- تىزىملاتقان
- 2013-9-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-11-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6982
- نادىر
- 1
- يازما
- 659
ئۆسۈش
39.64%
|
بىر توپ باي تاپقان پۇللىرىنى يىغىپ تىجارەتكە دەسمى سالدى، بىراق ئۇلار ئەقىللىق بولسىمۇ تىجارەتنىڭ ئېپىنى بىلمىگەچكە پۇلى ئەڭ كۆپ باينىڭ مەسلەھەتى بىلەن پۇل تېپىشنىڭ ئېپىنى بىلىدىغان بىرسىنى ياللاپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىق توپلاشنى ئويلاشتى، ئۇلار ئاتىۋالغان ‹‹شىركەت›› دىگەن بۇ جاي ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، مەمۇرىي باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش، كېسىم چىقىرىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدىغان نۇرغۇن مەسئۇل خادىملارغا مۇھتاج ئىدى. ھېلىقى پۇلى ئەڭ كۆپ باي باش مۇدىر، قالغان بايلار مۇدىرىيەت ئەزالىرى دەپ ئاتالدى، شىركەتكە ياللانغان باشقۇرغۇچى خادىملار لېدىر، ئىجرائىيە ئەمەلدارى، باش دېرىكتور، دېرىكتور دىگەن ناملار بىلەن ئاتالدى.
(2014-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى بىل گېتىس (Bill Gates) مىكروسوفتنىڭ باش مۇدىرلىقىدىن ئىستىپا بېرىىپ، تېخنىكا مەسلەھەتچىسى بولدى، باش مۇدىرلىقنى جون تومپسون (John Thompson ) غا ئۆتكۈزۈپ بەردى، ساتىيا نادېللا (Satya Nadella) نى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىققا تەيىنلىدى)
1-مۇدىرىيەت يىغىنى (Board of directors 董事会). گورۇھلاشقان شىركەتلەردىكى پايچىك (پاي ئىگىسى) لارنىڭ سايلاپ چىقىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدىغان شىركەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى، ئۇ شىركەتنىڭ تەدبىر بەلگۈلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، بارلىق تىجارەت پائالىيەتلىرىگە قوماندانلىق قىلىدۇ. پايچىكلار قۇرۇلتىيىغا ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىغا خىزمەتلەردىن قەرەللىك دوكلات بېرىپ تۇرىدۇ. پايچىكلار قۇرۇلتىيى ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلىرى قۇرۇلتىيى قارار قىلغان ھەرقانداق تەدبىرنى كەم-كۈتىسىز ئىجرا قىلىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹شىركەت قانۇنى›› نىڭ 45-ماددىسىدا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى ئۆز ئالدىغا مۇدىرىيەت تۈزۈمىنى قوللانسا بولىدۇ، مۇدىرىيەت يىغىنى 3-13 كىشىدىن تەركىپ تاپىدۇ دىيىلگەن. 109-ماددىسىدا پاي چەكلىك شىركەتلىرى چوقۇم مۇدىرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، مۇدىرىيەت يىغىنى 5-19 كىشىدىن تەركىپ تاپىدۇ، دىيىلگەن.
2-باش مۇدىر ( Chairman 董事长). مۇدىرىيەت باشلىقى ياكى مۇدىرىيەت رەئىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مۇدىرىيەت يىغىنى يېپىق مەزگىلدە مۇدىرىيەت يىغىنىنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، بىر نەپەر باش مۇدىر، يەنە بىر نەپەر مۇئاۋىن باش مۇدىر مۇدىرىيەت يىغىنىنىڭ سايلام ئۆتكۈزۈشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 3 يىل بولۇپ، ئۇدا سايلانسىمۇ بولىدۇ، باش مۇدىر ياكى مۇئاۋىن باش مۇدىرلار ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە مۇدىرىيەت يىغىنىنىڭ ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى سەۋەپسىز قالدۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ (بۇ مەسىلە شىركەت نىزامنامىسى بويىچە ھەل قىلىنىدۇ).
باش مۇدىر مۇدىرىيەت يىغىنىنىڭ دائىملىق خىزمىتىدىن باشقا، ئىجرائىيە كومېتىتى، ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش كومېتىتى، مالىيە كومېتىتى، ئىش ھەققى كومېتىتى، ئىقتىسادىي تەپتىش كومېتىتى قاتارلىق مەخسۇس ئاپپاراتلانىڭ خىزمىتىگىمۇ ئارىلىشىدۇ، باش مۇدىر شىركەتنىڭ ياللانما خادىمى ھىسپلانمايدۇ. دىمەك باش مۇدىر شىركەتنىڭ ئەڭ كۆپ پېيىنى كونترول قىلىدىغان بولغاچقا، گورۇھلاشقان شۇ زامانىۋى شىركەتنىڭ ئەڭ چوڭ غوجايىنى ھېساپلىنىدۇ.
3-لېدىر (President 总裁). لېدىرنى باش مۇدىر ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ، ۋە خالىغانچە ۋەزىپىدىن قالدۇرالايدۇ، لېدىر ئادەتتە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى(Chief Executive Officer 首席执行官 CEO) دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ، بۇ شىركەتنىڭ تۈزۈلمىسىگە باغلىق بولۇپ، لىدىر ئايرىم ۋەزىپە ئۆتۈسىمۇ، ياكى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتۈسىمۇ بولىدۇ، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىمۇ ئوخشاشلا باش مۇدىر ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرالايدۇ،شۇڭا بۇ ئىككى كىشى بىر ئادەم بولىشىمۇ ياكى ئايرىم بولىشىمۇ مۇمكىن، بۇ يەردە پەقەت لېدىر دىگەن ئۇقۇم بۇرۇنراق، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى دىگەن ئۇقۇم كېيىنرەك پەيدا بولغان. بەزى چاغلاردا ‹‹شىركەتنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە لېدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەئدارى›› دىگەن ئۇقۇممۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ، دىمەك بۇ ئۈچ ۋەزىپىنى بىر ئادەم ئۆتۈسىمۇ بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا باش مۇدىرنىڭ خىزمەت مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ، چۈنكى ھەر ئىككى كىشى شىركەتنىڭ دائىمى ئىشلارغا مەسئۇل خادىملىرى بۇلۇپ، مەمۇرى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
4-باش دېرىكتور ( General Manager 总经理 ) باش دېرىكتور شىركەتنىڭ مۇدىرىيەت يىغىنى ياكى باش مۇدىرنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىگىلىك باشقۇرۇش ۋە شىركەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ مەلۇم بىر كونكىرت شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەمەلدار بولۇپ، مۇئاۋىن باش دېرىكتور ياكى باش دېرىكتور ياردەمچىسى بىلەن بىرلىكتە خىزمەتنى قانات يايدۇرىدۇ، شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا تۈرلۈك بۆلۈملەر تەسىس قىلىنىدۇ، بۇ بۆلۈملەردە يەنە ئايرىم دېرىكتورلار بولۇپ، باش دېرىكتۇرنىڭ خىزمەتلىرىگە ياردەملىشىدۇ، مەسىلەن، سېتىش بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى، ئېلان-تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى، ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى دىگەندەك...
باش دېرىكتورنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا:
(1) شىركەتنىڭ كەسپىي نىشانىنى، ۋە تۈرلۈك پىلانلارنى تۇزۇپ چىقىدۇ.
(2) ھەرقايسى بۆلۈم-ئىشخانا ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.
(3) مۇدىرىيەت يىغىنىنىڭ يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە تەييارلىق قىلىدۇ.
(4) ئۆز شىركىتىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمىنى بېكىتىپ، خىزمەتلەرنى تەخسىملەپ خادىملارنىڭ سالاھىتىنى بېكىتىدۇ.
(5) ئۆز شىركىتىگە بېرىلگەن ھوقۇق بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.
(6) ھوقۇق بېرىلگەن دائىرىدە خادىملانى ئىشقا قويىدۇ، قول ئاستىدىكى بۆلۈم دېرىكتورلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ.
(7) ھەرقايسى بولۈم دېرىكتورلىرىنىڭ ۋەزىپىنى تاماملىشىغا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.
(8) بۆلۈملەرنىڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
(9) ئۆز شىركىتىنىڭ بۆلۈم-ئىشخانا خىزمەتلىرىنى باھالاپ، دەم ئېلىش، ئىش ھەققى قاتارلىق سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
(10) نەقمەيداندا يۈز بەرگەن تۈرلۈك مەسىلىلەرنى جىددى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، مۇدىرىيەت يىغىنى تاپشۇرغان ھەرقانداق ۋەزىپىنى كەم-كۈتىسىز ئورۇنلايدۇ.
بەيدۇ تورىدىكى زامانىۋى كارخانا باشقۇرۇش بىلىملىرىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.
پەقەت باغداش تورىغىلا يوللاندى، سالۇنچىلار خالىغانچە كۆچۈرمەڭ.
|
|