«ئۆزۈڭنى ئەرگە ئوخشاتساڭ،بىراۋنى شىرغا ئوخشاتقىن» ئۆزۈڭنى زەرگە ئوخشاتساڭ، بىراۋنى گىرغا ئوخشاتقىن.
كۆرەڭلىك، ساختا شۆھرەتتىن سۈرۈپ دەۋىر ئۆتۈشنى سەن، ئاۋامنىڭ كۆزىنى باغلار،تۇمار-سېھىرغا ئوخشاتقىن!
داۋام غەپلەتتە چۈش كۆرۈپ ياتار بولساڭ ھوشۇڭ تاپماي، دىلىڭدۇر ئۇۋىسى شەيتان، ئۇنى سەن پىرغا ئوخشاتقىن!
تالايلار كەلدى دۇنياغا، يوقالدى -نامۇ-ئىزسىزلا، سەۋەب ئاددى، كىبىرنى سەن تېپىشماق-سىرغا ئوخشاتقىن.
مۇشەققەت-رەنجىلەر خەستۇر، داۋامەت ئەزىمەت ئەرگە، سەپەر جەبرى بىلىنمەس ھېچ، داۋاننى قىرغا ئوخشاتقىن!
ھاياتلىقتىن ئېلىپ ھېكمەت، ۋۇجۇد گۈلزارغا ئايلانسۇن، ئۇنىڭسىز دىل ئېتىزىڭنى قاقاس-ئېدىرغا ئوخشاتقىن.
قاراپ باق ،بارمۇ دۇنيادا ئۆلۈمگە چارەيۇ-ئىمكان، ئۆزۈڭنى تازا قىل پاكىز، جاھاننى كىرغا ئوخشاتقىن!
ئالەم پانىي بىلەر دانىش، پاناھ بولماس ساڭا مەڭگۈ، شۇڭا ئاگاھ ياشا ئىنسان، ئۆزۈڭ ھېقىرغا ئوخشاتقىن!
* * * مۇھەممەت توختىماس سۆزدىن، رىياكار-بىئەقىل بولساڭ- مېنى ھەتتاكى سۆزمەن دەپ، سۆزۈم كىبىرغا ئوخشاتقىن!
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم.
|