- تىزىملاتقان
- 2011-9-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7842
- نادىر
- 2
- يازما
- 315
ئۆسۈش
  100%
|
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى tograk777دە2012-03-25 10:49يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار !
مەن شەخسەن بۇتېمىغا قارشى پىكىردە(تېما ئىگىسىگە ئەمەس )، چۈنكى دىننىڭ ۋەزنى ئېغىر بولىدۇ. ئۇنى خالىغان ئادەم كۆتۈرۇپ ماڭالايدىغان نەرسە ئەمەس . ئەدەبىياتقا تۇتقان پوزىتسىيە بىلەن ئىش قىلغۇلۇق ئەمەس. يەنى ھاياجاندا ،تەپەككۇر قوزغالغاندا يازىۋەرگۈلۇك ئەمەس، دىنى خىزمەتلەرنىڭ ئۆز ئىگىسى، ۋە ئۇنى قانداق يەتكۈزۇش يوللىرى بار . بۇلارنى بىلىش كىرەك. ئۇنداق بولمىسا ھەرقانداق بۈيۇك ھەقىقەتمۇ ئۆزىنىڭ كۈچىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. تېما ئىگىسىگە دەيدىغىنىم: دىنىمىز توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! بەركەت بەرسۇن! دىن توغىرسىدا بىر نەرسە دىمەكچى بولسىڭىز ئۆلىمالارنىڭ سۆزلىرىنى ئۆز ئەينى يەتكۈزۇڭ ئاستىغا ئۇنىڭ ئىسمىنى ياكى كىتاپ ئىسمىنى قالدۇرۇڭ. مەنچە سىز نىڭ دىنى سۆزلەرنى بىۋاستە قىلىش ساھىبى بولۇشقا سالاھىتىڭىز توشمايدۇ.بۇنداق سالاھىيەتكە ئىرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن يىل ئوقىمىسىڭىز بولمايدۇ . بىۋاستە سۆزلەپ قويسىڭىز قىيامەتتە سۆزىڭىزگە ئىگە بولالمايسىز.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
دېگەنلىرىڭىزگە پۈتۈنلەي قوشۇلۇپ كېتەلمەيمەن. مەن بۇ تېمىدا پەتىۋا تۈسىنى ئالغان بىرەر قۇرنى كۆرمىدىم. باشتىكى قۇرلار تېما ئېگىسىنىڭ ئىسلامغا بولغان تونۇشى، گۈزەل ھېس تۇيغۇلىرى ئىكەن. تەپەككۇر قىپتۇ. تەپەككۇرمۇ ئىبادەت ھېسابلىنىدىغۇ؟! كېيىنكىلىرى قۇرئان كەرىمدىن ئېلىنغان ئېنىق دەلىلكەن. سىزگە يەنە قانداق كىتابنىڭ ئىسمى لازىم؟ قۇرئاندىن ئېلىنغان دەلىلگە قىيامەتتە ئىگە بولۇش كېتەمدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ:"ئاللاھ تائالا مىنىڭ سۆزۈمنى، ھەدىسىمنى ئاڭلىغان، بۇنى ياخشى ئۆزلەشتۈرگەن، يادىلىغان ۋە باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگەن كىشىنىڭ يۈزىنى نۇرلاندۇرسۇن!" دېگەن ئىكەن. (ئىمام بۇخارى 7-نومۇرلۇق، ئىمام مۇسلىم 71-نومۇرلۇق ھەدىس)
ئەجىبا ھۆپۈپتەك بىلگەننى ئىچىدىلا ساقلاپ يۈرۈش كېرەكمۇ؟ قىيامەتتە جاۋابكار بولىدىغىنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى نامىدا يالغان سۆزلەشتۇر قېرىندىشىم. |
|