سەل قاراش كېلىپ چىقتى. شۇڭلاشقا نۇرغۇن كىشىلەر ترامپنىڭ زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىشىنى ئويلىمىغان يەردىن چىقتى دېيىشتى.
كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىكى ئۇقۇم ھەمىشە بىر تەرەپلىمە، جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىدىن ناھايىتىمۇ يىراقتا بولىدۇ.
زۇڭتۇڭلۇق ئورنىغا ئولتۇرغان ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ترامپ ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسىتى، ئىقتىسادى ئېكولوگىيەسىگە غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. دۇنياغا نىسبەتەن ئېلىپ كېلىدىغان دېڭىز تاشقىنى كەبى زەربىسى باشلىنىدۇ.
بىرىنچىدىن: ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى ئاياغلىشىدۇ. يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىكى ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىدا، دۆلەتلەرنىڭ تايانغىنى مۇقىم بولغان سىياسىي، ھەربىي ئىشلار مۇھىتى ئىدى. ترامپنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ئورنىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ ئامېرىكا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا بەكرەك ئېتىبار بېرىشكە يۈزلىنىدۇ. ئۇنداقتا ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقىدا قايسى دۆلەت دۇنيانىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تىنچ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ؟ ھازىرغىچە بۇنداق بىرەرسىنى كۆرەلمەيمىز.قالايمىقان بىر دۇنيا تەدرىجىي ھالدا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا نامايەن بولىدۇ . 1990-يىلىدىكىدەك ئىراقنىڭ كۇۋەيتكە بېسىپ كىرىشى، 1996-يىلدىكىدەك تالىبانلارنىڭ كابولنى ئىگىلىشى دېگەندەك رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلار تېخىمۇ كۆپ يۈز بېرىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت ئارىلىشىش كۈچىدىن ئاساسەن قالىدۇ. پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەيدۇ.
ئىككىنچىدىن: ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسىي، ئىقتىسادى ئىشلارغا تېخىمۇ بەكرەك ئېتىبار بېرىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيا ۋەزىيىتى تېخىمۇ داۋالغۇيدۇ. ترامپنىڭ پۈتۈن دۇنيا پېرېۋوت بازىرى ۋە كاپىتال بازىرىغا ئېلىپ كەلگەن زەربىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن خەلقئارادىكى دوللار تېز سۈرئەتتە قىسىلىدۇ. دوللار كۆپ قىسىم دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ پۇل تارقىتىشىدىكى تەييارلىق فوندى بولغانلىقتىن، دۇنيادىكى پۇللارنىڭ تېرەش كۈچى بارغانسېرى ئاجىزلايدۇ. (داۋاملىق پۇل بېسىپ تارقىتالمايدۇ، پۇلى پاخاللىشىدۇ). ئۇنداقتا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇللىرىنىڭ يۈزلىنىشى قانداق بولىدۇ؟ ياۋروپا، ياپونىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ پۇللىرى تېز سۈرئەتتە قىسىش دەۋرىگە كىرىدۇ. ياۋرو، دوللار، ياپۇنيە يېنى قاتارلىق خەلقئارالىق پۇللار ماس قەدەمدە قىسىلغاندىن كېيىن بىر قىسىم باشقا دۆلەتلەر ماس قەدەمدە ئۆزىنىڭ مالىيە ۋە پۇلىنى ماس قەدەمدە قىسالمايدۇ -دە، پۇلى تېز سۈرئەتتە پاخاللىشىشىقا مەجبۇر بولىدۇ. (چۈنكى بۇ دۆلەتلەردە ھۆكۈمەت فونكىسىيىسىنىڭ نورمال ئايلىنىشى ئۈچۈن، كارخانىلارنى يۆلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز بېسىلغان پۇل بۇلۇش كېرەك) بۇلار بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىۋېتىدۇ. قەرز، مال باھاسى كۆپۈكچىلىكى تېز سۈرئەتتە يېرىلىدۇ. (ئۆسۈمنىڭ ئۆسۈشى بىلەن قەرزگە ئۆي سېتىۋالغانلار تېخىمۇ كۆپ ئۆسۈم بىلەن قەرز تۆلەيدۇ)
كەلگۈسىدە مال باھاسىدا ئېغىر بۆلۈنۈش يۈز بېرىدۇ، (ئىمپورت مال، ئاساسلىق يېمەكلىك باھاسى ئۆرلەيدۇ) ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز پۇلىدا ھېسابلىنىدىغان مال باھاسى بىلەن خەلقئارادا دوللار بىلەن ھېسابلىنىدىغان مال باھاسىدا چوڭ پەرق يۈز بېرىدۇ.
ئۈچىنچىدىن: دوللارنى خەلقئارادا ئاسان تاپقىلى بولماسلىق ۋە ياۋرو، ياپونىيە يېنى قاتارلىق خەلقئارالىق پۇللارنىڭ ئۆزىدىكى قۇتۇلغىلى بولمايدىغان كەمتۈكلۈك سەۋەبىدىن ئالتۇن خەلقئارالىق مۇھىم پۇل بۇلۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارادىكى ئورنى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ جەريان ترامپ زۇڭتۇڭ بولغان دەۋردە ئىپادىلىنىدۇ. ياكى تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىدۇ. ئىقتىساد يەر شارىلاشقان مەزگىلدىكى خەلقئارالىق پۇل يامراش دەۋرى كەلمەسكە كېتىدۇ.
تۆتىنچىدىن: ھازىرقى خەلقئارالىق سودىغا ئامېرىكا يېتەكچىلىك قىلغان. 1946-يىلىدىكى تاموژنا بېجى كېلىشىمى بولسۇن ياكى كېيىن چىققان دۇنيا سودا تەشكىلاتى بولسۇن ھەممىسى شۇنداق. بۇ ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنى ئېلىپ كەلگەن. كەلگۈسىدە ترامپنىڭ سىياسىتى دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتىنى يادرو قىلىشقا يۈزلىنىدۇ، خەلقئارادا سودا قائىدىسى تۈزۈشكە قىزىقمايدۇ. ئۇنداقتا قايسى دۆلەتنىڭ قائىدە تۈزۇش، نازارەت قىلىش، ئىجرا قىلغۇزۇش ئىقتىدارى بار؟ بىلىشكە بولىدۇكى ترامپنىڭ سايلىنىشى پۈتۈن دۇنيا سودا سىستېمىسىغا غايەت زور زەربە ھەتتا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭغا پۈتۈن دۇنيا سىياسىي، ھەربى ئىشلار ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يامانلىشىشىنى قوشقاندا ھازىرقى يەر شارى سودا بەلگىلىمىسى يوقۇلىشقا يۈزلىنىشى مۇمكىن. بىر قىسىم خام مەھسۇلاتلاردا ئېغىر دەرىجىدە ئىمپورت قىلىشقا، ئىقتىسادى ئېشىشتا، پۇل بېسىشتا ئېكسپورتقا تايىنىدىغان دۆلەتلەرگە (پۇل بېسىشتا تاشقى پېرېۋوتنى دەسمايە قىلىدىغان دۆلەتلەر) ئېغىر دەرىجىدە زەربە بولىدۇ. ئېغىر دەرىجىدىكى ئىقتىسادى چېكىنىش، پۇل پاخاللىقى يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىدۇ. (باغلىنىشچان پېرېۋوت نىسبىىتى كونترۇللىقىنى يوقىتىدۇ، مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەيدۇ)
ئىلگىرى ئامېرىكا ئۆزىنىڭ كىشىلىك قىممەت قارىشىنى دۇنياغا چىقىرىش ئۈچۈن ئۈچۈن ھەممىلا يەردە باشقىلارغا بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ، ھەتتا سىياسىي، ھەربى ئارىلىشىشتىن باش تارتمىغان بولسا ھەمدە بۇنداق ئىشلارغا قىزىقمايدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىشىكنى ئېتىۋېلىپ ئۆزى خالىغانچە ئىش كۆرۈش ئەۋج ئالىدۇ.
بەشىنچىدىن: ياپون، كورېيە، ياۋرو ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەر ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي جەھەتتىن قوغدىشىغا ئېغىر دەرىجىدە تايانغان ئىدى. ئەمدى ئامېرىكىنىڭ ئۇلارغا دەيدىغىنى: مەن ئىچكى ئىشىم بىلەن ئالدىراش، ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزۈڭلار كۆپرەك قول سېلىپ ئىشلەڭلار، دېيىش بولىدۇ. ياۋرو ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ، تۈزۈلمىسىنىڭ، دىنى ئېتىقادىنىڭ ئوخشاشماسلىقىدىن قارىغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقى ،ياپونىيە ، كورېيە ۋە باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدا تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ. شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى ياپونىيە، كورېيە، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەربىيلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تېز سۈرئەتتە باشلايدۇ. ھەربىي چىقىم تېز سۈرئەتتە ئاشىدۇ. قورال-ياراق زاكاز قىلىش تېزلىشىدۇ.
خۇلاسە شۇكى: كەلگۈسى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر تىز سۈرئەتتە تەنھالىققا قاراپ يۈرۈش ۈقىلىشى مۇمكىن. ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن ئېيتقاندا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز ئالدىغا بىر قەلئە بولۇپ شەكىللىنىشى، ئىقتىسادى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا كۆپ قىسىم دۆلەتلەر ئۆز ئىچىدىن ئايلىنىدىغان يېپىق سىستېما شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.
دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ئىشلار سېلىنمىسى ئىقتىساد ئومۇمىي نىسبىتىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتى بارغانسېرى يۇقىرىلايدۇ. بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى چېكىنگەنلىكتىن پۇلى پاخاللىشىدۇ، مال باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ خەلق تۇرمۇشى ھەتتا چىدىغۇسىز دەرىجىدە ناچارلىشىدۇ. داۋالغۇش ئامىللىرى تۇغۇلىدۇ. رۇسىيەدەك دۆلەتلەر بەلكىم تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارچىلىنىشى مۇمكىن.
مەنبە: تور دۇنياسى
|
|