- تىزىملاتقان
- 2016-9-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2017-1-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1454
- نادىر
- 0
- يازما
- 130
ئۆسۈش
45.4%
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيرلىك بولسۇن، گەپنى ئۇدۇللا باشلاي، مەن ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقىلىمۇ 5 يىلدەك بولۇپ قاپتۇ. تولۇقتىكى چاغلىرىمدا سىرتلارنى جىق كۆرمىگەچكىمىكىن، ھەم كۆرسەممۇ ئەتراپىمدىكى ئىشلارغا جىق ئېتىبارىمنى بەرمىگەچكە تولۇقتىكى ۋاقتىم پەقەت شۇ ئوقۇش بىلەنلا ئۆتۈپتۇ. ئۇنىڭدىن بۆلەك ھېچ ئىش بىلمەيدىكەنمەن. مانا ئالىي مەكتەپكە چىقىۋىدىم، ئىختىيارسىز ئەتراپىمدىكى ئىشلارغا نەزىرىمنى تاشلايدىغان، بۇ يەردىكى ئەھۋاللار بىلەن يۇرتۇمدىكى ئەھۋاللارنى سېلىشتۇرىدىغان بولۇپ قالدىم .كۆڭلۈمدە ئىچكىرىدىكى يېڭىلىق،ياخشى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يۇرتۇمغا ئىلىپ كېتىشنى ئويلايتىم .شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىمدىكى ئاشۇ پەرقلەرنى خاتىرىلەپ ماڭىدىغان ئادەتنى ئۆزۈمگە يىتىلدۈردۈم ،بۈگۈن مەن ئۆزۈم كۆزەتكەن ئىككى پەرقنى مۇنبەر ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن .
مەن بۇ يەردە كۆرگۈنۈمنى سۆزلەيمەن، يالغان گەپنى توقۇپ چىقمايمەن. بەزى ئىشلارنى يۇرتۇمدىكى بىلەن سېلىشتۇراي دېسەم ،يۇرتۇمدىكى ئەھۋاللاردىن تولۇق خەۋەردار ئەمەسمەن ،نېمىلا دېگەن بىلەن بىر يىلنىڭ 10ئېيى ئىچكىرىدە تۇرىمىز،شۇڭلاشقا مۇنبەردىكى قېرىنداشلارنىڭ بەزى سۆزلىرىمنى زىغىرلاپ ماڭا تىل ياغدۇرماسلىقىنى ،خاتالىق بولسا تۈزىتىش بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بىرىنچى ئىش : مەن بىر كۈنى ياتاقتىن دەرسكە بارغۇچە يول بويىدا كىتابلارنىڭ يەرگە تىزىلىپ قويۇلغىنى كۆردۈم ،لېكىن بۇ كىتاپلانى ساتقۇچى ئۆزى يوق ،قارىسام بىر چەتتە پۇل سالىدىغان بىر يېشىك تۇرىدۇ ،ئۈستىگە بىر كىتاب 10 سوم دەپ يېزىغلىق، يول بويىدىكى كىشىلەر توختاپ كبتاپنى كۆرىدۇ ،ئالغىسى كەلسە ئىلىپ 10سوم پۇلنى يېشىككە تاشلايدۇ ،ئالغىسى كەلمىسە كىتابنى قويۇپ كېتىدۇ ،مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ ھەيران قالغان ئىدىم .چۈنكى ئۇ كىتابنى ئىلىپ كەتسىمۇ پۇلنى بەرمىسىمۇ بولىدۇ ئەلۋەتتە ،چۈنكى بۇنى «ھېچكىم» كۆرمەيدۇ ،لېكىن ھېچ ئۇنداق قىلىدىغانلار باردەك ئەمەس ئىدى،كىيىن مۇشۇنداق يايمىكەشلىك قىلىدىغانلارنى ئارىلاپ ئارىلاپ ئۇچرۇتۇپ تۇردۇم ،ھەم ئويلاندىم .بىزدەك ھېچكىم كۆرمىسىمۇ خۇدايىم كۆرۈپ تۇرىدۇ دەپ بولسىمۇ باشقىلارنىڭ نېسىۋىگە كۆز سالمايدىغان خەلق ئارىسىدا نېمىشقا مۇشۇنداقراق ئېسىل ئىشنى كۆرمەيدىغاندىمەن دەپ قالدىم .بۇ بىر كىشىنىڭ ساپاسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى سىنايدىغان سەھنە ئىكەن .مەن يۇرتۇمدا مۇشۇنداق ئىشنى كۆرۈشنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن ،ئەگەر كۆرۈپ قالسام شۇ ساتقۇچىنىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان ئىشەنچىسىگە بولغان قايىللىقىمنى ،ھۆرمۈتۈمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسىمۇ شۇ يەردە ئۇنىڭ مىلىنى سىتىۋالىمەن ،ئىشىنىشمۇ ئۆزئارا بولىدۇ ،مەن سەندىن ماڭا ئىشىنىشنى تەلەپ قىلىدىكەنمەن ئالدى بىلەن مەن ساڭا ئىشىنىشىم كېرەك
ئىككىنچى ئىش: مەن بۇ يەردە بىلەت بىلىش ئۈچۈن پويىز ئىستانىسغا بارىمەن ،ئاۋۋال توردىن ئىلىپ،بىلەت چىقىرىش ماشىنىسىدىن چقىرىۋالەمەن دەپ ئويلغان ئىدىم ،لېكىن بىلەت ئىلىش ماشىنىسىدىن چىقىرالماي ،بىلەتنى ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئالماقچى بولدۇم ،دەسلىپىدە ئۆچرەتنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى كۆرۈپ چۆچىگەن ئىدىم ،چۈنكى يۇرتۇم ئاتۇشتا بىلەت ئىلىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرۇشتىن جاق تويغان ئىدىم ئاتۇشتا كىچچىكىنە بىر بىلەت ئىلىش زالىدا ئادەم مىغ-مىغ ،پەقەت بىرلا كۆزنەك ئىشلەيدۇ ،باشقىسى ئېتىك.يەنە كىشىلەرنىڭ «ئاڭسىزلىقى»،ئۆچرەتنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ كىرىۋېلىشى،باشقىلارنىڭ قىسلبپ كىرىۋالغان كىشىنى تىللىشى،قىسىلىپ كىرىۋالغان كىشىنىڭ يالغان سۆزلەپ مەن بۇ يەردە بارتىم دېيىشلىرى ،يەنە بىلەت ئالغۇچى بىلەن بىلەت ساتقۇچى ئارىسىدا تالاش تارتىشلارنىڭ بولۇشى ،بىر كۆزنەككە ئىككى ئۆچرەتنىڭ پەيدا بولۇشى ،ئۆچرەتنىڭ ھېچ ئۆچرەت سىياقى يوقلۇقى ،ئىشقىلىپ مۇشۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىدىن تولىمۇ بىزار ئىدىم ،لېكىن ھەممىمىز بىلىمىز،بىزار بولغانغا ئاچچىغلانغا ئىش ھەل بولۇپ قالمايدۇ ،بۇنىڭغا سەۋەب ۋە چارە ئىزدىمەك لازىمدۇر .مەن سەۋەبنى ئۈچ يەردىن ئىزدىدىم ،
(1) پويىز ئىستانسىسىنىڭ تۈزۈمى،چۈنكى ئۇلار كۆزنەكتىن پەقەت بىرنىلا ئىچىپ قويۇپتۇ ،يازلىق تەتىلدە بىلەت ئىلىش ئۈچۈن زالغا باردىم ،مەن ئۇيەردە بىر سائەت ساقلاپ ئالدىغا ئاران ئىككى مېتىر ماڭدىم «ئۆچرەت ئىككى مېتىر قىسقىرىدى » يەنى كېلىپ ئۇلار چۈشتە 2.30دىن باشلاپ 5كېچە ئىشلەيتى ،مەن بىلەتنى ئالالىشىمغا ككزۈم يەتمەي ،قايتايمىكىن دېدىم ،ھەم بىردەم تۇرۇپ باقايمىكىنمۇ دېدىم،قارىسام ئالدىمدىكى خەن قىز مەندىن ئۆتەر تىت-تىت بولغۇلى تۇرۇپتۇ ،ئۇنىڭدىن ئەھۋالنى سورىسام،ئۇ دادىسى بىلەن چۈشتىن بۇرۇن كەپتىكەنتۇق ،لېكىن بىر سائەتتىن ئارتۇق ساقلاپ ئۇنىڭغا كەلگەندە خىزمەتچىلەر ئىشتىن چۈشىدىغان بولۇپ قاپتۇ ،ئامال يوق چۈشتىن كىيىن كەپتۇ ،كەلسە يەنە شۇ كىشىلەرنىڭ ئۆچرەتتە ياخشى تۇرماسلىقى ،ساتقۇچى بىلەن ئالغۇچىنىڭ تالاشتارتىشلىرى سەۋەبلىك،ئۆچرەت شۇنداق ئاستا مېڭىپتۇ ،ھەم ئۆزنىڭ بەك ئالدىرايدىغانلىقىنى ماڭا ئېيتىپ خېلى قايناپ بەردى ،مەنمۇ ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردىم ،ھېچقىسى يوق بىزنىڭ بۇ يەر مۇشۇنداقراق ،شىمال تەرەپتە ،ئىچكىرلەردە ئەھۋال بەك ياخشى دېدىم چۈنكى دېمىسىمۇ شۇنداق ئىدى ،شۇ چاغدا بېكەت باشلىقى يېتىپ كەلدى ،ئىككىمىز ئۇ باشلىققا نېمىشقا كۆزنەكتىن ئىككىنى ئاچمايسىلەر دېدۇق،ئۇ بىزگە مەندىمۇ ئامال يوق چۈنكى ھازىر قولۇمدىمۇ ئادەم ناز بولاتىدۇ ،ئادەم يېتىشمەيدۇ دەپ جاۋاب بېرىپلا كەتتى ،بىزمۇ شۇ ھە دەپلا تۇرۇپ قالدۇق ،مەن ئۇلارغا كۆزنەكتىن ئىككىنى ئېچىش،ياكى ئىنتىزام باشقۇرىدىغانغا مەخسۇس ئادەمدىن بىرنى ئاجرىتىش تەكلىپىنى بىرىمەن.
(2) بىلەت ساتقۇچىدىنمۇ ئازراق سەۋەبلەرنى ئىزدىدىم،چۈنكى ئۇ پەقەت يوق ياكى باردىن باشقا ھېچقانداق ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشنى بىلمەيدىكەن(يا مەن بىلمىدىممۇ ).بۇ ئەھۋال ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى ئارىسىدىكى جېدەلگە پىلتا بولالايدۇ ،چۈنكى بىرسى ئىككى سائەت ئۆچرەتتە تۇرۇپ سىزدىن يوق دېگەن گەپنى ئاڭلىسا قانداق ئويلايدۇ ،كۆڭلى ئەلۋەتتە تىنچ بولمايدۇ دە ،ھېچ بولمىسا ئازراق بولسىمۇ چۈشەندۈرۈش بېرىلىشى كېرەك دە ،ھازىر قوشتىلنى كۈچەيتىۋاتقان مەزگىل شۇڭا بۇ كىشىلەرنىڭ قوش تىل سەۋيەسىگىمۇ ئېتىبار بېرىلىشى لازىم.
(3) ئالغۇچى يەنى بىزلەر ئارىمىزدا ئەنە شۇنداق ئۆچرەتنى بۇزىدىغان ،كىيىن كەلگەن تۇرۇپمۇ ئالدىغا ئۆتىۋالىدىغان كىشىلىرىمىز بار ،مەن بۇلارنى ئاڭسىز دېيەلمەيمەن ،چۈنكى مەنمۇ تاس قالىتىم شۇنداق قىلىپ سالغىنى ،چۈنكى مۇھىت بىزنى ئەنە شۇنداق «ئاڭسىز»بولۇشقا قىستايدۇ ،ئارىمىزدا ئاڭسىز كىشىلەرمۇ بار ،يوق ئەمەس،بەلكىم مۇشۇ مۇنبەردىمۇ بار بولۇشى مۇمكىن .ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ كۆرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئۆز گېپىمگە كەلسەم مەن ئىچكىرىدە ۋوگزالدىكى ئاشۇ ئۇزۇن ئۆچرەتنى كۆرۈپ چۈچىگەن ئىدىم ،ئاتۇشتىكى قىسقىغىنا بىر ئۆچرەت ئادەمنى ساراڭ قىلىپ قويالايدۇ .لېكىن ئىش مەن ئويلىغاندەك بولمىدى ،ئۇ 40,50مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆچرەت 15مىنۇتتا تۈگەپ بولغان ئىدى .مەن ئۆزۈم ئاتۇشلۇق بولغاچقىمىكىن پۇل تېجەش ئۈچۈن ياتىقىمنىڭ ئالدىدىكى ۋاكالىتەن سېتىش ئورنىدىن ئالماي ،ئاتايەن زالغا باراتتىم .چۈنكى ۋاكالىتەن سېتىش ئورنىدا 5سوم پۇل ئارتۇق كېتەتتى ،يەنە كېلىپ مەن باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى بەك ياخشى كۆرگەچكە،دوسلۇرۇمنىڭ بىلەتلىرىنىمۇ ئالغاچ كېلەتتىم .زالدا ماڭا بەكرەك تەسىر قىلغىنى ماڭا بىلەت ئىلىش كەلگەندە بىلەتنى شۇنداق تىز چىقىرىپ بېرىشى،ھەم ئارىسىدىكى بىر دوستۇمنىڭ پۈتۈن بىلەت بولۇپ قاپتىكەن ،ئۇ كىشى ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ دوستۇڭ پۈتۈن بىلەت ئاپتۇ ،ئۇنىڭغا دەپ قوي ،ئۇ ئوقۇغۇچىلىق گۇۋاھنامىسىنى ئەكەلسە مەن يېرىم بېلەتكە ئالماشتۇرۇپ بىرىمەن دېگەن ئىدى ،مەن بۇ كىشىنىڭ گېپىدىن تولىمۇ سۆيۈنگەن ئىدىم .
مانا بۇ پەرق ئىدى .مەن ئۇزاق ئويلاپ ئاتۇشقا ۋاكالىتەن بىلەت سېتىش ئورنىدىن بىرنى تەسىس قىلىنىمىكىن دېدىم ،چۈنكى ئاتۇشتا ئىچكىرىدە بار بۇنداق يۇقىرى ئۈنۈملۈك زال مۇلازىمىتى يوق ئىدى.چۈنكى دائىم ئاشۇ دادامدەك ئانامدەك قېرىنداشلىرىمنىڭ بىلەت ئىلىش ئۈچۈن،چۈشتە قايتماي بىرىنچى بولۇپ زالغا كىرىش ئۈچۈن ئاتتاپقا قاقلىنىپ ۋاقىتنىڭ توشىشىنى ،خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا چۈششىنى ساقلاشلىرى ،ئۆز يۇرتىنىڭ بىلەت ئىلىش زالىدا ئۆز تىلىنى ئۇقتۇرالماي قىيلىنىشلىرى، ئامال يوق باشقىلاردىن ياردەم سوراشلىرى،تەستە ئۆچرەتتە تۇرۇپ بار بىلەتنى ئالالماي قۇرۇق قول قايتىشلىرىنى ئويلىسام ،يۈرىكىم بەك ئاغرىيدۇ .يۇرتۇمدا مۇشۇ قېرىنداشلىرىمىزغا قولايلىق ئىلىپ كېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ بىلەت ۋاكالىتەن سېتىش ئورنىدىن بىرنى قۇرۇپ چىقىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم ،مەن مىنىڭ مۇشۇ تېمامنى ئوقۇۋاتقان ئاتۇشلۇق قېرىنداشلىرىمنىڭ ئارىسىدىن مانا مەن قۇرىمەن دەيدىغانلارنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، باشقا يۇرتتىكى قېرىنداشلار سىلەرنىڭ يۇرتتىمۇ بىلەت ئىلىش ئاتۇشتىكىگە ئوخشاش قىيىن بولسا ،سىلەرنىڭمۇ ئۆز يۇرتۇڭلاردا قۇرۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمت قىلىمەن، بۇنى قانداق قۇرۇش،ۋە كېتىدىغان تەخمىنەن مەبلەغ قاتارلىقلارنى ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويىمەن.
يەنە باشقا تەرەپلەردىن كۆزەتكەن يېڭىلىق ۋە پەرقلەر بار، مەن ئۇلارنى كىيىنكى تىمامغا قالدۇراي. بۈگۈن مۇشۇ ئىككىسى بولسۇن. قېرىنداشلارنىڭ تىمامغا تولۇقلىما بېرىشىنى، ئىچكىرىدىكى باشقا يۇرتلاردا تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئۆز ئەتراپىدا كۆرگەن، يۇتمىزدا يوق بولغان ئەھۋاللارنى تولۇقلىما قىلىپ يېزىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى بىز يۇرتىمىزغا يېڭىلىق ئىلىپ كىرىمىز دەيدىكەنمىز، ئەتراپىمىزدىكى ئەنە ئاشۇ كىچىك بولغان ئىشلارغىمۇ دىققىتىمىزنى ئاغدۇرىشىمىز لازىمدۇر.
|
|