قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 978|ئىنكاس: 15

شادلىققا يۇشۇرۇنغان كۆز يېشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

66

تېما

7

دوست

6636

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   32.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34629
يازما سانى: 468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 132
تۆھپە : 2012
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-22

تېما ماھىرى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-11-1 18:46:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇقەددىمە      

ئۇ دائىم كۈلۈپ تۇردىغان ،ئوچۇق يورۇق ،خۇش چاقچاق ئايال ئىدى ،ئۇ كۈلگەندە بۇلاقتەك كۆزلىرىمۇ كۈلەتتى ،كۈلگەندە زىناقلىرىپەيدا بولۇپ ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرەتتى ،ئۇ نېمىلا خىزمەت بولسا قىلىۋىرەتتى،ئۇنىڭ نەزىردە ھالال ئەمگەكنىڭ ئۆزى بىر ئىبادەت دەپ بىلەتتى ،ئۇ بەكمۇ شۈكرىقانائەتچان ،ئاددىي -ساددا ،ئەمما يارىشىملىق ياسىنىپ تارىنىپ يۈررەتتى ،ھەققىقىئاياللارغا خاس مىھىربانلىق ئۇنىڭ ئىش ھەركەتلىردىن بىلنىپ تۇراتتى ،ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن ئاھ ئۇرمايتى ۋە زېھنى قۇۋۋىتىنى ئۇنداق ئىشقا سەرپ قىلمايتتى ،ئۇدائىم كىشىلەرگە :

-مەن باشقىلارغا بىرىنچى قېتىمدا ئۆز قۇلۇم بىلەن چاي قۇيۇپ بېرىمەن ،ئىككىنچى قېتىمدا يەنە سەممىمىلىك بىلەن چاي قۇيمەن ،ئۇچۈنچىقېتىمدا يەنە شۇ كىشى سەن چاينى قۇيۇشقا تېگىشلىك دەپ چىنىسىننى تەڭلىسە;

-يوقال دەيمەن دەپ ئەڭ ئاۋۋال ئارىلاشماقچى بولغان ئادەملىرىگە ئاگاھلاندۇرۇشبېرەتتى.بىزمۇ ئۇنىڭ ئورۇنلۇق سۆزلىرىنى ھۆرمەت قىلاتتۇق ،بىز دائىم كۆڭلىمىزيېرىم بولسا ئۇنى ئىزدەپ دەرد تۆكەتتۇق ،ئۇ ئاڭلاپ بولۇپ كۈلۈپ تۇرۇپ بىزنى قايىل قىلارلىق تەسسەللىنى بېرەتتى ،بىز يىغلاپ قاقشىساق ئۇ ھاياتنىڭ نەقەدەر گۈزەلئىكەنلىكىنى ،ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرغانلىقنى كىيىن ھەقىقەتنى چۈشۈنۈپيەتكەندىن كېيىن ھاياتىدىكى ھەرقانداق ئوڭۇشسىزلىقتىن مىننەتدار بولغانلىقنى،چۈنكى ھەر بىر ئىشتا بىر ھىكىمەت بار دەپ چۈشەنگەنلىكنى دەپ بېرەتتى ،قىزلار ئۇنىغەم يېمەس ،ھېچقانداق غېمى يوق ،دەپلا قارايتۇق ،چۈنكى ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرغان چىرايىبەزى قىزلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغىسا ،يېقىن دوستلارنىڭ ئامراقلىقنى كەلتۈرەتتى .ئۇبىزنىڭ پىخسىكا دوختۇرمىز ئىدى ،قەلبىمىزدىكى تۈگۈننى يېشىپ بېرەتتى.بۈگۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغانكۈنى شۇڭا مەن ئۇنى خۇش قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بارماقچى بولدۇم .مەن يولغاچىقىپ تاكسى توسۇپ يۈرۈپ كەتتىم ،مەن ئۇنىڭ ئۆيگە بارسام .ئۇ ئۇچىسىغا ئاق رەڭلىك شايىدىنكۆڭلەك كىيۋاپتۇ ،بېشىدىمۇ ئاق ياغلىق .مەن ھەيران قالدىم .چۈنكى ئۇ ئەزەلدىنياغلىق چىگمەيتى،چىكەندىمۇ ئاق ياغلىق چىگمەيتى،مەن ئۇنىڭ سۇنغۇن چىرايىغا قاراپھەيران قالدىم ،ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇردىغان چىرايننى قايغۇ ھەسرەت ،ئۆكۈنۈش قاپلىغانئىدى .ئۇ مېنى كۆرۈپ مىيىغىدا كۈلۈپ قارشى ئالدى ،ئەمما ئۇنىڭ كۈلگەن ۋاقىتتىكىچىرايى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايتتى ،بۇ قېتىم كۈلگەندە كۆزلىردە ياش لىغىرلاپ تۇراتتى،مەن نېمە ئىش بولغانلىقنى ئاڭقىرالماي :

-نېمە بولدى ساڭا ،مىنىڭ بۇلبۇلۇم ،بۈگۈن باشقىچەبۇلۇپ قاپسەنغۇ؟

-ھېچنېمە ،بۈگۈن ئۆيدىكىلەرنىمۇ چوڭ ئۆيگە بالابىلەن ماڭغۇزۋەتتىم ،مىنىڭ بۈگۈن ئۆزۈم يالغۇز ئۆيدە تۇرغۇم بار ،شۇڭا ئەتگەنلاتېلفۇننى ئىتۋەتكەن ئىدىم ،سەن كەپسەن ،ئۇنداقتا سەن بىلەن مۇڭدىشاي دېدى چايدەملىگەچ ،ئۇ تاغامنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلەيتى .ئايدا ئىككى كۈن دەمئالاتتى،تاغاملارمۇ ئابىدەننىڭ چاققان ،ئەستايىدىل ،زېرەك ،چىقىشقاق مىجەزىنىياقتۇرۇپ قالغان ئىدى ،ئابىدە كېلىپ تاغام بىلەن ئايالى ئوتتۇرسىدىكى تۈگىمەسكۈندەشلىك جېدىلىگە خاتىمە بەردى ،ئۇ كۆپ كىتاب ئوقۇغاچقىمۇ گەپكىمۇ شۇنداق ئۇستائىدى ،ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھەر قانداق ئادەم قايىل بولماي تۇرالمايتى، مەن ئۇنىڭنىمە ئۈچۈن ئاق كىيىم كىيۋالغانلىقىغا ھەيران بولدۇم ۋە:

-ھۇي،بۈگۈن ساڭا نېمە بولدى ؟تۇغۇلغان كۈنۈڭدە ئاقكىيىم كىيۋاپسەنغۇ؟ ئاناڭ ئۆلگەندەك .دېدىم چاقچاق قىلىپ .ئۇ ھەسرەت بىلەن ئۇھتارتقاندىن كېيىن :

-توغرا ،بۈگۈن ئانام بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈكخوشلاشتى ،ئۇ بارلىق دەرد ھەسرىتنى ئىچىگە يىتۈپ ئۇ دۇنياغا كۆزىنى چىڭ يۇمۇپكەتتى .ئۇنى ھېچكىم چۈشەنمىدى ،ئۇ دەردىننى ھېچكىمگە ئېيتالماي ،قەلبىنى ھىچكىمگەچۈشەندۈرەلمەي كەتتى .ئۇنىڭ كۆزلىردىن ياشلار خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەكتۆكۈلۈشكە باشلىدى ،مەن ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم باشقىلارنىڭ ئالدىدا ياش تۆكىننى كۆرۈپھەيران قالدىم .

-ۋاي نېمە دەيدىغانسەن ؟مەن بۇ ياققا ماڭغاندا ئاناڭئايشەمنى كۆرگەن تۇرسام ،ئۇخلىماي چۈش كۆرۈۋاتامسەن نېمە؟دېدىم تېرىكىپ.

-ياق ئاداش ،مېنى تۇغقان ئانام ئالەمدىن ئۆتتى،ئايشەم مىنىڭ ئۆگەي ئانام .

-ھە....مەن ھەيران قالدىم ،چۈنكى ئابىدە بىلەن مەنكىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلاردىن ئىدۇق ،مەن ئايشەمخان ئاننىڭ بىرنەچچە قېتىم ئابىدەنى داتلاپ بەرگىننى ئاڭلىغان ،ئەمما ئابىدە ئايشەمخان ئانىغاخۇددى ئانىسىدەك مۇئامىلە قىلىپ يۈرگەنلىكنى كۆرۈپ قىلچە باشقىچە ئويلانماپتىمەن .

-توۋا دېدىم مەن ئابىدەگە قاراپ ئۇنداقتا ئۆز ئاناڭ؟؟؟

1.ئۇ مىنىڭ ئانام

ئابىدە كۆزلىردىكى ياشلارنى قول ياغلىق بىلەن سۈرتۈپتۇرۇپ ؛

-بىلەمسەن رەنا مەن بىر يىلنىڭ  ئالدىدا ئۆت ئوپراتسىيسى بولۇپ دوختۇرخانداياتقان ۋاقتىمدا مەن بىلەن بىر ياتاقتا ياتقان موماينى ،سەنمۇ كۆرگەن .

-ھە ئېسىمگە كەلدى ھەر ئىككىڭلار بىر كۈندەدوختۇرخانىغا كىرىپ خۇددى ئانا –بالىدەك چىقىشىپ كەتكەن ئىدىڭلار ،ئۇ بىزنىڭمەھلىدە ئولتۇرىدۇ ،ئىسمى سانىخان ،ئۆزى يالغۇز تۇرىدۇ ،بالىلىرى ھېيت ئايەمدە كېلىدۇ،باشقا ۋاقىتتا كەلمەيدۇ ،بىچارە موماي ئۆزى يالغۇز زېرىكىپ بەزىدە قەستەن ئاغرىپقالدىم دەپ بالىلىرىنىڭ ئۆيگە بېرىپ تۇرۇپ كېلىدىكەن ،بەش كۈن تۇرغاندىن كېيىنكېلىنلەرنىڭ قاپىقى تۈرلگەندە يەنە يېنىپ كېلىدىكەن ،مەھلىگىمۇ كۆپ چىقىپئولتۇرمايدۇ ،ھە راست بۈگۈن شۇ ئايال تۈگەپ كەتكەن ئىدى ،ساڭا دەپ بېرەي دېسەم سەنئىسىمگە سېلىپ قويدۇڭ .

-نېمە بولدى ؟دېدىم مەن ئابىدەگە قاراپ ،ئابىدەچايدىن بىر ئوتلىۋالغاندىن كېيىن :

-شۇ دوختۇرخانىدا بىللە ياتقاندا بىچارە مومايباللىرىنىڭ يولىغا بەك تەلمۇرگەن ،تاماقسىزمۇ قالدى ،كۆپ ھاللاردا نان بىلەنقايناقسۇ ئىچتى ،دوختۇرخاننىڭ بىكارلىق تامىقنى يېدى ،مەن شۇ چاغدا نەقەدەرئازاپلانغىنىمنى بىلەمسەن ؟سەن شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىمنى بىلمەيسەن ،شۇنداق قىلىپ مەنئۆيدىن كەلگەن تاماقلارنى موماينىڭ ئۇنمىغىنىغا ئۇنىماي تاماقنى بۆلۈپ بەردىم.موماينىڭ باشقىلارغا دېيەلمەيدىغان نۇرغۇن دەرد ھەسرىتى باردەك قىلاتتى ،بۇنىپەقەتلا مەن بىلەتتىم .

-ھە ،دېدىم مەن ئابىدەنىڭ سۆزىننى ئاڭقىرالماي ،سەنپالچى بولمىساڭ باشقىلارنىڭ دەردىنى قانداق بىلسە ؟

-چۈنكى ئۇ ئايال مىنىڭ ئانام .

-ھە نېمە ؟مەن چۆچۈپ ئابىدەگە قارىدىم .ئابىدەكۆزلىردىكى ياشنى سۈرتۈۋېتىپ ،شۇنداق ئۇ مېنى ئاچچىق تولغاقنى يەپ توققۇز ئايقوساق كۆتۈرۈپ تۇغقان ئانام .يەنى ئۆز ئانام .موماي ئەتە ئوپېراتسىيە كىرىدىغان كۈنىماڭا ھاتىدىكى بەزى كەچمىشلەرنى سۆزلەپ بەردى ،ئانام 67 ياشلار چامىسىدا بۇلۇپقەلبى ئازابقا تولغان ئىدى ،ئۇ مىنىڭ بارلىقىمنى باشقىلارغا دىيەلمەيتى ،شۇڭا مەنئانامنى يەنى (مېنى  سورىغاندا مەن ئانامغا

-مەن قەشقەردىن توي قىلىپ كەلگەن دەپ قويغاچقا،ئانام مېنى خەق دەپ ئويلاپ مەن بىلەن 10 كۈن ھال –مۇڭ بولۇپ ئۆتتى ،شۇ چاغلاردامەن ئانامنىڭ خىزمىتىنى قۇلۇمدىن كىلىشچە قىلدىم ،قۇلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ قەلبىدىكىبارلىق ئازابلارنى دىۋىتىشكە ئۈندۈدۈم ،شۇنداق قىلىپ موماي مېنى تۇنىماي ئىچىدەساقلاپ كەلگەن ھەسرىتىنى  سۆزلەپ بەردى )ئۇكېچىلىرى ئۆزى يالغۇز ياتاتتى ،بالىلار ئىككى كۈندە بىر كېلىپ دوختۇر پۇلنى تۆلەپقۇيۇپ كېتەتتى ،مومايغا ھەمراھ بولمايتتى ،مومايمۇ بالىلىرىنىڭ ھەمراھ بولمىغانلىقدىنكۆڭلى يېرىم بولمايتتى ،چۈنكى مومايمۇ بۇرۇن باللىرغا ھەمراھ بولالمىغان ئىكەنتۇق،مەن دائىم نامىزىمدا ئۆز ئانام بىلەن باشقىلارنى ئارىلاشتۇرماي تەبىئىي ئۇچۇرشۇپقالسام دەپ بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم ،ئاللاھ بۇ تەلىپىمنى دوختۇرخانىغائورۇنلاشتۇرغان ئىكەن .

-ئۇ سىنىڭ ئاناڭ ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭ ؟دىدىمھەيران قېلىپ .

-مەن دوختۇرخانىدا ياتقاندا قادىرنى كۆردۇڭغۇ؟

-ھە كۆردۈم ،ئۇ سىنىڭ تىككۈچىلىكتىكى ئۇستاڭ ئىدى،ھە راست سەن ئۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل ئارىلاشقان ھە؟تېخى توي قىلماقچىمۇ بولغانئىدىڭلار ،ئەمما داداڭ دېگەن كاج قېرى قوشۇلمىدى ،كىيىن سەنمۇ تۇرمۇشۇڭنى يىڭدىنباشلىدىڭ ؟ئايرىلىپ كېتىپمۇ ھەسرەتلەنمىدىڭ دېدىم.

-شۇنداق ،مەن قادىر بىلەن شۇنداق ياخشى ئارىلاشقان ئۇمەندىن بەش ياش چوڭ ئىدى ،ماڭا كۈينەتتى ،ئۇنىڭ دەپ بېرىشچە ئۇلار ئۈچ بالائىكەنتۇق ،دادىسى ئانىسىنى دائىملا مەست بولۇپ كېلىپ ئۇردىكەن ،بىچارە ئانا ئۈچپەرزەنتىنى دەپلا چىشىنى چىشلەپ ئۆي تۇتۇپتۇ ،كېيىن دادىسى ھەددىدىن ئېشىپ ئۆيگەخالىغانچە ئاياللارنى باشلاپ كېلىدىغان بوپتۇ .بۇ ئىشلار ئانىسىغا بەكلا ھار كەپتۇ،كەچ كۈز كېچىسى ئانىسى باللىرنى باغرىغا بېسىپ يېنىش ،يېنىشلاپ سۆيۈپتۇ ۋە :

-مەن شەھەرگە كىرىپ ئىشلەپ جىق پۇل تېپىپ سىلەرنىئەكىتىمەن ،دەپتۇ بۇ ۋاقىتتا قادىر ئۈچ ياش ،ئاچىسى دىلبەر تۆت  ياش،ئاكىسى قاۋۇل يەتتە  ياش ئىكەنتۇق ،قادىرئانىسىغا قاراپ :

-ئانا جىق پۇلنى قاچان تېپىپ بۇلسىز ؟ بىزنى قاچانئەكىتىسىز؟دەپتۇ .ئانا دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ :

-دەرەختىكى يوپۇرماقلار يەر يۈزىگە چۈشۈپ بولغاندامەن سىلەرنى ئالغىلى كېلىمەن دەپتۇ ،ئانا ئاخشام تاياق يېگەن بەدەنلىرىنى  سىلاپ قۇيۇپ باللىرنى يەنە باغرىغابېسىپتۇ،شۇنداق قىلىپ باللىرغا قىيالمىغان ھالدا ئۆيدىن ئايرىلىپتۇ.كېيىن دادىسىكېلىپ ئايالىنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ ئاچچىقلىنىپ بېقىپ ئارلاشقانسەتەڭلەرنى ئالماقچى بوپتۇ ،ئايالى بار چاغدا جىنىم تورغۇيۇڭ بۇلاي دېگەن سەتەڭلەرئالاي دېگەندە بالىلارنى بېقىش،كىر قات يۇيۇش ،تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشتىن قېچىپھەممىسى باھانە سەۋەب كۆرسىتىپ قادىرنىڭ دادىسى بىلەن توي قىلىشقا ئۇنىماپتۇ ،كېيىنبىر ئايالنى ئېلىپتىكەن بالىلارنى خارلىغاچقا قۇيۋىتىپتۇ ،قادىر كۈندە دەرەخشاخلىرغا قارايدىكەن ،دەرەختىن يوپۇرماق شامالدا يەرگە چۈشسە خۇش بولۇپ كېتىدىكەن،ئۇ ئىچىدە دەرەختىكى يوپۇرماقلار چۈشۈپ بولسا ئانام كېلىدۇ دەپ ئويلايدىكەن ،قىشپەسىلدە شىۋىرغان چىقىپ يوپۇرماقلار يەرگە چۈشكەندە قادىر :

-ئانام كېلىدىغان بولدى ،دەپ خۇش بولۇپ كېتىپتۇ،ئاكىسى

-ئانام ئەمدى كەلمەيدۇ ئەخمەق، دېسە ئۆزىنى ئىتىپيىغلاپ كېتىپتۇ ،دادىسىدىنمۇ تاياق يەپتۇ،دەرەختە ئاندا –ساندا سارغايغان يۇپۇرماققاپتىكەن ،قادىر ئۆينىڭ دېرىزىسدىن شۇ يوپۇرماقلار چۈشۈپ كەتسىلا ئانام قايتىپكېلدۇ دەپ دەرەخقە قارىغاچ قانچە قېتىم دېرىزە تۈۋىدە ئۇخلاپ قالغىننىمۇبىلمەيدىكەن. .شۇنداق كۈتۈشلەر ئىچىدە قىشنى ئۆتكۈزۈپتۇ،كىيىن باھار كېلىپدەل-دەرەخلەر ياپ –يېشىل يوپۇرماقتىن تون كىيگەندە قادىرنىڭ ئۈمۈدىئۈزۈلۈپتۇ.لېكىن ياز پەسىلدە يۈزىنى ئورىۋالغان بىر ئايال بالىلارغا ئۇنى بۇنىئەكىلىپ بېرىدىغان بوپتۇ.راست دېگەندەك يوپۇرماقلار يەر يۈزىگە چۈشكەندە ئانىسىقايتىپ كەپتۇ،ئائىلە خۇشاللىققا تولۇپتۇ ،ئەمما ئانا كۆپ پۇل ئەكېلەلمىگەن ئىدى،ئانىسى كېلىپ بىر ئايدىن كېيىن دادىسى ئانىسىنى ھە دېسىلا:

- مەن سىنىڭ باشقا ئەردىن تاپقان بالاڭنى باقمايمەن،ھۇ پاسكىنا ،دەپ ئېغىزغا ئالغۇسىز تىللار بىلەن تىللاپ ئۇردىغان بوپتۇ،بۇ ۋاقىتتائانا خۇددى كەپتەر بالىسىدەك بۇقۇلداپ يىغلاپ تۈننى تاڭ ئاتقۇزدىكەن ،دادىسىيەنىلا بۇرۇنقىدىنمۇ ئەدەپ باشقا ئاياللار بىلەن ئانىسىنىڭ كۆز ئالدىدىلاچاقچاقلىشىپ ،ئانىسىنى ئوچاققا ئوت ياققۇزۇپ سۇ ئىسىتقۇزۇپ،ئۆزى سەتەڭلەر بىلەنئىچكىردىكى ئىسسىق ئۆيدە يېتىپ ئانىسىغا:

- بالىلار بىلەن سوغۇق بوتكىغا چىقىپ يېتىش دەپھەيدەيدىكەن ،ئانا كېچىچە بالىلىرىنى باغرىغا بېسىپ خورلۇق ئىچىدە تاڭ ئاتقۇزدىكەن،بىر كۈنى قادىر ئورنىدىن تۇرسا ئانا يوق ،شۇ كەتكەنچە ئانا قايتىپ كەلمەپتۇ،بالىلارغىمۇھىچنىمە دېمەي كېتىپ قاپتۇ ،بالىلار بىر –بىرىگە ھەمراھ بولۇپ قاتتىق نان ،سوغۇق سۇئىچىپ ،بەزىدە قوشنىلارنىڭ بەرگەن بىر چىنە تامىقىنى تەڭ تالىشىپ يەپ چوڭبۇلۇپتۇ.كېيىن دادىسى قايتا ئۆلۈنۈپتۇ،ئۇلار ياۋاشلارچە ئۆگەي ئاننىڭ سۆزىنىئاڭلاپ ئانىسىنى قەلبىدە ئەسلەپ چوڭ بۇلۇپتۇ ،چوڭ ئاكىسى ئانىسىدىنمۇ،دادىسىدىنمۇنەپرەتلىندىكەن ،ئاچىسىمۇ شۇنداقكەن ،قادىر چوڭ بولۇپ تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپتىككۈچىلىك كەسپىنى ئوقۇپ بىزنىڭ سىخقا كىرىپتتۇ.سىختىكى نۇرغۇن قىزلار ئۇنىڭغائاشىق ئىدى ،مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرگەن ئىدىم ،چۈنكى بىزنىڭ كەچمىشىمىز،دىلىمىزنىڭسۇنۇقلۇقى ،ئوخشاپ قالاتتى ،دادامنىڭ دىيىشچە ئانام مېنى تۇغۇپ ئۈچ ئايلىق بولغاندامىنى تاشلاپ كېتىپ قاپتىكەن ،دادام ئىشلەۋاتسا ددامنىڭ خىزمەت ئورنىغا تامخوشنىمىز بېرىپتۇ ۋە ئۆينىڭ سىرتى قۇلۇپلاقلىق تۇرغىدەك ئىچىدە مىنىڭتوختىماي  يىغلاۋاتقانلىقىمنى دەپتۇ .دادامسېختىن رۇخسەت سوراپ ئۆيگە كىرسە مەن ياتقان يېرىمگە تەرەت قىلىپ، قوسقۇم ېئچىپكۆرپىنىڭ يان تەرىپىنى ئىمىمەن دەپ يالاپ ياتقۇدەكمەن ،ئۇ ياز ئايلىرى بولغاچقائۆينىڭ ھاۋاسى بۇلغانغان ،دىمىق ،ئىكەن .مەن يىغلاپ ،بىر تەرەپتىن ئۇسساپئاۋازلىرىم پۈتۈپ كېتىپتۇ ،دادام مېنى قولىغا ئېلىپ يىغلاپ كېتىپتۇ ،نېمە قىلىشىنىبىلەلمەي تۇرغاندا قوشنىلار :

-سانىيە كېتىپ قالدى ،مەمەت بولدى يېغلىما ،بالنىيۇيايلى دەپ ئايال قوشنىمىز مېنى يۇيۇپ ئۇپىلاپ ،ماڭا ئۇسسۇزلۇق بېرىپتۇ،نانچايناپ بېرىپتۇ ،مەن ئۇسسۇزلۇقنى ئىچىپ ۋىلىقلاپ كۈلۈپتىمەن ،نان چايناپ بەرگەندەئاغزىمنى خۇددى قالغاچنىڭ بالىسىدەك ئېچىپ تۇرۇپتىمەن ،بۇ قىلىقلىرىمدىن دادامنىڭكۆزلىردىن ياشلار تۆكۈلۈپتۇ.قوشنىلار دادامغا :

-بۇ بالىنى سەن قانداقمۇ باقىسەن؟ شۇڭا بىرەسىگەبېرىۋەت دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ،دادام مېنى قۇلىغا ئېلىپ قارىسا مەن دادامنىڭياقىسىنى چىڭ تۇتۇپ ۋىلىقلاپ كۈلۈتىمەن ،قوشنا ئايال دادامدىن مېنى ئالاي دىسەئاجىرالماي يىغلاپ دادامنىڭ ياقىسىنى قۇيۇپ بەرمەپتىمەن ،شۇنىڭ بىلەن دادامنىڭمەرى ماڭا چۈشۈپ :

-ياق ،مەن قىزىمنى ھېچكىمگە بەرمەيمەن ،ئۆزۈم جاپاتارساممۇ بېقىپ ئاللاھ رىزقىنى بەرسىلا قاتارغا قۇشقىمەن دەپ ئېلىپ قاپتۇ.ئانامدىن نەپرەتلىنىپتۇ .مېنى بىر ئۆمۈر كۆرسەتمەيمەن دەپ ئۆز-ئۆزىگە ۋەدەبېرىپتۇ.دادام بالا باققۇچى ئىزدەپتۇ ،چۈنكى ئۆزى ئىشلىمىسە بولمايتتى ،شۇنىڭ بىلەنبىر ياشانغان ئايال دادامنىڭ مېنى باقىمەن دەپ قىينىلىپ كىتۋاتقانلىقنى كۆرۈپ ئىچىئاغرىپ مېنى بېقىپ بېرەي دەپتۇ ،ئۇ ۋاقىت يەتمىش بەشىنچى يىللىرى بولغاچقا داداممىنى 50 يۈەن ئايلىق مائاشىنىڭ 30 يۈەننى ىئيىغا بالا باققۇچىغا  بېرىپ باققۇزۇپتۇ،ئۆزى شۇ مېنى باغقا ئايالنىڭئۇينىڭ يىندىن ئىجارە ئۆي ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ ،كېچىدە يېغلىسام دادام مەن ياتقانئۆينىڭ دېرىزىسىنى ئۇرۇپ :

-ھەدە ،بالىنىڭ قۇسقى ئاچقانمىدۇ ؟ياكى مىجەزىيوقمۇ؟نېمىشقا يېغلايدۇ دەپ سورايدىكەن ،ئەگەر ئۇ ئايال سۈت ئىچىمەن دەيدۇ ،سۈتتۈگەپ قاپتىكەن دېسە دادام كېچىنى كېچە دېمەي كالىسى بار كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپسۈت سېتىۋېلىپ ئەكېلىپ بېرىدىكەن ،دادامنىڭ بۇ مەسئۇليەتچانلىقنىدىن  مېنى باققان ئاپاش تەسىرلىنىپتۇ ۋە  مەن چوڭ بولغاندا :

-ئابىدە داداڭغا ھەرگىزمۇ ئالىيىپ قارىما ،داداڭنىڭسەندە ھەققى كۆپ دېدى .كېيىن مەن ئىككى ياشقا كىرگەندە مېنى باقىدىغان ئاپاشئاغرىپ قېلىپ دادام مېنى ئىشلىسە ئىدارىسىغا ئەكېتىپ بېقىپ يۈرۈپتۇ ،كېيىن يۇرتىكىئاچىلىرى:

-يۇرتقا ئەكەپ بەر،نەۋرىلەر قاتارىدا بېقىپ بېرەيلى دەپتۇ،شۇنداققىلىپ دادام مەن ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى يۇرتىغا ئاپىرىپ قۇيۇپتۇ،مەن جەنۇبىشىنجاڭدا بەش ياشقا كىرگۈچە تۇردۇم ،كېيىن دادام تۇغقانلارنىڭ تىپىشتۇرشى بىلەنھازىرقى ئانامغا ئۆلۈنۈپتۇ ،بۇ ئانامنىڭمۇ دادامغا ياتلىق بولغاندا بىر قىزى بارئىكەنتۇق ،كېيىن دادامدىن بىر قىز،بىر ئوغۇل تۇغدى ،باشتا دادام مېنى كۆزقارچۇغىدەك ئاسراپ چوڭ قىلدى ،كېيىن ھازىرقى ئانام تۇغقاندىن كېيىن ماڭا بولغانمىھرىنى ئىنىمغا،سىڭلىمغا بەردى ،بەزىدە ئۆگەي ئانامنىڭ گېپىگە كىرىپ ئۇرۇپمۇقۇياتتى .ئۆگەي ئانام دادامنىڭ ماڭا ئۆزىگە ئۇقتۇرماي پۇل بەرگەنلىكنى بىلىپ قالسادادام بىلەن كېچىچە ئۇرۇشاتتى.كىينىچە داداممۇ ماڭا تىقىپ پۇل بەرمەيدىغان بولدى،مەن مەكتەپ ئوقۇپ يېڭى سومكا ئېسىپ باققان ئەمەس ،دائىم ھەدەمنىڭ (يەنى ئۆگەيئانام باشلاپ كەلگەن قىزى)ياراتمىغان سومكىسىنى ،ياراتمىغان كىيىملىرىنى،كىيىپ چوڭبولدۇم ،كىيىن ئالى مەكتەپكە ئىككى نومۇرۇم كەملەپ قېلىپ ئوقۇيالمىدىم ،شۇنىڭبىلەن تىككۈچىلىك سىخىدا ئىشلىدىم .بۇ جەريانلاردا مەن قادىر ئاكا بىلەن مۇڭدۇشۇپيۈرۈپ چىقىشىپ قالدۇق .كېيىن توي قىلايلى دېگەندە دادام قادىر بىلەن سۆزلىشىپئۇنىڭ ئاتا –ئانىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ قوشۇلمىدى .مەن يىغلىدىم ،قاقشىدىم كىيىن دادامچىدىماي :

-ئۇ سىنىڭ بىر قورساق ئاكاڭ دەپ بەردى .مەن قادىرغادىدىم قادىرمۇ ئاپىسىنى ئىزدەپ تېپىپ سوراپتۇ ، دادامنىڭ ،مىنىڭ ئىسمىمنىچىقىرىپتىكەن ئانىسىمۇ يىغلاپ تۇرۇپ شۇنداق توغرا ئۇ سىنىڭ سىڭلىڭ دەپتۇ ،شۇنداققىلىپ قادىر ئىككىمىز دوستلارچە ئايرىلدۇق ،ئەمما ئاكا –سىڭىل بولغانلىقمىزدىن خۇشبولدۇق ،كىيىن سىختا سىڭلىم ،ئاكا دېيىشىپ ئىناق ،ئېجىل ئۆتتۇق ،قادىر ئانىسىغامەن بىلەن كۆرىشىشنى دەپتىكەن ئانام ماڭا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى دەپئۇنماپتۇ،مەنمۇ دادامغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلمايمەن دەپ ئۇنمىغان ئىدىم،كېيىن دادام قادىر بىلەن بىللە ئىشلەيدىغانلىقىمنى بىلىپ مېنى ئىشتىن توختۇتۇپئۆزىنىڭ ئورنىغا (يەنە .يەم خەشەك ئىدارىسىغا )خىزمەتكە كىرگۈزدى.شۇنداق دوستۇممەن دوختۇرخانىغا كىرگەن كۈنۈم قادىر ئانىسىغا ھەمراھ بولۇپ كىرگەندە ئۇنىڭ مىنىڭئانام ئىكەنلىكنى بىلدىم ،ئەمما ئۇ مىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىمنى بىلمىدى .چۈنكى مەن ئۇئايال بىلەن پىكىرلىشىش جەرياندا قان بېسىمنىڭ ئېغىرلىقىنى ،ئۇنىڭ پەقەتلا قوسقىنىڭتوق ،تىننىڭ سالامەت بولۇشنىلا ئويلايدىغان ئارزۇسىنىڭ بارلىقنى بىلدىم ،شۇنداقلاقادىرغا:

- ئانامغا مىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىمنى دېمە دېدىم.مەن  ئانامنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە يەرگە قاراتقۇمكەلمىدى،شۇنداقلا دادامنىڭ يۈركىنى زېدە قىلغۇم كەلمىدى ،بىز بىر بالنىستاياتقاندا دادامنىڭ پۇتى ئاغرىق بولغاچقا دوختۇرخانىغا كېلەلمىدى ،ئۆگەي ئانامسىڭلىم تۇغۇتلۇق بولغاچقا كەلمىدى ،(بۇرۇنمۇ مىنىڭ سالامەتلىكىم بىلەن كارى يوقئىدى) .بەلكىم بۇمۇ ئاللاھنىڭ ماڭا پايدىلىق شارائىت يارتىپ بەرگىنىدۇ ،مىڭ شۈكرى،شۇنداق قىلىپ مەن ئانام بىلەن بىللە تاماق يېدىم ،بىللە قولتۇقلۇشۇپ دوختۇرخاننىئايلاندۇق ،پىكىرلەشتۇق ،ئانام ياشلىقنى ئەسلىگەندە كۆزىگە ياش ئالاتتى ۋە ئېغىرئۇھ تارتاتتى.

2.نىدا

ئۇ مەن بىلەن پىكىرلىشىش داۋامىدا مىنىڭ زورلىشىمبىلەن ھايات مۇساپىسىننى ئەسلەپ:

-ئادەمنىڭ ھايات يولى بەكمۇ مۇرەككەپ بۇلدىكەن ،مەنتوي قىلغاندا 16 ياش ئىدىم .بىرىنچى بالامنى 17 ياشتا تۇغقان ،بالىلىرىمنىڭ ياشپەرىقى بىر ،ئىككى ياشتىن پەرىقلىندۇ ،بالىلار كىچىك بولغاچقا ،ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپبۇلالماي دائىم بالىلارنىڭ دادىسىدىن تىل دەشنەم ،تاياق يەيتىم ،ئۇنى ئاز دىگەندەكقېيىن ئانامنىڭ جاپاسىمۇ يەتكۈچە بار ئىدى ،بىر كۈنى ئۇ مېنى تالاق قىلىۋەتتى .كېيىنئازاپقا چىدىماي(ئۇ چاغدا ئۆي يېزىدا ئىدى ) مەنمۇ شەھەرگە كىرىپ پۇل تاپاي دەپباللارنى قۇيۇپ شەھەرگە كىردىم .ئاشخانىلاردا ئىشلىدىم ،قۇسقۇمنى ئاران باقتىم،كېيىن يولدىشىمنىڭ باشقا ئايال ېئلۋالغانلىقنى بىلىپ مەنمۇ ئەرگە تېگىپ باللارنىيېنىمغا ئەكەلمەكچى بولدۇم .ئەرگىمۇ تەگدىم .ئەمما ئەر مىنىڭ ئويلىغىنىمدەكچىقمىدى ،بالىلارنى ئەكېلەي دېسەم ئۇنمىدى ،ئۆيدىكى يېمەكلىكتىن بالىلارغا ئاپىرىپبەرسەم ئۇ يەرگە قۇلۇپ سالدى ،70- يىللاردا قورساق ئاران تۇيدىغان چاغلار ئىدى ،ئۇيولدۇشۇم ئاشلىق ماي پونكىتىدا ئىشلىگەچكە ئاق نان يىيەلەيتۇق ،بالىلار يېزىدابولغاچقا زاغىرغا ئاران  قوسقى تۇياتتى،كىيىن مەن ئۇ ئادەمدىن ھامىلىدار بولدۇم .ئاڭلىسام بۇرۇنقى يولدىشىم ئاجىرشىپكىتىپتۇ ،كىيىن ئۇ مېنى ئىزدەپ كەلدى ئۇ:

-سانىيە ،يۇر ئۆيگە كېتەيلى ،ئۈچ بالىنىڭ يۈزىنى قىل،بالىلار سىنى ساقلاۋاتىدۇ،دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالدى ،دېمەكچىمۇ مەن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندە بالىلار ماڭا ئېسىلىپ يىغلاپ قاچان كېلىسەن دەپ قالغان ئىدى ،مەن نىمەدىيشىمنى بىلەلمەي دەرەختىكى يوپۇرماقلار يەرگە چۈشۈپ بولغاندا دېگەن ئىدىم ،مەنئۆيدىن چىقىپ كەتكىلى  ئۈچ يىل بولدى ،مەنبۇرۇنقى يولدىشىمغا ئويلىنىپ باقاي دەپ جاۋاب بەردىم .كىيىن مەن قورسۇقۇمدىكىبالىغا ئۆچلۈكۈم كەلدى ،چۈشۈپ كەتسىكەن دەپ سەكلەپ باقتىم ،قوسقۇمنى مۇشتلاپباقتىم .ئەمما بالا ناھايىتى تىمەن تۇغۇلدى ،ئۇ بوۋاق تۇرۇپ ناھايىتى چىرايلىقئىدى ،ئۇ توختىماي ئىمەن دەپ يىغلايتى ،مەن مەرىم چۈشۈپ قالمىسۇن دەپ قەستەنئىمىتمەيتىم ،دادىسى يالۋۇراتتى ،بەزىدە يىغلاپ كېتەتتى ،مەن باغرىمنى قاتتىققىلىپ بىر ئىككى قېتىم ئېمىتىپلا ئىمىتمىدىم ۋە ئۇ كىشىگە ؛
-ئەگەر خېتىمنى بەرسەڭ ئىمىتىمەن ياكى بۇرۇنقىئەردىن بولغان بالىلىرىمنى ئەكېلىپ بېقىشقا كۆنسەڭ ئىمتىمەن دەپ سۇقۇشتۇم .بۇنداقۋاقىتتا ئۇئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ كېتەتتى ؛

-ياق خەقتىن بولغان شۇملىرىڭنى باقمايمەن ،ئۆينىھاراملىقلار بىلەن توشتاماقچىمۇ ؟ياق بولمايدۇ ،دەپ ئۇنمايتى ،ئالدىنقى يولدۇشۇمغابۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى ئەكىتەي دېسەم ئۇ

-ياق ،ئاپارغۇچى بولما ،سىرتتىن تاپقان ھاراملىقشۇمنى باقمايمەن دەپ ئۇنمىدى ،شۇنداق قىلىپ ئوڭ تەرپكە قارىسام ئۈچ بالا ،سولتەرەپكە قارىسام بىر بالا .قانداق قىلاي ؟ئەڭ ئاخىرى يازنىڭ بىر ئەتگىنى يولدۇشۇمئىشقا كەتكەندە يېڭى تۇغۇلغان قىزىمنى چىڭ باغرىمغا باستىم،ئېمىتىپ ئۇخلاتتىم ،دەئاللاھقا تاپشۇرۇپ ئۈچ بالامنىڭ يېنىغا كەتتىم.بالىلىرىم مېنى كۆرۈپ شۇنداق خۇشبولدى ،ئەمما مەن يەنىلا ئەمدىلا تۇغۇلغان قىزىمدىن ئەنسىرەپلا تۇردۇم .كېيىنشەھەرگە كىرىپ سۈرۈشتە قىلسام باشقىلارنىڭ بېقىۋاتقانلىقنى بىلدىم .مىنىڭ قايتىپكېلىپ بالىلىرىم بىلەن جەم بۇلۇشۇم ئۇزۇنغا بارمىدى ،يولدىشىم يەنىلا ئۈگەنگەنخۇينى تاشلىمىدى ،تېخىمۇ  ئەدەپ كەتتى ،ھەدىسىلا ئۆتكەن ئىشلارنى تىلغا ئىلىپ تىللاپ ئۇراتتى،مەن باشتا قىز تەگكەن ئېرىم،بالىلارنىڭ دادىسى دەپ چىشىمنى چىشلەپ ئۆتتۈم ،كېيىن باشقا ئاياللارنى باشلاپكېلىپ كۆز ئالدىمدىلا ئەيش –ئىشرەت قىلىشى غۇرۇرۇمغا تەگدى . ئەڭ ئاخىرى سەۋىرقاچام تاشتى ،يۈرىكىم زېدە بولدى ،شۇنىڭ بىلەن بالىلارغىمۇ قايتىپ كىلمەن دەپ ۋەدەبەرمەيلا تۈن نىسپىدە ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم .مەن كۆمۇر كانغا چىقىپ ئېغىر ئەمگەكقىلىپ ئىشلىدىم ،بالىلىرىمغا تاپقىنىمنى مەكتەپلىرىگە ئىزدەپ بېرىپ يەتكۈزۈپ تۇردۇم.كىيىن بىلسەم ھەر ئىككى يولدىشىم قايتا ئۆلىنىپتۇ ،شۇنداق قىلىپ مەن يېگانە ياشاپكەلدىم .بالىلارمۇ مېنى خاتا چۈشۈنۈپ ئىزدىمىدى ،مەنمۇ ئۇلارنى يىراقتىن كۆرۈپتۇردۇم ،كېيىن بىرىنچى يولدىشىم تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن بالىلار مېنى ئىزدىدى .مەنمۇئالدىغا چىرايلىق چىقتىم .ھازىر مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىز ئۇلار مەن ئاغىرسامدوختۇرخانىغا كەلگەن بىلەن ئۆيۈمگە ھېيتتىن باشقا كۈنى دەسىمەيدۇ ،ئەگەر مەنيالغۇز يېتىپ ئۆلۈپ قالساممۇ بالىرىمغا بىرەسى خەۋەر قىلمىغۇچە بىلمەيدۇ ،شۇڭائازراقلا مىجەزىم يوق بولۇپ قالسا بالىلارنىڭ ئۆيگە بېرىپ تۇرۋالىمەن ،كېلىنلەرنىڭقاپىغى تۈرۈلگەندە يېنىپ كېلىمەن دېدى غەمكىن ھالدا .

-ئۇنداقتا ئىككىنچى يولدىشىڭىزدىن بولغان قىزنىئىزدىسىڭىز بولمامدۇ دېدىم قەستەن گەپ ېئلىش ئۈچۈن

-قايسى يۈزۈم بىلەن ئىزدەيمەن ،مەن ئانا تۇرۇپتۇغۇشنى بىلىپ باقمىغان ئانا تۇرسام ،ئۇ قىز مېنى ھەرگىزمۇ كەچۈرمەيدۇ،دادىسىمۇماڭا ئۆچ ،چۈنكى ئۇ «ئۈچ تالاق » دېگەن خۇراپى ئاتالغۇنىڭ قۇربانى بولغان ئادەم.مەن ئۇ كىشىگىمۇ يۈز كېلەلمەيمەن .شۇڭا قىزمنى كۆڭلۈمدە يات ئېتىمەن ئەمما ئىزدەپبارالمايمەن ،قانداق چوڭ بولدى بىلمەيمەن ،بۇرۇن ئۆگەي ئانىسىنىڭ خاپىلىقنى بەكتارتتى دەپ ئاڭلىغان ئىدىم ،كىيىن بىلسەم ياخشى يەرگە ياتلىق بوپتۇ خۇش بولدۇم،ئۇنى ئىزدۈگىدەك يۈزۈم يوق دېدى ،بىلەمسەن رەنا ئۇ خارلىغان بوۋاق مەنئەمەسمۇ؟قورساقتىكى چاغدىلا جىنىمنى ئالماقچى بولغان قاتىل مۇشۇ ئالدىمدىكى بىچارەيىگانە ئايال ئەمەسمۇ؟قانداق قىلاي ؟ئاھ !تەڭرىم ماڭا مەدەت بەرگىن ،ماڭا كۈچقۇۋۋەت بەرگىن ،مەن ئىچىمدە ئاللاھقا نىدا قىلاتتىم .قانداق قىلاي ؟بۇ تەقدىرگەنىمە دەي ؟شۇنداق قىلىپ ئانامغا نۇرغۇن تەسسەللىنى بېرىپ كۆڭلىنى ياسىدىم .خۇشالقىلدىغان قىزىقارلىق يۇمۇرلارنى سۆزلەپ بېرىپ كۈلدۈردۈم ،تاماقنى تەڭ يېدىم،كېچىلىرى يۈز كۆزلىرنى ئېيتىپ چاچلىرنى تارىدىم ،ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بۇلدۇ دەپمەدەت بەردىم .قادىرغا يېنىش -يېنىشلاپ :

-ئانامغا مېنى دېمە دەپ ۋەدە ئالدىم.مەن ئۇخلىغانبۇلۇپ كېسەل كارىۋىتىدا ياتقىنىمدا ئانام ئېغىر قەدەملىرى بىلەن دېرىزە تۈۋىگەكېلىپ سىرتقا قاراپ ئۈنسىز ياش تۆككەتتى ،بۇ ۋاقىتتا ئىچىم ئاچچىق بۇلاتتى .مەن ئۇئانىغا قاراپ تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق ئىزلىرىغا سەۋر بىلەن جاۋاب يېزىپ ماڭدىم ،چۈنكىئانامنىڭ ماڭا قالدۇرغان ئاچچىق  كەچمىشلىرىمىنى يەنە بىر قېتىم تاۋلىغان ئىدى .بىز مۇڭداشقان كۈنى موماي بىر كېچە ئۇخلىمىدى،بىز ئەتىسى تەڭ ئۆت ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرماقچى بولدۇق ،مىنىڭ ئاىئلەمدىن يولدىشىم،ئوغلۇم ،قېيىن ئانام ،ھەدەم ،سىڭلىم كەلدى ،موماي باللىرغا توختىماي تېلفۇنئۇراتتى ،تېلېفون ئېلىنمىدى ،بىر چاغدا قادىر يېتىپ كەلدى ،ئۇنىڭ دىيىشچە ئاكا،ئاچىلىرى ئالدىراش ىئمىش ،موماي ئۇلارنى توغرا چۈشەندى ،چۈنكى بالىلار ئانىغامۇھتاج بولغاندا ئۇ بالىلارنىڭ يىندا يوق ئەمەسمىدى ؟شۇڭا ئۇ نۇرسىز كۆزلىرى بىلەنماڭا قاراپ قۇيۇپ قادىرغا :

-بۇ قىز بەك ياخشىكەن ،ئوچۇق يورۇق ،چىقىشقان قىزكەنمەن بىلەن بەك كۆپ مۇڭداشتى دەپتۇ.قادىر ئىچىدە ئۇ سىنىڭ تاشلىۋەتكەن قىزىڭ شۇ دەپنىدا قىپتۇ ،ئەمما سىرتتا كۈلۈپ قۇيۇپتۇ.شۇنداق قىلىپ بىز ئوپراتسىدىن ئوڭۇشلۇقچىقتۇق ،بۇ قېتىمدىكى ئوپېراتسىيە ماڭا ھاياتنىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكنى بىلدۈردى،مەن شۇ كۈندىن باشلاپ ھايات يولۇمدىن ۋايسىمايدىغان ،ھەتتا بىر تىنىقىمدىنمۇتەڭىردىن مىننەتدار بۇلدىغان بولدۇم ،مەن ھۇشۇمغا كېلىپلا ئانامنى ئىزدىدىم ،قادىرئاكام ئانامنىڭ يىندا تۇراتتى ،ئۇ مىنىڭ نېمە ئىزدەۋاتقىنىمنى چۈشۈنۈپ باشبارمىقنى كۆرسەتتى ،شۇندىنلا ئانامنىڭمۇ ئوپراتسىيىسىنىڭمۇ مۇۋاپىقىيەتلىكبولغانلىقنى بىلدىم .ئانامنىڭ كارىۋىتىنىڭ بېشىدا شەھىرىمىزدىكى كاتتا باي دەپ نامئالغان قاۋۇل باي بىلەن شەھەرلىك1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى دىلبەر تۇراتتى،قادىر ئاكامنىڭ دىيىشچە ئۇلار پەقەتلا ئەل –جامائەتتىن نومۇس قىلىپلا ئانىسىغاقارايدىكەن .

-توۋا دېدىم ئىچىمدە ،ئەرلەر باشقا ئاياللاردىنپەرزەنتلىك بولسا ھەممىسى توغرا چۈشۈنۈپ ئېتىراپ قىلىدۇ ،ئەمما ئاياللار باشقىلاربىلەن توي قىلىپ بالىلىق بولسا ھېچكىمنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ ،تۆت بالا

(يەنى ئانا بىر قېرىندىشىم ۋە ئانام بىر ياتاقتاتۇراتتۇق) ،ئۇ چاغدا مەندە ھېچقانداق ھاياجانلىنىش تۇيغۇسى بولمىدى ،ئەكىسچەئۆزەمنىڭ بۇ دۇنياغا تولىمۇ ئەھمىيەتسىز كېلىپ قالغاندەك ئۆكۈندۈم ،ئىچىمنى ئاچچىقيېغا خۇددى ئوچۇق ئاسماننى تۇيۇقسىز قارا بۇلۇت قاپلىغاندەك يىغا بوغۇزۇمغاكەپلەندى ،مەن ئاخىرى پارتلاپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم ،ياتاقتىكىلەر نىمەبولغانلىقنى بىلەلمەي يولدىشىم دوختۇر چاقىرىپ كىرىپتۇ دوختۇر ئۇ يەر بۇ يەرنىكۈزۈتۈپ بېقىپ :

-نەرىڭ ئاغرىۋاتىدۇ؟بەك بىئارام بۇلۋاتامسەن ؟دەپ قەلبىمدىكىئازاپنى چۈشەنمەي ماڭا ئاغرىق پەسەيتىش ئوكۇلىنى سىلكىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى .مەنكۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ تازا پۇخادىن چىققۇچە يىغلىغاندىن كېيىن يەڭگىللەپ قالدىم.شۇنداق قىلىپ بىز بەلنىستە 10 كۈن ياتقاندىن كېيىن ئايرىلدۇق ،كېيىن يوللارداكۆرسەك ئانام بىلەن تونۇش بىلىشتەكلا سالاملىشىپ كەلدۇق ،ئەتگەن تاڭ سەھەردە قادىرئاكام تېلېفون قىپتۇ :

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئابىدە ياخشىمۇسەن؟

-ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ،ياخشى ئۆزۈڭچۇ؟ ياخشىمۇ؟

-مەن ياخشى ، ئانام ھازىر جار ئۈزدى ،ئاخشام مەنئانامنىڭ تۇتۇپ قېلىشى بىلەن يېنىدا قونۇپ قالغان ئىدىم ،ئەتگەن تۇرسام قولىدا بىرقانچە سۈرەتنى چىڭ سىقىمداپ جان ئۈزۈپتۇ ،سۈرەتكە قارىسام سۈرەتكىسى سەن ئىكەنسەن،ئانىمىز ئېغىزدا دېمىگەن بىلەن قەلبىدە سىنى يات ئېتىپ تۇرۇپتۇ دېدى .مەن نىمەدىيشىمنى بىلەلمەي قالدىم ،تېلېفوننى قۇيۋىتىپ ،ھاجەتخانىغا كىرىپ تازا يېغلىدىم،كېيىن يولدىشىمنى ،بالامنى بۈگۈن مىجەزىم يوق تۇرىدۇ دەپ چوڭ ئۆيگە يولغا سېلىپتازا ئاۋازىمنى قۇيۋىتىپ يىغلاپتىمەن ،شۇ چاغدا سەن كەلدىڭ .بۇ ئىشلارنى ساڭا دەپئىچىم بوشاپ قالدى دېدى ئابىدە سۆزلىرىنى تۈگۈتۇپ .

-ھېچقىسى يوق،ماڭا دېمەي كىمگە دەيتتىڭ سىرلىرىڭنى،بىزلا ساڭا دەرد تۆكمەيلى ،سەنمۇ ئىچىڭدىكىنى دە يەڭگىللەپ قالىسەن دېدىم. مەننىمە دەپ تەسسەللى بېرىشنى بىلمەي ،شۇنداق قىلىپ بىز پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ كۈننىڭقانداق كەچ بولغانلىقنى بىلمەي قاپتۇق ،ئابىدەنىڭ يولدىشى ۋە بالىسى كېلىشى بىلەنمەنمۇ ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن ئابىدەگە ئالغان تۇغۇلغان كۈن سوغامنى بېرىپ ئۇنىقۇچاقلاپ ،مەڭزىگە سۆيۈپ قايتىشقا تەمشەلدىم ئابىدە سوغامنى ئېلىپ خۇش بولدى ۋەمىنى توختاپ تۇر دەپ ئىچكىرىكى ئۆيدىن بىر خاتىرنى ماڭا سۇندى ۋە

-ئۆيگە قايتقاندا ئوقۇ ،مېنى چۈشۈنۈپ قالىسەن دېدى .

-بولىدۇ ،ئۇقتۇم ،ئەمدى ئۆزۈڭنى بېسۋىلىپئائىلەڭدىكىلەر بىلەن بەخت كۈلكىسىنى كۈلۈپ بەخت پەيزىنى سۈر دېدىم .ئۇ مىنىكۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزۇتۇپ قويدى .مەن ئۆيگە قايتىش يۇلۇمدا ئابىدەنىڭ بىچارە .ئەمماقەيسەر ھالىتىننى ئەسلىدىم ۋە ئۇنىڭدىن سۈيۈندۈم ،چۈنكى ئۇ ھايات يولىدا قىلچەۋايسىماي ماڭغان ئىدى .مەن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ بالىلىرىمنىڭ كەچلىك چىينى بېرىۋېتىپ(تەلىيىمگە يولدىشىم بۈگۈن كەچلىك ئىسمىندا ئىشلەيتى شۇڭا ماڭا دەخلى قىلدىغانئادەممۇ يوق )مەن بالىلىرىم ئۇخلىغاندىن كېيىن ئۈستەل ئالدىغا كېلىپ ئابىدەنىڭخاتىرسىنى قولۇمغا ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدىم .خاتىرە قارا تاشلىق بەت سانلىرمۇ كۆپبۇلۇپ بىرىنچى بەتكە ئابىدە ئۆزىنىڭ يالغۇز چۈشكەن سۈرىتىنى چاپلىغان بۇلۇپئاستىغا تۇغۇلغان يىل ،ئاي ،كۈنلىرىنى يېزىپ قويغان ئىدى .

3.قەلب سىرى

مەن ئەقلىمنى بىلگەندىن باشلاپ خاپىلىق تارتىپكەلدىم ،كۆپ ھاللاردا كىملەرگىدۇ تەلمۈرەتتىم ،بالىلىق دەۋرىممۇ تىل –دەشنەم ئىچىدەئۆتتى ،مەن بالىلىق قىلىپ بىرەر ئىشنى خاتا قىلسام ئۆگەي ئانامنىڭ :

-ھۇ جالاپنىڭ بالىسى ،دېگەندەك ھاقارەتلەرگەئۇچۇرايتىم ،باشتا دادام :

-ھەممىسى بىزنىڭ بالىمىز ،بۇ يەردە خەقنىڭ بالىسىيوق ،دەپ ئۆگەي ئانامنى تىللايتى ،كېيىنچە سىڭلىم ۋە ئىنىم تۇغۇلغاندىن كېيىندادام خۇشاللىقىدا ئۆگەي ئانام مېنى تىللاپ ،دۇشكەلىسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ يۈرۈيدىغانبولدى ،بۇ چاغلاردا مەن مېنى تۇغقان ئانامنى ئەسلەيتىم ، سېغىناتتىم ،باغرىغائۆزەمنى ئېتىپ قانغۇچە يېغلىۋالغۇم كېلەتتى ،ئەمما مەن ئانامنى بىلمەيتتىم ،پەقەتئۆگەي ئانامنىڭ تىلىشتىنلا مىنىڭ ئانامنىڭ باشقا كىشى ئىكەنلىكنى بىلدىم ،باشقابالىلار بالىلىق دەۋردە نېمىنى ئارزۇ قىلسا يىغلاپ ،قەغىش قىلىپ ئىگە بولسا مەنباللىق دەۋرىمدە باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ ئاۋازىمنىمۇ چىقىرىپيېغلىيالماي ،كىچىكلا دەتمەن بولۇپ چوڭ بولدۇم ،مەن ئائىلە ئىشىغا كېرەك كەلگەندەئۆگەي ئانام ئۆزىننىڭ قىزىننى زىڭ بولۇپ قالىدۇ دەپ مېنى چىنىقىدۇ دەپ ئائىلىنىڭئېغىر يېنىك ئىشلىرىنى قىلدۇراتتى ،مەن ئۇرۇلۇپ ،سوقۇلۇپ چوڭ بولدۇم ،مىنىڭ بىردىنبىر نىشانىم مۇشۇ تۈرمىدەك ئۆيدىن  قۇتۇلۇشئىدى ،مەن كۈندۈزلىرى ئائىلە ئىشلىرىنى قىلسام كېچىلىرى تىرىشىپ ئۆگەندىم ،مىنىڭئالى مەكتەپكە ئۆتۈپ ئائىلىنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم .،ئەپسۇس،تولىمۇ ئەپسۇس مەن ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمىدىم ،بۇنىڭدىن ئۆگەي ئانام ناھايىتى خۇشبولدى ،مەن يىغلىدىم ،ئانام بولسىدى ،باغرىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ قانغۇچە يېغلىۋالسامدەپ ئارزۇ قىلدىم ،تەقدىرنىڭ بۇ چاقچىقى ماڭا بەكمۇ ئېغىر كەلدى ،مەن ئۆلۋالماقچىبۇلۇپ كىيىم تىكىدىغان يىڭنىنى يۈتۈۋالدىم ،رىزقىم باركەن يىڭنە چوڭ تەرەت يولىدىنچىقىپ كەتتى .مەن يەنىلا تىل –دەشنەم ئىچىدە ياشىدىم ،كېيىن تىككۈچىلىكتە ئىشلىدىم(قادىر بىلەن بولغان ئىشلار ئوقۇرمەنلەرگە ئايان)،كېيىن قادىردىن ئايرىلغاندىن كېيىندادامنىڭ يەم –خەشەك ئىدارىسىدا ئىشلىدىم ،زىمىستان قىش ،قارلار لەپىلدەپ ياغاتتى،مەن كەڭ دالىدا ئوغۇللار يەم قاچىلىغان تاغارنىڭ ئاغزىننى تىككەتتىم ،قوللۇرۇممۇزلاپ بەزىدە قولاشماي قالاتتى ،تاغارنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ كەتسە يەم باسقانلارتىككەنلەرنى تىللاپ كىتتەتتى ،بۇ ۋاقىتتا بەزى قىزلار ئانىلىرىغا يېغلاپئىشلىمەيمەن دەپ ئۇ يەردىن باشقا ئورۇنغا يۆتكەلدى ،بەزىلەر كېتىپ قالدى.مەنمۇ  ئۆيگە بېرىپ دادامغا :

-دادا ،مەن بەك توڭلاپ كەتتىم ئىشلىمەيچۇ؟ياكى باشقايەردە ئىشلەيچۇ؟دېدىم .بۇ سۆزۈمنى ئاڭلىغان ئۆگەي ئانام :

-ئىشلىمەي نېمىش قىلتىڭ ؟ئەرگە تىگەي دېگەنمۇ؟ ئالىمەكتەپكە ئۆتەلمىگەندىن كېيىن شۇنداق يەردە ئىشلىمەي ،ئىشخاندا ئىشلەمتىڭ ؟يۇيە ماكىرلەرنى ،ساڭا تەييار تاماق يوق .دەپلا بىر مۇنچە كىيىملەرنى ئالدىمغا تاشلىدى،داداممۇ  ئانامغا قوشۇلۇپ :

-ئىشلە ئىشلىمەي نېمىش قىلىسەن ؟ئۆيدە بىكار يۈرسەڭبولمايدۇ ؟دەپ قۇيۇپ مەسچىتكە كەتتى ،سوغۇقتا يەمنىڭ ئاغزىنى تىكىمەن دەپ چىغ تاغارقوللۇرۇمنىڭ تىرناق ئاستى تېرىسى سۇيۇلۇپ قاناپ كەتكەن ئىدى ،شۇنداقتىمۇ ئۇكىرلەرنى يۇيمىسام بولمايتتى چۈنكى ئۇ دادامنىڭ ،ھەدەمنىڭ ،سىڭلىمنىڭ،ئىنىمنىڭ ،ئاپامنىڭكىيىملىرى ئىدى .يۇمايمەن دېسەم دىل –دەشنەم ئاڭلايتىم ،بەزىدە چاچلىرىم يۇلناتتى،يۈزلىرىم مۇرتىلىپ تىرناق يارىسى بولۇپ قالاتتى.مەن بارلىق ئازابلارنى ئىچىمدەبىلىپ بۇيرۇغان ئىشلارنى چىشىمنى چىشلەپ قىلاتتىم ،كەچلىرى ئاۋازىمنى چىقارمايمىنى قانداق باغرى قاتتىق ئانا تۇققاندۇ دەپ ئانامنى سېغىنىش ئىچىدە قىيداپمۇقۇياتتىم .مەن شۇنداق قىلىپ 20 ياشقا كىرگەندە بىزنىڭ سېخقا ئەلى ئىسىملىك بىريىگىت كەلدى ،ئۇ تولىمۇ كېلىشكەن بولۇپ چىرايىدىن ۋىجدانلىق ،غۇرۇرلۇق،ئىستىداتلىقى چىقىپ تۇراتتى .بىر ياخشى يېرى ئۇنىڭ دادىسى ئۆگەي ئانىسى ئۆز ئىدى،مىنىڭ دادام ئۆز ئانام ئۆگەي ئىدى ،بىزنى تەقدىر ئۇچراشتۇرغان ئىدى ،ئۇ كېلىپئىككى ئايدىن كېيىن سېختىكى پېشقەدەم ئىشچى :

-سىلەرنىڭ كەچمىشىڭلار ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاپ قالىدۇ،شۇڭا يۈرۈپ  كېلىشىپ قالساڭلار تويقىلساڭلارمۇ بۇلدۇ ،بىر-بىرىڭلارغا ياخشى ھەمراھلاردىن بۇلالايسىلەر دېدى ،شۇكۈندىن باشلاپ بىز باشقىلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يۈرۈپ قالدۇق ،مەن ئاچچىق كەشمىشلەرتولغان ئاىئلىدىن توي قىلىپ يۈزۈم يورۇق چىقىپ كېتىشنى ئارزۇ قىلدىم ،مىنىڭ بىريىگىت بىلەن يۈرۋاتقىنىمنى بىلگەن ئۆگەي ئانام باشتا بەك خۇش بولدى ،مېنى ھەدىسىلا دادامغا دەپ دېمەي يىگىت بىلەن كۆرۈشۈمگە شارائىت يارتىپ بەردى ،كېيىنيىگىت مېنى ئالدىغان چاغدا ئانام نەچچە قېتىم توينى بۇزىمەن دەپ ئۇرۇنسىمۇ مەغلۇپبولدى ،مەن ئاخىرى توي قىلىپ قۇلۇقتىن قۇتۇلدۇم ،ئەمما يەنىلا ئازار يىيىشتىنقۇتۇلمىدىم لېكىن بۇرۇنقىدىن خىللا يەڭگىللەپ قالغان ئىدىم .

4.نەپرەت ۋە مىننەتدارلىق

مەن توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆز ئانامنىڭ تېلفۇننۇمۇرنى تاپتىم ،شۇ چاغدا قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقمنى ياراتقان ئىگەم ۋەمىنىڭدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى ،مەن تېلېفون نومۇرنى باسماقچى بولۇپ قانچە قېتىميىغلىغىنىمنى بىلمەيمەن ،كۆزلىرىمدىكى ياشلارنى باشقۇرالماي قالدىم ،يالغۇز ئۆيدەھۆڭرەپ يېغلىغاندىن كېيىن نەچچە يىل تەشنا بولغان ،سېغىنغان ،توختىماي نىدا قىلغانئانامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش ئۈچۈن تېلېفوننى قولۇمغا ئېلىپ نومۇرنى باستىم :

-ۋەي،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ياخشىمۇ سىز ؟سىز سانىخانئانىما؟قارشى تەرەپتىن تولىمۇ تېتىك ،يېقىملىق بىر ئاۋازدا:

-ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ،ياخشى ،مەن شۇ. سىز كىم ؟مەنكۆزلىرىمدىكى ياشلارنى زورغا بېسىپ تىترىگەن ئاۋازدا:

-مەن ئابىدە ،مەمەتئاخۇننىڭ قىزى ،يەنى سىلنىڭ قىزلىرىئابىدە ،ئانا قانداق ئەھۋاللىرى ؟قارشى تەرەپتىن بىر پەستىن كېيىن زۇۋان كەلدى:

-سىز خاتا ئۇرۋاپسىز مەن سىز ئىزدىگەن ئادەم ئەمەس،تېىلفۇن تېرۇپكىسى شۇنداق قاتتىق قۇيۇلدى .بۇ چاغدا يۈركۈم لەختە -لەختە بولدى.مەن شۇنداق خورلۇق ھېس قىلدىم ،تېلېفون ئۇرغۇنۇمدىن نەپرەتلەندىم .ئاھ! رەھىمسىزئانا ،تېلېفوندا بولسىمۇ ئەھۋال سوراپ قويسا مەن يېپىشۋالامدىم ؟مەن يەنىلائازاپلىرىمنى كۆز ياشلىرىم ئارقىلىق يېنىكلەتتىم ،ئەتىسى ئىدىيەمدىن ئۆ تمەيئانامغا يەنە تېلېفون ئۇرسام تېلفۇنننىڭ ئارقىسىنى چىقىرىۋېتىپتۇ ،بىر ھەپتە شۇنداقبولغاندىن كېيىن يەنە ئۇرسام نومۇرنى ئالماشتۇرۇۋېتىپتۇ،ئاھ! مەن تەشنالىق بىلەنكۈتكەن ئانا شۇ بولدىمۇ؟مەن شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆز ئانامدىن نەپرەتلەندىم ۋە بۇدۇنيادا ئىككىنچى ئىزدىمەيمەن دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم .باش ئەتىياز پەسلى،قار ،مۇزلار ئېرىپ ،قۇشلار ئۆزى بىلگەن ناخشىلىرىنى ئېيتىپ ،ئېرىقتىكى سۇلارساماغا چۈشكەن ئۇسۇلچلاردەك قارشىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئۇرۇلۇپ شىلدىرلاپئاقماقتا.قىشىنچە ساق سالامەت چىققان بوۋاي ،مومايلار ئاپتاپقا سېلىنىپ قاشاتۈۋىدە ئولتۇرۇپ قىشتا قانداق ئاغىرغانلىقنى ،قانداق دورىلارنى ئىچكەنلىكنىدىيىشىپ سالامەتلىك پاراڭلىرىنى قىلماقتا ،ياش قىز –يىگىتلەر قىزغىن مۇھابەتلىشىپقايسى بايرامدا توي قىلىش توغرىسىدا مۇنازىرىلەشمەكتە.مەنمۇ قوسقۇمدىكىمىدىرلاۋاتقان يېڭى جاننىڭ ئامان ئېسەنلىكىنى تىلەپ ئاۋايلاپ يەڭگىل ھەرىكەت قىلىپئۆي تازلاۋاتتاتىم توسساتتىن يولدىشىم ئۆڭسۈلى يوق سىرتتىن كىرىپ كەلدى دە:

-ئابىدە ئىنىڭ  ئاغرىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قاپتۇ ،ئىككى بۆرەك زەيىپلىشىپتۇ دېدى ،ئاھ ! خۇدا بۇ نېمە ئىش ئەمدى ،ئۇ بىر بىگۇناھ بالىتىغۇ؟ناھايىتى ئاق كۆڭۈل ئىدى ،دادام ھەتتا بىر ئوغۇل دەپ ئېغىر ئىشقىمۇ سالمايتى،ھەممىدىن قىزىقى مەن قىش –قىرۇدا دالىدا ئىشلەپ بۆرىكىم ساق قېلىپ ئەتىۋارلىنىپ چوڭ قىلغان بىگۇناھ بالىنىڭ ئىككى بۆرىكىننىڭ بىراقلا زەيىپلىشى ئادەمنى ھەيرانقالدۇراتتى ،بىز ئائىلىدىكىلەر چىقىش قىلىپ ئىنىمنى قان تازلاتقۇزدۇق ،كېيىنھۈكىمەت ئورگانلىرى،مىچىتتىكى جامائەتلەر ،دىيارىمىزدىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەر پۇل يىغىش قىلىپ بەردى ،دادام ساقىلىنى سۆرەپ تەرەپ –تەرەپكە قاتراپ  ئۈمچەرەپ ،بېشىننى ئىگىپ پۇل سورايتى ،بىزمۇياندىكىننى چىقاردۇق، شۇنداق قىلىپ ئىنىم تۆت ئاي قان تازلىتىپ  بىزنى داغدا قۇيۇپ ئالەمدىن ئۆتتى.بىر كۈنىئۆگەي ئانام ماڭا :

-رەھمەت ساڭا ئابىدە ،ئىنىڭ ئاغىرغاندا ماڭا كۆپمەدەتلەرنى بەردىڭ ،ئەمما مەن ساڭا نۇرغۇن قېتىم يامانلىق قىلىشنى ئويلىغان ،سەنگەرچە مىنىڭ ئالدىمغا بەش ياشتا كەلگەن بولساڭمۇ مەن ساڭا ئۆچ ئىدىم ،سىنىڭتۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىڭنى ئۈمىد قىلاتتىم ،ئىنىڭنىڭ ئورنىدا سىنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىڭنىئارزۇ قىلاتتىم .مەن بەزىدە سىنى قەستەن تۇغقانلارنىڭ ئوغۇل بالىلىرى بىلەن بىرئۆيگە ئورۇن سېلىپ داداڭ ،ئۇكۇلۇرۇڭ بىلەن بىر ئۆيدە يېتىۋالاتتىم ،ئۇلارنىڭ سېنىبۇلغاپ قۇيۇشنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتىم ،شۇنداق بولغاندا سەن بەختسىز بولۇپ مەڭگۇئەرگە تىگەلمەي مىنىڭ خىزمىتىمنى قىلىپ ئۆتەتىڭ،سەن ئەلى بىلەن يۈرگەندىمۇ سىنىكۆرۈشكىلى قەستەن چىقارغان ئىدىم ،سىنىڭ بۇلغىنىپ مۇھەببەتتە مەغلۇپ بۇلۇشۇڭنىئۈمۈد قىلاتتىم ،شۇڭا سەن توي قىلغاندا داداڭ بىلەن بۇ توينى قىلمايمىز دەپ كۆپ تىركەشكەنبولساممۇ تەڭىر سەن تەرەپتە تۇرۇپ مەن مەغلۇپ بولدۇم ،ساڭا قانچىكى ئورىنى كۆپكولىغانسېرى ئۆزۈم مەغلۇپ بولدۇم ،سىنى دالىدا ئىشلىتىپ كاردىن چىقىرىمەن دىسەمئەتۋالاپ باققان ئوغلۇم كاردىن چىقتى،سىنى تۇرمۇشتىن مەغلۇپ بولسىكەن دىسەمئەتىۋالاپ ،ھېچقانداق ئۆي ئىشلىرىنى قىلدۇرماي مەلىكىدەك باققان قىزىم ئىككى كۈندەبىر ئېرىدىن دەشنەم يەپ يامانلاپ كېلىدۇ،بۇ نېمە ئىش؟خاپا بولساڭمۇ،نەپرەتلەنسەڭمۇ بۈگۈن دېمىسەم كۆڭلۈم ئارام تاپمايدۇ،دېدى .مەن سۈكۈتتە تۇرۇپئۇنىڭ سۆزىننى ئاڭلىدىم ۋە نەپرەتلەندىم بىراق چاندۇرمىدىم .قانداق قىلاي ئەمدىلائوغۇلدىن ئايرىلغان ئانىغا ئازار بەرگۈم كەلمىدى.

ياز پەسىلدە مەن ئاچچىق تولغاق يەپ بىر قىزپەرزەتلىك بولدۇم ،مەن ئېغىر ئاياغ بۇلۇش ،سېزىكلىك ۋە تۇغۇش جەريانىدا ئۆزئانامنى كەچۈرۋەتتىم ،قەلبىمدىكى نەپرەتنى چۆرۈپ تاشلىدىم .رىياللىقتىكى نۇرغۇنئوڭۇشسىزلىقلارنى يېڭىپ كۈمۈش توي دەۋرگە قەدەم قۇيۇش جەرياندا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارنى يېڭىپ كەلدىم ،بۇ جەريانلاردا مەن سەۋرچان بولدۇم ،چۈنكى مەنپەرزەنتلىرىمنى ئۆزۈم كۆرگەن كۈنلەرنى كۆرسەتمەيمەن دەپ تۇرمۇشتىكى ئوڭۇشسىزلىقنى تەبەسۇممۇم ئارقىلىق يەڭدىم ،بۇ جەرياندا ئۆگەي ئانامدىن مىننەتدار بولدۇم .ئەگەرئۆز ئانام مېنى تاشلىۋەتمىگەن بولسا مەن خۇشاللىنىڭ قەدىرنى بىلمىگەن بولاتتىم،ئەگەر ئۆگەي ئانام ماڭا زۇلۇم سالمىغان بولسا تۇرمۇشنى قەدىرلەشنى بىلمىگەن بۇلاتتىم ،مەن شۇلارنى ئويلاپ ئۇلارغا ياخشى جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق قىلغانئەتكىننى كەچۈردۈم .

5.خاتا قىلىنغان دۇئا

دۇئانىمۇ توغرا سۆزلەرنى ئىشلىتىپ قىلىش ھەممىدىن مۇھىمئىكەن .بىز دائىم كىچىكىمىزدىن كۆرۈپ كەلگەن «غەربكە ساياھەت »فىلىمىنىڭپەلسەپەلىكى بەكمۇ يۇقىرى ،بۇنى بىزمۇ تېخى يېقىندا «ئىستىقبال سەھنىسىنىڭ»پىخسىكا مەسلىھتچىسى ئەلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ ئىلغار تەپپەككۇرى ئارقىلىق ھىسقىلدۇق ،توۋا تاڭسىڭ نوم ئەكىلىمەن دېگەن ئىدى ،تەڭرى ئۇنىڭغاسۇنۋۇكۇڭ،جۇباجى،شىئاسىڭ ،ئاق ئات بەردى ،شۇنىڭغا ئوخشاش دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ،ئاسمان پەقەت بىرلا ئەمەسمۇ ؟

مەن كىچىكىمدە دادامدىن ئايرىلسام مېنى كىم باقىدۇ؟دەپ قاراپ  كېچىلىرى ئاسمانغا قاراپ :

-ئېھ! تەڭرىم، دادامنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغىن ،100ياشقا كىرسۇن دەپ دۇئا قىلاتتىم ۋە تەڭىردىن تىلەيتىم .مانا دادام تېخىچە ھايات ئەممامەن يەنىلا ئۆگەي ئانامنىڭ دادامنى دەستەك قىلىپ مېنى ھاقارەت قىلشىننى ئاڭلاپبەزىدە يىغلاپ،بەزىدە سۈكۈتتە تۇرۇپ ياشاپ كەلمەكتىمەن .

6.تۇغۇلغان كۈن

مەن ئىسىمنى بىلگەندىن باشلاپ تۇغۇلغان كۈنۈمدەيامغۇر ياغاتتى ،بۇ ياز يامغۇرى مىنىڭ دەرد ھەسرىتىمنى بىلگەندەكلا ماڭا جۈربۇلاتتى ،ھەر يىلى تۇغۇلغان كۈنۈمدە مىنىڭ يېغلىغۇم كېلەتتى،كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىمبۇلاتتى،ئەمما نېمە ئامال ،مەن ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىپ ياشاشقا باشلىغاندا ھەر يىلىتۇغۇلغان كۈنۈمدە يېغلىمايدىغان شۇ بىر يىللىق ھايات مۇساپەمدىن خۇلاسە چىقىرىپخاتىرە يازىدىغان بولدۇم .مىنىڭ بۇنداق ئۆزگىرشىمگە قېيىن ئانام  ياردەم قىلدى ،چۈنكى قېيىن ئانام ئۇقۇمۇشلۇقئايال بولۇپ ماڭا ئانىلىق مىھرىنى بەردى ،دائىم تۇغۇلغان كۈنۈمدە ماڭا ئاددىي ئەممائەھمىيەتلىك سوغا بېرەتتى ،شۇ كۈنى ئۆيىگە چاقىرىپ :

-قىزىم ،ئۆمرىڭ ئۇزۇن بولسۇن دەپ لەڭمەن ئىتىپبېرەتتى ،ۋە قىز-ئاياللار توغرىسىدا سۆزلەنگەن كىتاب سوغا قىلاتتى،مەن تويقىلغاندىن باشلاپ ھەر يىلى قېيىن ئانام ماڭا كىتاب سوغا قىلدى ۋە ئۇ كىتابنى كۆرۈپبۇلۇپ ماڭا سۆزلەپ بەر دەپ ۋەزىپە قىلاتتى ،شۇڭا مەن باشتا مەجبۇرى ئوقۇدۇم كىيىنچەكىتاپ ئوقۇش ماڭا ئادەتكە ئايلانغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىمدىن كىتاب ئوقۇيدىغان بولدۇمبۇنىڭ بىلەن مەن تەقدىرىمنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىم .شۇندىن كېيىن تۇغۇلغانكۈنلىرىمنى مەنىلىك ئۆتكۈزىدىغان بولدۇم .

7.يوشۇرۇن كۆز يېشى

مەن ئىككى پەرزەنتلىك بولدۇم ،بىر قىز بىر ئوغلۇمبولدى،بۇنىڭدىن مەن ۋە يولدىشىم ئائىلىسىدىكىلەر بەكمۇ خۇش بولدۇق ،مەن ئىككىپەرزەنت بۇلۇش جەرياندا تۇغۇت ئىچىدە يوشۇرۇن ياش تۆكەتتىم ،مەن ھەر قېتىمبوۋىقىمغا قارىغىنىمدا ئۆزۈمنىڭ بالىلىق دەۋرىم ىئسىمگە كېلەتتى ،بالام مىنىئىمىمەن دەپ تەلمۈرۈپ يىغلىغىندا مەنمۇ تەڭ يېغلايتىم چۈنكى مەنمۇ كىچىكىمدەشۇنداق تەلمۇرگەن ئەمەسمۇ؟ ئەمما مېنى ئېمىتىدىغان ،مەن تەشنا بولغان ئاق سۈت يوقبۇلۇپ پىشۇرۇلغان كالا سۈتى قوشۇق بىلەن ئاغزىمغا قۇيۇلغىندا قانداق بولغاندىمەنھە؟مەن پەرزەنتلىرىمگە قاراپ شۇلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ يوشۇرۇنچە كۆز ياش قىلاتتىم.مەن تۇغۇتۇمدا چوڭ ئوپېراتسىيە بولغىنىمدا يەنىلا ئۆز ئانامنىڭ :

-قىزىم ،نەرىڭ ئاغرىۋاتىدۇ؟(ئادەتتە قۇلىمىزنى پىچاقكىچىككىنە كېسىۋەتسە بەك ئاغرىپ كېتىدۇ،سەن نېمانچە غەيرەتلىك دەپ ماڭا مەدەتبېرىپ پېشانەمگە سۆيۈپ قۇيۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم،)ئەپسۇس،تولىمۇ ئەپسۇس مەنئۇنداق مۇھەببەتكە نائىل بولالمىدىم ،مەن تۇغۇت كارىۋىتىدا ئوپراتسىيىدىن چىقىپئىڭراپ ياتاتتىم ،كۆزلۈرۈمدىن ياشلار تۆكىلەتتى،مەن شۇ چاغدا مىھىرۋان ئانىغانەقەدەر موھتاج ئىدىم ھە بولمىدى دېگەندە ئانامغا:

-ئانا ،قوسقۇمنىڭ كەسكەن قىسمى بەك ئاغرىپ كەتتىدەۋالسام ،ئاغرىق ئازابى يېنىكلەپ قالىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم .ئەمما مەن ھىچكىمگەئاغرىق ئازابىمنى دىيەلمەيتىم ،توختىماي ئەتراپىمدىكى ئادەملەردىن يوشۇرۇن ياشتۆكەتتىم .كۆز ياشلىرىم تاكى پەرزەنتلىرىمنىڭ ئايىغى چىقىپ ،چۈچۈك تىللىرى بىلەن«ئاپا» دەپ چىققاندىلا توختايتى . تۇغۇتۇمدا ياخشى كۈتۈنۈشنى ئارزۇ قىلاتتىم ئەمماكۆزلىرىمدىن ياش ئەگىپ كىتەلمەيتى ،تۇرمۇشتا قەيسەر ،ئىرادىلىك ياشاشنى ئارزۇقىلاتتىم ئەمما يەنىلا يوشۇرۇن ياش تۆكەتتىم .

8. خىلۋەتتىكى مۇھەببەت

مەن ئۇنى تونۇغاندىن باشلاپ يېغلىمايدىغان بولدۇم،مەن ھەر دائىم ئۆز-ئۆزۈمگە :

-مەن نېمىشقا يېغلايمەن ؟مەن بۇ دۇنيادا كىمدىنيامانلايمەن ؟نېمە ئۈچۈن دەرد ئىچىدە ياشايمەن ؟مەن يالغۇز كەلدىم ،يالغۇز كىتىمەنشۇڭا مەن ئەڭ ئاۋۋال ئۆزۈمنى قەدىرلەي ،ئۆزۈمنى ئاسراي ،بىھۇدە ئىشلار ئۈچۈنقايغۇرماي ،بەلكىم ئۇ ئىشلار ھايات يولۇمدىكى بولۇشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇ،مەنئاچچىق كەچمىشلىرىمگە رەددىيە بېرىپ كۈلۈپ ياشاشقا باشلىدىم ،مەن ھاياتنىڭ تەمىنىتېتىغاندىن كېيىن بارلىق ئوڭۇشسىزلىقلارنى كەچۈردۈم ،ئانامنى ،ئۆگەي ئانامنى،دادامنى ۋە باشقا ماڭا ئازار بەرگۈچىلەرنى كەچۈردۈم ،رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلدىم ،رىياللىقايۈزلەندىم ،ئىچىمدىكى چىگىش مەسىلىلەرنى ،بەرلىق مەخپىيەتلىكنى ئۇنىڭغا دېدىم .مەنئۇنىڭ بىلەن خىلۋەت جايلاردا مۇڭدىشىمەن .بەزىدە ھۇجۇرامدا كۆڭلۈمدىكىنى پىچىرلاپئۇنىڭغا دەيمەن ،ئۇ مىنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ماڭا خاتىرجەملىك ۋە خۇشاللىقئاتا قىلدى ،شۇندىن ئېتىبارەن مىنىڭ قەلبىمدە مىننەتدارلىق تۇغۇسى پەيدا بولدى،شۇنداقلا كەيپىياتىمدا يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ ھاياتىمنى ئەھمىيەتلىكئۆتكۈزۈشنى ئويلىدىم دە ،يەلكەمدىكى بارلىق ئازاب ئۇقىبەتلەرنى چۆرۈپ تاشلىدىم،مەن دائىم ئۆز-ئۆزۈمگە پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيەلەش مىنىڭ ۋەزىپەم شۇنىڭ ئۈچۈنمەن ئۆزۈمنى ئاسرىشىم ،قەدىرلىشىم كېرەك ،شۇنداق قىلغاندا مەن كەلگۈسىدەباللىرىمغا يۈك بولمايمەن ،شۇندىنلا بالىلىرىممۇ تاپىنىم ئاستىدىكى جەننەتتىن ھۇزۇرئاللايدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتىم .شۇندىن ئېتىبارەن مەن ئۇنىڭ بىلەن خىلۋەتتەئۇچۇرشۇپ كۆڭلۈمدىكى پاراڭلارنى قىلىدىغان بولدۇم ،شۇ چاغلاردىلا ئۇ ئۈن-تىنسىزتۇرسىمۇ قەلبىمدە قانداقتۇر جاۋابلارغا ئىگە بولاتتىم.ئىچىممۇ بوشاپ قالاتتى.شۇكۈندىن باشلاپ مەن يەڭگىل قەدەم بىلەن ئەتىگە يول ئالاتتىم.\

خاتىمە.

مەن خاتىرنى ئوقۇپ بولۇپ دېرىزە تۈۋىگە كەلدىم،دېرىزىنى ئىچىپ كۆكتە كۆز قىسىشىپ تۇرغان سنسىز يۇلتۇزنى كۆردۈم .شۇنداق ھەر بىرئادەمنىڭ ھايات مۇساپىسى بىر كىتاب سىز ئۇ كىتابنى ئوقۇماي تۇرۇپ ئۇ كىشىگە توغراباھا بىرەلمەسىز ،ھايات دېگەن ئەنە شۇنداق بۇلدىكەن .ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىگەھايات مۇسابىسىگە نۇرغۇن سىرلار يوشۇرۇنغان بۇلدىكەن ،ئۇ سىرلارنى ئۆزى دەپبەرمىسە بىلمەيدىكەنسىز .

-ئاھ،مىنىڭ پەرىشتىدەك دوستۇم ئابىدە .سەن شۇنچىۋالائېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈپسەن ،يەنىلا قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ كەپسەن ،ساڭاياردەم قىلغان قانداق كۈچتۇ ھە !خىلۋەتتە خىيال قىلدىغىنىڭ  كىمدۇ؟مەن تۇنۇمدىم ؟ئۇ ساڭامەندىنمۇ يېقىنمۇ؟ مەن بۇ سۆزلەرنى دېرىزە تۈۋىدە تۇرۇپ ئابىدەنىڭ تىلفۇننىغائۈندىدار ئارقىلىق يوللىدىم .ئابىدەمۇ ئۇخلىمىغان ئىدى .ئۇ ماڭا

-ئۇنى سەنمۇ بىلسەن ئۇ ساڭىمۇ يېقىن ،ئۇ ھەممە ئادەمئىتراپ قىلىدىغان ئېرىق ،مىللەت ئايرىمىسى يوق ،بەزى  ئادەم جان تۇمشۇققا كەلگەندە ياد ئېتىدىغان،بەزىلەر بالدۇرلا ياد ئېتىدىغان ،بەزىلەر پېشانىسى بىلەن سەجىدە قىلىدىغان،بەزىلەر قەلبى بىلەن سەجىدە قىلىدىغان پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرى ھەر خىل تىلدا ياد ئېتىدىغان  دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ.مەن خەتنى ئوقۇپ بۇلۇپئوۇلۇنۇپ چۆچۈپ كەتتىم .توغرا ئۇ ......مەن ئابىدەگە چۈشەندىم ،ياخشى چۈش كۆر.سىنى ئۇ تېخىمۇ ئامان قىلسۇن ،ياق ھەممىمىزگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن دېدىم.
bagdax

2

تېما

23

دوست

2011

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81560
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 562
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-2

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-11-1 20:52:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى دوستۇم، تورداش زۇننىرە  مۇنبىرىمىزنىڭ ئ‍اكتىپ ئ‍ەزاسى، ھەم مۇنبىرىمىزنىڭ تۆھپىكار دائىملىق ئ‍ەزاسى،  يوللىغان تېمىسىمۇ ئ‍از ئ‍ەمەس ھەم توردازلارنىڭمۇ ياخشى باھاسىغا ئ‍ىرىشتى، شۇ سەۋەپلىك تورداش زۇننىرەنى ئ‍ىلھاملاندۈرۈش  رىغبەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن بىر مىدال سوۋغا قىلىنسا دېگەن ئ‍ۈمۈتتىمەن…

2

تېما

23

دوست

2011

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81560
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 562
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-2

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-11-1 21:25:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىدال سوۋغا قىلىنىپ بوپتۇ،تەكلىۋىمنى قوبۇل ئ‍ەتكىنىڭىزگە رەھمەت باشقۇرغۇچى دوستۇم…  ئ‍ەسەر بەك ئ‍ۇزۇن بولغاچ ھازىرغىچە ئ‍وقۇپ يېرىمىغا كەلدىم، بەزى خەتلەر بىر بىرىگە ئ‍ولىشىپ قالغاندىن باشقا چوڭ مەسىلە يوقكەن… تىلى راۋان ئ‍ىپادىلىنىشى ئ‍ىنىق ئ‍ەسەر بوپتۇ، ھەممىسىنى ئ‍وقۇپ بولۇپ ئ‍اندىن تەسىراتىمنى يازىمەن… رەھمەت سىزگە تورداش…

3

تېما

7

دوست

3074

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18294
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 917
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-13

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-11-2 01:17:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەقەلىك ياخشىكەن . غەرىپ شەرىقنىڭ يېڭى ئۇسلۇپلىرىنى كۈرۈپ بېقىڭ ، ئەسەرنىڭ مەزمۇنى بىرگەپ ئۇسلۇپ بىرگەپ . ياخشى يېزىپسىز . ئۇسلۇپتا دەسلىپىدىلا ئادەمنى قىززۇقتۇرۇش كىرەك . ھەسىنكام قاپ بەلدىن دىگەن بەكرەك ماس كىلىدۇ .
مىسالەن دەسلىوىدىلا بىر ئايالنىڭ سۈپىتى بايان قىلنىپتۇ ، بەلكىم بەزىلەر ئۇ ئايال زاتىغا قىززىقىپ قالا ، مىنىڭچە ئاق رومال تېڭىپ ئولتۇراتتى دىگەن يەنى بېشى قىلىپ سۇئال تاشلاپ قۇيۇپ چىگىشنى دەپ قۇيۇپ سۆرەپ ..ئاندىن بايان قىلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىقاتتى .  تەكلىۋىم خالاس . ياخشى چىقىپتۇ .
دادامنى 100يىل ياشىسىكەن دەيتىم . ياشىدى ، ئەمما ئۈگەي ئانامدىن دەشنام يەپ تۇرىمەن
bagdax

3

تېما

46

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 3277
توردىكى ۋاقتى: 368
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-26

پەخىرلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2016-11-2 14:26:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەنكى ھىكايىگە قارىغاندا خېلى ياخشى چىقىتتۇ. لىكىن بەك ئالدىراپ يىزىپسىز. ۋەقەلىك بەك جىق. ھىلىقى ئۆز ئاكىسى بىلەن  مۇھەببەتلىشىپ قالغىنى بەك ئارتۇقچە بولۇپ قاپتۇ. جاھان بەك كەڭ ھەم بەزىدە بەك تار. شۇنچە ئىقتىدارلىق، پەزىلەتلىك بىر قىزغا ئاكىسىدىن باشقا ياش يىگىتلەرنىڭ يۈرىكى كۆيمەسمۇ؟ ياخشى نەرسىلەرنىڭ خىرىدارى جىق چىقىدۇ. ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇلۇقلىنىپ كىلىۋاتقان« كۈل قىز» بۇنىڭ بىردىن بىر مىسالى.
ئاندىن ئۆز ئانىسى ئۆلگەن كۈنى ئۆيدە تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ ئولتۇرغىنى تازا ماس كەلمەپتۇ. بىز ھەرقانچە تەرەققى قىلىپ كەتكەن بولساڭمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانغۇ ئاخىر. ئۆلۈم يىتىم، توي تۆكۈن ئادەتلىرىمىز ئۆزىمىز بىلەن بىرللە داۋاملىشىپ كەلدى.يەنە بىر نۇقتىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا،سىيۇجت تەرەقىياتىغا ئۇيغۇن كەلمەپتۇ.
تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن ھىكايىلىرىنى ئوقىغانمەن.خەلقارادىمۇ ئىتىراپ قىلىنىپ كىلىۋاتقان بىر خىل يىزىش ئۇۇلى بار. ئۆلۈك بىلەن زىدىيەتلەشمەيدۇ.

3

تېما

46

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 3277
توردىكى ۋاقتى: 368
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-26

پەخىرلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2016-11-2 14:32:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلدى بولدى كەتتى. ئادەم تىرىك چاغدا ئىتىشىش كىرەك. ئۆلدى ھەممە تۈگىدى. ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ئاللادىن تىلەش كىرەك. بىر تىرىك بىر ئۆلۈك بىلەن تەڭ بولدى دىسەك ئۇنىڭ ئادىمىلىكى نەگە كەتتى؟
تۈركىيەنىڭ ئۆپكە كىسەللىرى ساناتورىيەسىنىڭ ئىچىدىكى ئىشلارنى تەسۋىرلەيدىغان بىر پوۋىسىت بار. شۇنىڭدا ئاخىرقى بىرنەچە كۈنلىرى قالغان ىئككى ئەر توختىماي بىر -بىرى بىلەن رىقابەتلىشىدۇ. دىيىشىدۇ، ئىتىشىدۇ. گىزىتلەرنى تالىشىپ ئوقۇيدۇ، نىمە تاماق يىسە تالىشىپ يەيدۇ. لىكىن بىر كۈنى بىرسى تۇيۇقسز قازا قىلىدۇ. ھەممە نەرسە يەنە بىرسىگە وڭچە قالىدۇ، لىكىن قىززىق يىرى ئۇ ئادەممۇ شۇ كۈندىن باشلاپ ياتىقىدىن چىقماي، ھىچنىمە يىمەي، گەپ- سۆزمۇ قىلماي بىر ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۇمۇ قازا قىلىدۇ.

3

تېما

46

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 3277
توردىكى ۋاقتى: 368
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-26

پەخىرلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2016-11-2 14:36:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىلىمۇ ياخشى بۇ ئايالنىڭ ئەردىن تەلىيى چىقىپتۇ. ئەمىلى تۇرمۇشتا ھىچنىمىدىن تەلىيى چىقمىغانلارمۇ بار.خۇددى دەرت ئۈستۈگە يارالغاندەك. بۇنداق ئاياللار ئۆزىنى بەزىدە «ئىتنىمۇ ئىگىسى ياخشى كۆرسە، باشقىلار بوزەك قىلمايدۇ»دەپ ئويلاپ مىنى كىچىكىمدىن ئاتا-ئانام ياخشى كۆرگەن بولسا مەنمۇ خەقە ئوخشاش ئەتىۋارلانغان بولسام خەقنىڭ قىزىدەك ياخشى كۈن كۆرگەن بولاتتىم دەپ ئويلايدۇ.

66

تېما

7

دوست

6636

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   32.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34629
يازما سانى: 468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 132
تۆھپە : 2012
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-22

تېما ماھىرى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-11-2 16:03:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
masturam يوللىغان ۋاقتى  2016-11-2 14:36
ھىلىمۇ ياخشى بۇ ئايالنىڭ ئەردىن تەلىيى چىقىپتۇ. ئەمىلى ...

ئەمىليەتتە ئۇ قىز شۇ جاپالىق ئۆتمۇشلىردىن بەك رازى ،چۈنكى جاپالىق كۈنلەر ئۇنى تاۋلاپ چىقتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )