قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن يولدىشىمنىڭ ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن يۇرتىغا باردۇق، ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى قىزغىن ھېيتلاشلار ئاخىرلىشىپ، كەچتە قېرىنداشلار جەم بولۇپ ئولتۇرغاندا قېيىنئانام ئىككى-ئۈچ ئالبومنى كۆتۈرۈپ چىقىپتۇ، ئالبومدىكى رەسىملەرنى تالىشىپ كۆرۈشكە باشلىدۇق.
-مانا سېنىڭ كىچىك ۋاقتىڭ، ماۋۇ سېنىڭ مەكتەپكە كىرگەن ۋاقتىڭ، مانا ماۋۇ مېنىڭ ياش ۋاقتىم، -دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى قېيىن ئانام.
ھەممىمىز رەسىملەرنى تالىشىپ كۆرۈشكە باشلىدۇق، ئالبومنى كۆرۈۋېتىپ يولدىشىمنىڭ چىرايلىق بىر قىز بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى كۆرۈپ قالدىم، يولدىشىم دوستلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى چىقىپ كەتكەنىدى.مەن سۈرەتنى تېلېفونىمدا سۈرەتكە تارتىپ يولدىشىمنىڭ تېلېفونىغا ئەۋەتىپ بەردىم.
-نەدىن تاپتىڭىز بۇ سۈرەتنى؟-ئۇ دەرھال ئۇچۇر قايتۇردى.
-ئۆيدە باركەن.
-يىرتىۋېتىڭ بولدى.
-ياق ساقلاپ قويىمەن،-دېدىم مەن ئەستايىدىللىق بىلەن. لېكىن يولدىشىم مېنىڭ گېپىمنى تەنە گەپ دەپ چۈشەندى.
-يىرتىۋېتىڭ بولدى ئوبدان خوتۇن، بۇرۇنقى ئىشلار ئۇ،-ئۇ مېنى خاپا بولۇپ قالدى دەپ ئويلاۋاتاتتى.
-ياق ساقلاپ قويىمەن، ئەينى چاغدا سىزنىڭ باشقا قىزلار بىلەن يېزىشقان خەتلىرىڭىزنىمۇ يىرتىۋەتمىسەم بوپتىكەن، ئەينى چاغدا مېنى قوغلاشقان يىگىتلەرنىڭ خەتلىرىنىمۇ يىرتىۋەتمىسەم بوپتىكەن، ئەسلى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئەسلىمە ئىكەنتۇق...
-كۈنلىڭىز يەنە تۇتۇپتۇ دە،-يولدىشىم مېنىڭ سەمىمىي گەپ قىلىۋاتقىنىمغا راستلا ئىشىنەلمىدى.
مەن ئارتۇق چۈشەندۈرۈشنى خالىمىدىم، ئەسلى ئەينى چاغدا ھازىرقىچىلىك ئەقلىم بولسا يولدىشىم بىلەن يۈرگەن ۋاقتىمدا بايقاپ قالغان ئۇنىڭ بۇرۇن يۈرگەن قىزلىرى بىلەن يېزىشقان خاتىرە-خەتلىرىنى ھەرگىزمۇ يىرتمىغان بولاتتىم، ئۆزۈمدىكى خەت-چەكلەرنىمۇ كۆيدۈرۋەتمىگەن بولاتتىم. توغرا مۇھەببەت شۇنچىلىك شەخسىيەتچى بولىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ بارلىقىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغۇسى كېلىدۇ.لېكىن ئويلاپ قالدىم، ئۆمرىمىزنى بېرىپ قېرىغىنىمىزدا، دېرىزە تۈۋىدە ئولتۇرۇپ،كۈزنىڭ ئالتۇن رەڭ يوپۇرماقلىرىنىڭ ئاستا-ئاستا چۈشكىنىنى تاماشا قىلغىنىمىزدا،ئاشۇ چاغلاردىكى باك-غۇبارسىز ئەسلىمىلەرنى، ھېچقانداق شەخسىيەت ئارىلاشمىغان مۇھەببەتلىك ئەسلىمىلەرنى ئەسلىمەسمىدۇق....ئۇ مەن بىلەن توي قىلىپ ماڭا مەنسۇپ بولغان بولسىمۇ، ئۆتمۈشى، ئەسلىمىلىرى ماڭا مەنسۇپ ئەمەستە...
-مەن كېلەر قېتىم بارغاندا ئۇ رەسىمنى ئەكېلىپ ساقلاپ قويىمەن. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ سىزنىڭ بۇرۇنقى ئەسلىمىلىرىڭىز تۇرسا.
-يەنە نېمە بولدىڭىز؟-ئۇ مېنىڭ بۇ سەمىمىي پوزىتسىيەمگە ئىشىنىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
ئا.ھىمىت