- تىزىملاتقان
- 2015-3-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2017-3-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6636
- نادىر
- 0
- يازما
- 468
ئۆسۈش
  32.72%
|
ئافرىقا يايلىقىدا مىتراسكم ئوتى دىيىلدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بار.ئۇ «يايلاق شاھى »دەپ ئاتىلدىغان بۇلۇپ ،ئافرىقىدىكى ئەڭ ئىگىز ،ئەڭ بۇلۇق ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرى.لىكىن ،ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى ،مىتراساكم ئوتى دەسلەپتە پەۋقۇلئادە ئاستا ئۆسىدىغان بۇلۇپ ،ھىچبىر «شاھانە »قىياپىتىنى نامايەن قىلمايدۇ.باھار كەلگەندە،باشقا ئۆسۈملۈكلەر بەس-بەستە بوي تارتىپ ئۆسۈشكە باشلايدۇ.ئەمما،مىتراساكم ئوتى باھارنىڭ كەلگەنلىكنى ھىس قىلمىغاندەك ،ئۈچ،تۆت سانتىمىىتىر ھالىتىنى ساقلايدۇ.باھار ئاخىرلىشىپ ياز كىلەي دىگەندىمۇ ،ئۇلار يەنىلا قۇياش نۇرى ۋە شەبنەمدىن ئوزۇق ئېلىپ ،بىر خىل ھالەتتە تۇرىۋىرىدۇ.بۇ خىل ھالەتنى كۆرگەن كىشىلەر مىتراساكم ئوتىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈىشىدىن ئۈمۈدىنى ئۈزگەندە ،ئەھۋال ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ.يىرىم يىلدىن كىيىن ،بىر قېتىم راۋرۇس يامغۇر يىغىشىغىلا،مىتراساكم ئوتى سىھىرلەنگەندەك شىددەتلىك سۈرەتتە كۆكلەپ ئىگىزلىكى بىر ھەپتە ئەچىدىلا 60-70 سانتىمىتىرغا ،بەزىلىرنىڭ ھەتتا ئىككى مىتىرغا يىتىدۇ.بۇ چاغدا قاايدىغان بولسىڭىز ،،قاتمۇ-قات يىشىل تام كەبى مىتراساكم ئوتلىرى ئافرىقا يايلاقلىرىنىڭ ئاجايىپ كۆركەم مەنزىرسىگە ئايلىندۇ.ئۇنداقتا ،ئۈچ،تۆت سانتىمىتىرلىق مىتراساكم ئوتلىرى قانداقسىغا تۇيۇقسىزلا «يايلاق شاھىى»غا ئايلىنالايدۇ؟
ئۆسۈملۈكسۇناسلار تەتقىق قىلىپ ،مىتراساكم ئوتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ئۆسمەي قالمايدىغانلىقنى ،بەلكى يىلتىزىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچەيدىغانلىقنى بايقىدى.يىرىم يىلغا يىقىن ۋاقىت ئىچىدە ،مىتراساكم ئوتىنىڭ يىلتىزى ئاستىغا ۋە ئەتراپىغا كىڭىيىپ ،بەزى يىلتىزلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 نەچچە مىتىرغا يىتىدىكەن .ئۇنىڭ يىلتىز سىستىمىسى يەر ئاستىدا مۇنتىزىم ماكان تۇتۇپ سۇ ۋە ئوزۇقلۇق تەركىپلىرنى سۈمۈردىكەن .ئۇ سۈمۈرگەن ئىنىرگىيە شاخلارنىڭ ئۆسۈشنى قاندۇرغىدەك بولغاندا مىتىراساكم ئوتلىرى بىراقلا ئۆسۈپ ،ھەممىنى ھەيران قالدۇردىكەن .
دىمەك،ھەققىقى ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن ،باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش،يىلتىزنى ،ئۇلنى مۇستەكەملەش بەك مۇھىم.ئۇل پۇختىلانغاندا ،مۇۋەپپەقىيەت ئۆزلىكىدىن كېلىدۇ-دە،ئۇنىڭدىن قىچىپ قۇتۇلالماي قالىسىز.
مەزكۈر ئەسەر تەرمىلەر ژورنىلى 2016-يىل 6-ساندىن ئىلىندى. |
|