شۈكۈر
تۇتۇش ئۈچۈن قول بەرگەن،
سۆزلەش ئۈچۈن تىل بەرگەن.
ھىدلاش ئۈچۈن گۈل بەرگەن،
رەببىم ساڭا كۆپ شۈكۈر. مېڭىشقا ئاياق بەرگەن،
ئاڭلاشقا قۇلاق بەرگەن.
ئېغىز، چىش، تاماق بەرگەن،
رەببىم ساڭا كۆپ شۈكۈر. شۇ گۈزەل چىچەك ئۈچۈن،
ئۇچقان كېپىنەك ئۈچۈن.
ئاسمانۇ- پەلەك ئۈچۈن،
رەببىم ساڭا كۆپ شۈكۈر. ئاتام ۋە ئانام ئۈچۈن،
ئاجايىپ ئالەم ئۈچۈن.
بارچە نىمىتىڭ ئۈچۈن،
رەببىم ساڭا كۆپ شۈكۈر. تاماقتىن بۇرۇنقى دۇئا تائام يىيىشتىن ئالدىن،
قول ئاچتىم رەببىم ساڭا.
ساغلام ئەقىل، ساپ ئىمان،
گۈزەل ئەخلاق بەر ماڭا. يىمىسەم ئۆسەلمەيمەن،
مەكتەپكە بارالمايمەن.
قېنى تېز- تېز يىيەيلى،
مەكتەپكە تېز كېتەيلى.
ياراتقان ﯪﻟﻼھىمغا،
دائىم دۇئا قىلايلى. تاماقتىن كېيىنكى دۇئا ئەلھەمدۇلىللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ،
بۇ نىمەتنى بەرگەن ﯪﻟﻼھ.
تائام بەرگەن، رىزىق بەرگەن،
رەببىم پاكتۇر سۇبھانەللاھ كۆپەيسۇن ئازايمىسۇن،
قوشۇلسۇن كېمەيمىسۇن،
ئاخىرى كۆرۈنمىسۇن،
ئىشتىھا كېسىلمىسۇن. رەببىم مېنىڭ بىر ﯪﻟﻼھ رەببىم مېنىڭ بىر ﯪﻟﻼھ،
لائىلاھە ئىللەللاھ.
ئىشىنىمەن دىلىمدىن،
چۈشۈرمەيمەن تىلىمدىن. رەببىم مېنىڭ بىر ﯪﻟﻼھ،
لائىلاھە ئىللەللاھ.
مۇھەممەدتۇر ﯪﻟﻼھنىڭ،
ئەلچىسى رەسۇلۇللاھ. رەببىم مېنىڭ بىر ﯪﻟﻼھ،
ئىشىنىڭلار تۇققانلار.
ئۇدۇر بىزنى ياراتقان،
دىلغا ئىمان تاراتقان.
رەببىم مېنىڭ بىر ﯪﻟﻼھ،
ئىشىنەر مۇسۇلمانلار.
مەن مۇسۇلمان بولىمەن،
ئەقىل كۈچكە تولىمەن. . |