بار
زۇنۇنجان مەمتىمىن شۈكرانى
ئول پەلەك ئەتكەن ئاتا گۈلنىڭكى ئۇز سىياقى بار، شول گۈلىنىڭ ئىشقىدا بۇلبۇل چېكەر پىراقى بار.
لەيلىنىڭ شېرىن ۋىسالىنى سۈرۈش مۈشكۈل بەسى، ئەگرى،تىك... مەجنۇنغا يولنىڭ كۆپ سىتەم، قىيناقى بار.
شۇندىمۇ دىل سۆيسە دىلنى مۇشكۇلى بولغاي ئاسان، ھەرنەپەس تارتار ئۆزىگە بولسىمۇ يىراقى بار.
گۈل گۈلىستان گۈل ئىچىرە ئاينىغان كۆپتۇر گۈلى، ھەر گۈلى پەرۋانىسىغا ئۆزگىچە پۇراقى بار.
نۇر نىگاھىدىن تۆكۈلسە يۇرىغاي ھىجران تۈنى، ئاشىقىغا مەشۇقىنىڭ ۋەسلىدە چىراقى بار.
بۇ ھاياتلىق ئالىمىدە كۈللىگە جۇپلۇق نېسىپ، سۇ بىلەن سۇ، تاشقا تاشنىڭمۇ ۋەزىن، تۇراقى بار.
ئۇ ھالال جۇپلۇق يولىغا كولىسا كىمكى ئورا، ئاخىرەت كۈتمەس مۇشۇ دۇنيادىلا سوراقى بار! |