خوتەن قاشتېشىنى سېتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
[align=justify][align=justify][align=justify] ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز ! نۆۋەتتە خوتەن دىيارىدا ،ئاساسلىقى ئىقتىسادى مەنپەئەتنى قوغلاشقان ئىنتىلىشتە قاشتېشى كولاش،ئېلىپ _ سېتىش ئىشلىرى شىددەتلىك بىر يۇسۇندا داۋام قىلماقتا.خوتەن قاشتېشىنىڭ ئاخىرقى خېرىدارلىرى ، ئاساسەن ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تاش ئويمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان غەيرى ئېتىقادتىكى يەرلىكلەر بولۇپ، ئۇلار خوتەن قاشتېشىدىن بۇدداھ دىنىنىڭ غايىۋى مەبۇد، بۇد _ سەنەملىرىنى ئويۇپ ساتىدۇ.كەمىنە ھەم ئەينى ۋاقىتتا ، ئۆزەم ساتقان قاشتېشىدىن ئويۇلغان بىر قانچە بۇدداھ ئويمىسىنى كۆرگەن ئىدىم.ھازىر ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يەنە، مەخسۇس بۇدداھ ئويمىسىنى ساتىدىغان ئۇيغۇرلارمۇ كۆپەيمەكتە.ئۆزلىرىدىن سورىماقچى بولغىنىم شۇكى ، (1) دىنىمىزدا ، بۇدداھ ئويمىسىغا ئىشلىتىلىشى شەكسىز ئېنىق بولغان خوتەن قاشتېشى قاتارلىق خام ماتېرىياللارنى كولاش _ تەييارلاش،سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ (2) بۇدداھ ئويمىسىنى سېتىشنىڭ ھۆكمىچۇ؟ (3) يوقۇرىقى ئىككى خىل سودىدىن تاپقان پۇللارنى قانداق بىرتەرەپ قىلىش كېرەك؟ (4) بۇ خىل سودىدىن تاپقان پۇلغا ئالغان (1_،2-،3-،4-) خوتۇنلار ھالالمۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:
1-بۇ مەسىلىدە بەزى ئالىملار ھارام دەيدۇ، بەزىلەر جائىز دەيدۇ. ھازىر خوتەندىكى ئەھلى ئىلىملەرنىڭ ئاساسەن كۆپچىلىكى قاشتېشى تىجارىتىنى چەكلىمەيدىغان بولدى.
2-بۇددا ۋە بۇت ئويمىلىرىنى سېتىش ھارام.
3-بىرىنچىسىدىن تاپقاننى ئىشلەتسە بولىدۇ. كېيىنكىدىن تاپقاننى خەيرلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىۋېتىپ قۇتۇلۇش كېرەك.
4-بىرىنچىسىدىن تاپقانغا ئالسا، باشقا تەرەپتىن چەكلىنىدىغان يېرى بولمىسا ئادىللىق قىلسا ھالال.
ئىككىنجىسىدىن تاپقان پۇلغا ئالغان بولسا ھەم، خوتۇن ھالال، ھارام پۇل خەجلىگەننىڭ گۇناھى ئۆزىگە.
مەنبە : http://www.sajiye.org/gbook.php
|