قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 898|ئىنكاس: 12
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۈنۈمدىن باشقسى قۇرۇق گەپ ۋە ئۈنۈمى يوق قۇرۇق گەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

5

دوست

8564

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   71.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 635
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 158
تۆھپە : 2513
توردىكى ۋاقتى: 597
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-5
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

ئاپتورى: پەرھات ئەمەت (كۇشلەن)


"ئۈنۈمدىن باشقىسى قۇرۇق گەپ"بۇ سۆز ھازىر تور سودسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا مودىغا ئايلىناي دەپ قاپتۇ.  بۇ سۆز ئەسلىدە مەلۇم كەسپكە ۋە ياكى مەلۇم مەھسۇلاتنىڭ ئۈنۈمىگە بولغان قاتتىق ئىشەنچىدىن كېلىپ چىققان. شۇنداقلا كىشلەرگە ھەقىقى نەپ بېرش ئارقىلىق ئۈنۈم ياراتقانلىقى ئەكىس ئەتكەن.ھەرقانداق كوللىكىتىپنىڭ ،شىركەتنىڭ كارخانىنىڭ ئۆزىگە خاس شوئارى بولىدۇ. بۇنداق جانلىق ئىدىيە ۋە شوئار شۇ كەسپ ئەھلىلىرنى ياكى خىزمەتچىلەرنى ئۆزلىرگە قاتتىق تەلەپ قويۇشقا ئەسكەرتىدۇ. ئەمما قارىماققا ئىنتايىن توغرىدەك قىلغان،تولىمۇ ھاياجان بىلەن ئېيتىلغان بۇ بىر جۈملە سۆزنى "نەزەرىيە"دەك چۈشنىۋىلشقا بولمايدۇ. دەستەك قىلىۋىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە مەيلى بىر شىركەتنىڭ  مۇلازىمىتى ياكى بىر مەھسۇلاتنىڭ ھەقىقى ئۈنۈم بېرىپ بازار تاپالىشى نۇرغۇن تەرەپلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئەگەر بىز پەقەت ۋە پەقەتلا "ئۈنۈم"نىلا ئۆلچەم قىلىپ باشقا تەرەپلەرنى قانداقتۇر"قۇرۇق گەپ"سىياقىدا نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتسەك ئۇچاغدا يەنىلا ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەي قالىدۇ.سوغۇققانلىق بىلەن ئويلانغاندا تەرەققىياتىمىزدا ئۈنۈمنىلا قوغلاشساق ماھىيەتتە بىز يەنىلا بىر قسىم مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەي قالمايمىز.مەسلىلەر ھەرگىزمۇ "ئۈنۈم"بولغانلىقى بىلەنلا تەلتۆكۈس تۈگەپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن،بىر ئىشتا ئۈنۈمدىن باشقا ئىزچىللىقمۇ ئىنتايىن مۇھىم.سەمىميلىكچۇ؟ ئۇبارلىق  ئىشلاردابىزنى  تىرەپ تۇرىۋاتقان ئامىل.  بىر شىركەت ئەگەر بۇ سۆزنى ئۆزلىرگە مىزان قىلسا ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال.بۇ  ئۇلارغا نىسبەتەن بەلگىلىك  ئىلھامبەخىش رولىنى ئوينايدۇ . ئەمما ئۇنى تامدىن يۇلۇپ ئېلىپ بارلىق ئىشلارغا،مەھسۇلاتلارغا،كەسپىكە ماركىغا ئوخشاش چاپلايمىز، تەدبىقلايمىز دەيدىغان بولساق ئۇ ھالدا خاتالاشقان بولىمىز. ھەرقانداق ئىلمنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق دائىرسى بولىدۇ.كۆز قاراشلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە،شۇنىڭغا ئوخشاش شوئارم پەقەتلا شوئار بولۇپ ئۇ قانداقتۇرھەممىگە باب كېلىدىغان"ئەقىلىيە سۆز"ياكى ھېكمەت ئەمەس.بۇ خۇددى ماڭا يېزىپ بەرگەن بېغشلىمىنى  باشقىلارغا ئىشلتىشكە بولمىغاندەك،گۈلنى تېزەككە سانجىماي ئىشخانىغا ئېسىپ قويسا ياراشقاندەك بىر ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئۈنۈم دېگەن بۇ نەرسىنىڭ  ھەم ئۇزۇن مۇددەتلىكى ھەم قىسقا ،ۋاقىتلىق ئۈنۈم بېردىغانلىرىمۇ  بولىدۇ.بىر نەرسنىڭ تېز ئۈنۈم بەرگەنلىكى ئۇنداق قانداقتۇر "ئېسل مەھسۇلات"ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.ساختا مەھسۇلاتلار مەۋجۇد ئەھۋالدا ۋە بەزى مۇلازىمەتلەر تېخى يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋالدا كىشلەرنىڭ ئەڭ ئاۋۋال سورايدىغىنى ئەلۋەتتە"ئۈنۈمى بارمۇ يوق؟'دېگەن سوئال بولۇپ قالماقتا.

كىشلەردىكى ئەندىشىنى تۈگىتىش ئۈچۈن مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالغانلار ئىچىدە يەنە "ئۈنۈمى كۆرۇلمسە پۇلى قايتۇرۇلىدۇ'دېگەن سۆزلەر پەيدا بولماقتا.ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن يەپ بولغان تاماقنىڭ پۇلنى تەلەپ قىلىپ باققان خەلق بولمىغاچقا،بۇنداق ئەخلاق ئىلمنتلىرىنى بۇرۇنلا بىلگەن  سودىگەرلەر  قورۇقماي تۇرۇپ  مەھسۇلات پايدا قىلمسا پۇلنى قايتۇرىمىز دىيەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئۈنۈم تېز كۆرۇلىدۇ.ئاخىرغىچە ئۈنۈم بېرەلمسە ئۇ چاغدا قايتۇرۇشقا تېگشلىك بولمايدۇ.چۈنكى دەسلەپتە ئۈنۈم كۆرۇلۇپ بولدى دېگەن سۆز. دېمەك ئۈنۈمنى قارغۇلارچە قوغلىشىش ئەمەلىيەتتەبىر خىل ساختلىققا  ئوخشايدۇ. ئۈنۈم ئۇ  مۇلازىمەتتە تەربىيلەشتە رولىنى جارى قىلدۇرلايدۇ. ئەگەر بىرجەمئىيەتتە كىشلەر ئۈنۈمى بار ئىشلارغىلا ئېسلىۋالسا ئۇ ھالدا دۇنيادىكى نۇرغۇن تەرەققىياتلارنىڭ ئەسلىدە كىشلەر تەرىپدىن ھېچقانداق"ئۈنۈم"يوق دەپ خاتا قارالغانلىقىنى،كىينچە ئۇنىڭ ئىلىمى ئاساسلىرى ئىسپاتلىنىپ چىققانلىقىدەك پاكىتىلار مەلۇم مەنىدە كۆز ئالدىمىزدىكى ئۈنۈمنىڭ ھەممسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەسلىكىنى،ئەسلىدە بىز ئۈنۈملۈك دەپ قارىغان ئۇسۇللىرىمىزدا  چوقۇمكى  باشقىلارغا ئوخشاشلا نۇرغۇن كەمچىللىك ساقلانغانلىقىنى،ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقى  تۈپەيلىدىن بۇلارنى ھازىرچە بەلكىم ھېس قىلالمايۋاتقانلىقمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

شۇڭلاشقا مەن ئويلايمەن ،مودا بولىدىغان سۆز بولىدۇ،مودا بولالمايدىغان سۆز بولىدۇ.قۇرۇق سۆزمۇ،شۇنداقلا كىشلەر تەرىپىدىن "قۇرۇق گەپ"دەپ تاشلىۋىتىلگەن نەرىسلەردە ئالتۇندەك ھەقىقەتلەرمۇ بولىدۇ.بۇنداق بىلملەرنى كىشلەر بايقىيالماي نۇرغۇن ۋاقتىن ئۆتكۈزىۋىتىدۇ دە ،دەۋرنىڭ تەرەققىياتىدا ئاندىن ئالىملار ئۇلارنى بايقاپ چىقىدۇ.چۈنكى ھەقىقەت  نىمنىڭ قۇرۇق گەپ نېمنىڭ قۇرۇق گەپ ئەمەسلىكىنى ئايرىپ چىقالايدۇ.

تور سودىگەرلىرى قانچە ئەقىللىق بولسمۇ بېشى ئەلدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ھەقىقى مەھسۇلات ئۇ ئۈنۈمدىن باشقا نەرسىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ.كەمچىللىك تەرەپلەرنىمۇ تىلغا ئالالايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن بىز مىڭ ئېغىز سۆزلىگەن بىلەن   100 قېتملاپ ۋەدە  بەرگەن ،مەيدىمىزگە مۇشتلىغان  بىلەن ئەكسىچە ئۇ ئۈنۈمى يوق قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۈنۈمدىن باشقىسى قۇرۇق گەپ .بۇ سۆزنىڭ تېخى كىشلەر تەرىپىدىن رەسىمى قوبول قىلىنىش ۋە ئالقشقا ئېرشىشدىن بۇرۇن ئۇنىڭ  بىر تاياقتا ھەيدىگەندەك باشقا  نۇرغۇن  ئامىللارنى سۇغا غەرىق قىلىۋەتكەنلىكىنىمۇ ھېس قىلىش بىلەن بىرگە.    توردىكى بىر قسىم شىركەت ياكى شەخسىلەر ئېلھام بېرىش،مەدەت بېرىش رولى بار تامدىكى شوئارنى  دەستەك قىلىۋالغانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس.
bagdax

2

تېما

3

دوست

1306

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81560
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 377
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-6
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ  گەپنى مەن تۇنجى قېتىم ئ‍ۇزۇن يىللار ئ‍ىلگىرى ئ‍ىنتىل تىل تەربىيەلەش مەكتىۋىنىڭ  ئ‍ېلانىدا كۆرگەنىدىم،  ئ‍ەمدى بۇ گەپ تور سودىگەرلىرىگە بوپ بىرىپتۇ ،…

2

تېما

3

دوست

1306

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81560
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 377
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-6
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تېما ئ‍اپتۇرىنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن،،تور سودىگەرلىرى، يەنى توردا ئ‍ۈندىدار ئ‍ارقىلىق تاۋار ساتىدىغانلار، ئ‍ۆز مەھسۇلاتىغا ماس كەلگەن شۇئارنى مەھسۇلاتىنىڭ  شۇئارى قىبلىنامىسى قىلماي، خېرىدارنىڭ ئ‍ۈنۈمگە بولغان دىققىتىدىن پايدىلىنىپ كەلسە كەلمەس ھالدا ئ‍ۈنۈمدىن باشقىسى قۇرۇق گەپ دېگەننى شۇئال قىلۋاپتۇ،،ئەمەليەتتە بۇ ئ‍ىنتايىن قاملاشمىغان مەنتىقىسىز بىر دورامچىلىق…

ئ‍ەقەللىي پىكىر يۈرگۈزىدىغان بىر تىجارەتچىگە نىسپەتەنئ‍ېيتقاندا  ،ھەرگىزمۇ  )  ئ‍ۈنۈمدىن باشقىسى قۇرۇق گەپ )  بولۇپ ھېساپلانمايدۇ،،ئۈنۈمدىن باشقا مەھسۇلاتنىڭ باھا ئ‍ۆلچىمى، ساتقۇچى تەرەپنىڭ سەمىميىتى، قاتارلىقلارمۇ ئ‍وخشاشلا مۇھىم ئ‍ورۇندا تۇرىدۇ…

0

تېما

2

دوست

297

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79559
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-3
يەر
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilkaxjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-11-3 18:07  

ئۈنۈمنى نەتىجە دەپ قارىساق، ئۇ چاغدا جەريانمۇ مۇھىم. ئالايلۇق قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە باردۇق دەيلى بۇ ئۈنۈمگە(نەتىجىگە)تەۋە، لىكىن جەريانمۇ مۇھىم، جەرياننىڭ ئىچىگە نۇرغۇن ئەگرى تۇقايلىقلار قاچىلانغان بولىدۇ، مەسلەن: ئۈرۈمچىگە مېڭىپ باردىقمۇ، ماشىندىمۇ، پويىزدىمۇ ۋە ياكى ئايرىپىلاندىمۇ دىگەندەك جەريانلار. شۇڭا ئۈنۈمگىلا(نەتىجە) قاراپ، جەريانننى ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
bagdax

8

تېما

5

دوست

8564

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   71.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 635
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 158
تۆھپە : 2513
توردىكى ۋاقتى: 597
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-5
5#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuxlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-11-3 19:10  
dilkaxjan يوللىغان ۋاقتى  2016-11-3 18:00
ئۈنۈمنى نەتىجە دەپ قارىساق، ئۇ چاغدا جەريانمۇ مۇھىم. ئ ...

سىز دىگەندەك جەريانمۇ مۇھىم. جەريان بولمسا نەتىجە مەيدانغا كەلمەيدۇ. تېزلىكتەنەتىجگە، ئۈنۈمگە ئېرشش ئۈچۈن جەرياننى قىسقارتىۋتىشكە بولمايدۇ.چۈنكى  شەيئىيلەر  ھامان تەبىئي نەرسىلەرگە ، تەبىئەتتىكى قانۇنىيەتكە باغلانغان بولىدۇ.قارغۇلارچە ئۈنۈمنى قوغلىشىش ئەڭ ئاخىرىدا خۇددى  " مايسنى تارتىپ ئۆستۈرۈش"تىكى تەمسىلگە  ئېلىپ بېرشى مۇمكىن. بۇنداق شەكىلدىكى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ،ئۈنۈمگىلائېسلىۋىلىش قارىماققا ۋاقىت تىجىگەندەك قىلغان بىلەن ئەسلىدىكى تەبئىيلىكنى ئۆزگەرتىشكە،تەم قوشۇشقا ئېلىپ بارىدۇ ئىشلىرمىزدا ئۈنۈمدىن باشقا نۇرغۇن نەرسىلەر ئادەملەرنىڭ مۇھىم ئېھتياجى ،غەلبە قازىنشتىكى نىشانىمىز بولالايدۇ.بۇ ئارزۇ غايە قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ.ئەگەر بىز ئۈنۈمنى نەتىجە دەپ قارىساق ئۇنداقتا گەپ بۇ زادى قانداق نەتىجە،قايسى دەرىجىدە ئۈنۈم بولدى ؟دېـگەن مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ.مەسلەن،ئېتىزلىققا بۇغداي تەرگەن بولساق ئۇ مول ھوسۇل بەرسە بۇنى  ئۈنۈم دەپ قاراشقا بولىدۇ.ئەمما بۇبۇغداينىڭ سورتى بولىدۇ،يەنە كېلىپ ھەرخىل خىميىۋى ئوغۇتلار ئىشلتىلگەن بۇغدايمۇ بولىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا بىز ھەممىسنى ئوخشاشلا مول ھوسول _ ئۈنۈم دەپ قارىساق بولامدۇ؟ شۇنى بىلىش كېرەككى،ئۈنۈم دېگەنلىك  ھەرگىزمۇ  ھەرقاچان ئۇنداق ئاكتىپ چۈشەنچىنى  ئىپادىلمەيدۇ.يەنى مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە ئېرشكەن ئۈنۈم   ئوخشاشلا نسىپى ئۈنۈمنى كۆرستىدۇ.ئەگەر بىز قولغا كەلتۇرگەن ئۈنۈم پەقەت بىر  ۋاراق نەتىجىلا بولۇپ قالسا بولمايدۇ  ،ئۈنۈم   تۇرمۇشمىزدا تېنىمىزدە،ئىدىيمزدە،كەسپتە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش ،ئالغا ئىلگىرلەش، تۈپتىن يا خشلىنىشنى  مەيدانغا كەلتۇرەلىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەت تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك.

2

تېما

3

دوست

1306

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81560
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 377
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-6
6#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
kuxlan يوللىغان ۋاقتى  2016-11-3 18:38
سىز دىگەندەك جەريانمۇ مۇھىم. جەريان بولمسا نەتىجە مەي ...

چەتكە  چىقىپ  ئ‍وقۇيمە   دەتىتتىڭىز  قايدا  بولدە؟

0

تېما

0

دوست

882

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   76.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8735
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 270
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-6
7#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تىما ناھايىتى  ياخشى بوپتۇ،   مەنمۇ  مۇشۇ مۇجمەل گەپكە قارىتا ئەزەلدىن يەنە بىر گەپنى قوشقۇم كېلەتتى !

‹‹   ئۈنىمدىن  باشقىسى قۇرۇق گەپ ››  دىگەن  گەپنىڭ ئۆزىمۇ نەق قۇرۇق گەپ بولماي  نىمە ؟  
بۇ بىر جۇملە شۇئارنىڭ ئۆزىدىنمۇ  تېخى ئۇنىمنىڭ بار يوقلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ !  دىمەك  مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ  قۇرۇق گەپ !
تولىمۇ  چولتىلىق بىلەن توۋلانغان پىچەك شۇئار خالاس !

2

تېما

1

دوست

4914

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18448
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1543
توردىكى ۋاقتى: 203
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-5

ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا

8#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مەن تورداشلارغا ئابدۇۋەلى ئايوپنىڭ قوتۇپلۇق تەپەككۇر ھەققىدىكى بىر ماقالىسىنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئۈنۈم ئەلۋەتتە مۇھىم، لىكىن جەرياندىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا بىز كۆز قاراشلىرىمىزدا جەزمەن بىر تەرەپ غەلبە قىلىشى كىرەك دەيدىغان تەپەككۇردا تورۇپ ئەمەس بەلكى، ھەر تەرەپنىڭ مىقدارى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىقلىقى ھەققىدە مۇنازىرە قىلساق.
بولمىسا مانى ئويلاپ بىقىڭلا،
نان يىقىش ئۈچۈن ئون موھىممۇ، سۇمۇ، تۇزمۇ، تونۇرمۇ، ئوتۇنمۇ، ئۇستام موھىممۇ؟










كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )