ۋاقىت كارۋانلىرى ئىچرە قەدەم تاشلاپ كىلەر يىللار، دەقىقە توختىماس يولدا نىشانى بىخەتەر يىللار.
مىسالى ئوق،ئېقىن دەريا سەپەردە كەينىگە يانماس، ھاياتقا سوۋغىسى ھەقسىز،داۋام رەتلىك ئۆتەر يىللار.
يىغىپ سائەت بىلەن ئاينى،مىنۇتنى ئوينۇتۇپ ئوغلاق، ۋاقىت سەيناسىدا جەڭگە تۈرۈپ يەڭنى چۈشەر يىللار.
ۋىلىقلاپ شوخلۇنۇپ يۇلتۇز،كۈلەر شەمسى-قەمەر كۆكتە، سىنىڭ نامىڭ بىلەن ئۆچمەس،ھاياتقا نۇر تۆكەر يىللار.
پۈتۈن ئالەم ئۈچۈن چەكسىز بىرەر ئمكان بىلەن ئىلھام، ھاياتقا جان- پىدا ئەيلەپ ئۆزىنى تۆت بۆلەر يىللار.
بىرى ئۇنىڭ باھار پەسلى،پۈتۈن جانلىق كۈلەر قەھ-قەھ، زىمىندا ھەر گىياھ بەس-بەس بىلەن شاخلاپ ئۆسەر يىللار.
تومۇزدا جاللىنىپ ئىقلىم ئۇسۇلغا چۈشتى ئويناقلاپ، تېپىپ قۇدرەت گۈزەل ھۆسنى بالاغەتكە يىتەر يىللار.
سېخى كۈز كەلدى ئالەمگە، قىيامىغا تولۇپ بارلىق، بولۇپ خامان قوناق-بۇغداي،مىۋە شەربەت تۆكەر يىللار.
ۋاقىتنىڭ قىسمىتى شۇنداق كۈنىگە ئاي قوشۇلغان يىل. بىرى بىرسىگە يول باشلاپ ئەسىر-ئىرا كىزەر يىللار.
ۋاقىتنىڭ ئۆلچىمى قاتتىق، ئۆمۈرگە چەك قويالايدۇ، كۈنى پۈتسە قاراپ تۇرماي ئېلىپ جاننى كىتەر يىللار.
يۈرەك ئويناپ كىتەر ھەردەم يېڭى يىلدىن خەۋەر كەلسە، ھايات پەيزى سۈرەرمىز دەپ خۇشاللىقتىن كۈلەر يىللار.
مىنۇت ئىچرە بېسىپ ئۆتكەن ھاياتتىن قالدۇرۇپ ئىزلار، بوران چاپقۇندىمۇ ئۆچمەس بۈيۈك تارىخ پۈتەر يىللار.
ئۆمۈرچەكلىك،ۋاقىت چەكسىز،بۇنىڭدىن قايغۇرۇپ بولماس، مىنۇت،سائەتنى چىڭ تۇتسا چوقۇم ئىمكان بىرەر يىللار.
تۆمۈرگە جان بىرىپ ئادەم ئۇچۇردى كۆكتە قۇشلاردەك، ئەقىل-ئىدراك بىلەن ئۆڭمەس،زىمىنغا گۈل ئۈنەر يىللار.
سىزار رەسسام،يازار شائىر ۋاقىتنىڭ قوينىدىن ئوبراز، ئۇلۇغ ئىنسان سىماسىغا گۈزەل نەققاش چىكەر يىللار.
قاچاندا بىر يېڭى ئەۋلات تۆرەلسە كۆز ئېچىپ شۇ ئان، ئۇنىڭدىن بىر يېڭى ئىستەك،يېڭى مۆھجىز كۈتەر يىللار.
ئۆزەمنىڭ ئجادىيتى. |