قۇمۇل قارادۆۋىدە چېلىش مۇسابىقىسى
[align=justify] 3-ئاينىڭ 16،17،18 كۈنلىرى قارا دۆۋە يېزىمىزدىكى چېلىشخۇمار باھادىرلىرمىزنىڭ بىرى بولغان ئىسمايىل يۈسۈپ (قاپاق)ئۇكىمىز ئۆزىنىڭ قۇتلۇق تويى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈچ كۈنلۈك چېلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى ،مۇسابىقىنىڭ تولۇق ئەھۋالىنى تېخىچە مۇنبەر ئەھلى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرەلمىگەن ئىدۇق ،كېچىكتۈرگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئەپۇ سورايمىز .
مۇسابىقىنى 6 قىسىم قىلىپ يىغىنچاقلاپ قويدۇق .چېلىش خۇمارى بار قېرىنداشلارنىڭ ئۇسسۇلىقى راۋۇرۇس قانسا ئەجەپ ئەمەس .
قارا دۆۋە يېزىمىزدىكى بۇ مۇسابىقە دەسلەپكى باشلىنىش ،ئۇرۇنۇشلىرمىزنىڭ بىر قىسىمى ئىنشائاللا يىققىن كەلگۈسىدە باھادىرلارنىڭ كۈچ سىنىشسى ھېسابلىندىغان، ئەۋلاتلىرمىزغا روھىي جەھەتتىن كۈچلۈك سىلكىلنىش ئېلىپ كىلدىغان بۇنداق قىممەتلىك پائالىيەتلەرنى دىيارىمىزدىكى ھەر قايسى رايونلىرى ئارا ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىمىز .ئەجدات روھى خىرەلىشىۋاتقان ،ئۆزلۈك ئېڭىمىز سۇسلىشۋاتقان ئۈشبۇ كۈنلەردە بۇ مۇسابىقەنىڭ خەلقىمىزگە روھى ئوزۇق بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمىز . ئۈشبۇ مۇسابىقىنى كۆرۈپ پالۋانلىرمىز بىلەن كۈچ سىناپ بېقىشنى ئارزو قىلغان يىراق -يىققىندىكى قېرىنداشلارنىڭ قارا دۆۋە يېزىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز .
ساخاۋەتلىك بايلىرمىزدىن بىرىنىڭ 5-ئايدا يەنە بىر مەيدان چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىش خەۋىرى كىلۋاتىدۇ ،ئىنشائاللا ۋاقىت مۇقۇملاشسا ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتىنى مۇنبەردە ئېلان قىلىمىز .
تۆۋەندە مۇسابىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن ھوزورلانغايسىلەر :
[align=justify]1-قىسىم
2-قىسىم
3-قىسىم
4-قىسىم
5-قىسىم
6-قىسىم
|